شىركەت پاي چېكىنى بازارغا سېلىش شەرتلىرى

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-04 14:07:00

شىركەت پاي چېكىنى بازارغا سېلىش شەرتلىرى دائىم دىگۈدەك شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغانلىقىنى شۇنداقلا گاھى شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنىڭ ئۆرلەپ ،گاھى شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنىڭ چۈشىۋاتقانل...

        شىركەت پاي چېكىنى بازارغا سېلىش شەرتلىرى

       دائىم دىگۈدەك شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغانلىقىنى شۇنداقلا گاھى شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنىڭ ئۆرلەپ ،گاھى شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنىڭ چۈشىۋاتقانلىقىنى ، شۇنداقلا يەنە بەزى شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىش شەكلى بىلەن  باشقا شىركەتلەر تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
    ئۇنداقتا جۇڭگۇدا شىركەت پېيىنى بازارغا سېلىشقا ئائىت قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟
    شىركەتنىڭ شىركەت پېيىنى بازارغا سېلىشنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس قانۇنى بار. 2007-يىلى يېڭىدىن قارار قىلىنغان پايچېكى قانۇنىدا جۇڭگۇدىكى شىركەت پېيىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ئورۇنلىغان بولۇشى كېرەك.
        1. شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى ئەللىك مىلىيۇن يۈەندىن كەم بولماسلىقى كېرەك.
       2. تىجارەت باشلىغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇشى، ئۈچ يىل ئۇدا پايدا ئالغان بولۇشى ، ئۈچ يىل جەريانىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، باج يۇشۇرۇش، ساختا ھىساپ يوللاش تارىخى بولماسلىقى كېرەك.
       3. شىركەت پېيى بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن قىممىتى مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان پايغا ئىگە پايچىك سانى مىڭدىن كۆپ بولۇشى، تۇنجى قېتىمدا ئاشكارا بازارغا سالىدىغان پايچېكى شىركەت ئۇمۇمى مەبلىغىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. شىركەت مەبلىغى تۆت يۈز مىلىيۇن يۈەندىن ئاشىدىغان شىركەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىمدا ئاشكارا بازارغا سالىدىغان پايچېكى شىركەت ئۇمۇمى مەبلىغىنىڭ 15%دىن كەم بولماسلىقى كېرەك.
       4. پايچېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە مەمۇرى تەدبىرلىرىگە بويسۇنۇش بىلەن بىللە قەرەللىك ھالدا مالىيە ئەھۋالى ۋە تىجارەت ئەھۋالىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى، يېرىم يىلدا بىر قېتىم ھەر يىللىق مالىيە يىغىنىدا ئىككى قېتىم مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى كېرەك.
      5. پاي چېكى دۆلەت گوۋۇيۈەنى پاي چېكى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن قانۇنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق