ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 14

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-25 10:17:19

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر(بىيرۇنى a) ئەزىز قېرىنداشلار! بىيرۇنى تۈرك خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردە يېتىشتۇرۇپ چىققان كاتتا ئالىملىرىدىن بىرى بولۇپ، 10 ـ ئەسىردە يېتىشىپ چىققان بۇ ئۇلۇغ تۈرك...



     

    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر

    (بىيرۇنى a)

         ئەزىز قېرىنداشلار! بىيرۇنى تۈرك خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردە يېتىشتۇرۇپ چىققان كاتتا ئالىملىرىدىن بىرى بولۇپ، 10 ـ ئەسىردە يېتىشىپ چىققان بۇ ئۇلۇغ تۈرك ئالىمى، تىبابەت، دورىگەرلىك، ماتېماتىكا، ئاستىرنومىيە، تەبىئەت، جۇغراپىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، پەلسەپە، تىلشۇناسلىق ۋە دىن تارىخى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى.  ئۇنىڭ 1037 ـ يىلىغىچە بولغان  ۋە ئۆز خاتىرىسىگە يازغان خىزمەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، جەمئىي 113 پارچە ئەسەر قالدۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ قالدۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ سانى كېيىنكى چاغلاردا 180 گە يەتكەن ئىدى. بىراق بۇلاردىن پەقەت 27 پارچە ئەسىرىلا كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلىدى.

        بىرۇنى 973 ـ يىلىدا جەيھۇن دەرياسى بويىدىكى خارىزىم شىھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر ماتېرياللارنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىگە قارىماستىن، تەتقىقاتلار ئۇنىڭ 23 ياشقا قەدەر خارىزىمدە تەربىيەلەنگەنلىكىنى مۇئەييەلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ خارىزىم ھۆكۈمدارى جەمەتىدىن بولغان ماتېماتىكاشۇناس، ئاستىرونوم ئەبۇ ناسىر  مەنسۇرنىڭ ھامايىسى ئاستىدا قاستىكى ھارىزىم سارىيىغا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، سارايدا ئاستىرنومىيە ۋە ماتېماتىكا ئۆگەنگەن ئىدى. ئەمما مەمۇنى ھۆكۈمدارى ئەبۇ ئابباس مەمۇن 995 ـ يىلى قاسقا يۈرۈش قىلىپ، «خارىزىم شاھى» دېگەن ئۇنۋاننى ئالغان چاغدا بولسا، بىرۇنى ئانا يۈرتىنى تاشلاپ چېقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە ھازار دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى "گۇرجان"غا بېرىپ يەرلەشكەن ئىدى.

        كېيىنكى چاغدا ئۇ زىيارى ھۆكۈمدارىنىڭ سارىيىغا قوبۇل قىلىندى. بۇ دەل مەمۇندىن كېيىن  ئۇنىڭ ئوغلى ئەلى ئىبنى مەمۇن خارىزىم سۇلتانى بولغان چاغ ئىدى. 1009 ـ يىلى ياش سۇلتان بىيرۇنىنى سارايغا چاقىرتىپ كەلدى. بىيرۇنى خارىزىم سارىيىدىكى ئالىملار سىپىگە قېتىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي سۇلتان  ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قېرىندىشى 2 ـ مەمۇن سۇلتان بولدى. 2 ـ مەمۇنمۇ ئىلىم ئەھلىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، ئىبنى سىنا، ئەبۇ ناسىر مەنسۇر ۋە بىيرۇنى قاتارلىق ئاتاقلىق ئالىملارنى سارىيىغا توپلىغان ئىدى.

        1017ـ يىلى غەزنەلىك مەھمۇت، مەمۇننىڭ ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بەرگەندىن كېيىن، بىيرۇنىنى غەزنەگە تۇتۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىيرۇنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر غەزنە سارىيىدا ياشىدى. بىيرۇنى دەسلەپتە مەلۇم مەزگىلگىچە سارايدا قاماقتا تۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما تونۇلغان ئالىم بولغانلىقى يۈزسىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئەپۇ قىلىندى ھەمدە غەزنەلىك مەھمۇت بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرسىنىڭ دەۋرلىرىدىمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭ ئىلمىي خىزمەتلىرىگە ۋە تەتقىقاتلىرىغا ياخشى شارائىتلار ھازىرلاپ بېرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىيرۇنى سارايدا سۇلتاننىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى بولۇپ ۋرەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئىلمىي تۆھپىلىرىمۇ دەل مۇشۇ مەزگىللەردە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان ئىدى.

    ************************************************ 

        بىيرۇنى نۇرغۇنلىغان ساھەلەر بويىچە يېتىشكەن ئالىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىرنومىيە ۋە ماتېماتىكىغا ئائىت يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى ئىلىم ـ پەن تارىخى جەھەتتىن ئىنتايىن قىممەتلىك نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى. بىيرۇنى ئاسترنومىيەگە ئالاقىدار ئەڭ مۇھىم ئەسىرى ھېسابلىنىدىغان «قانۇن»دا، ئارىستوتېل ۋە پىتولېمىنىڭ قاراشلىرىنى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندۇرۇپ، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ھەققىدە ئىنتايىن ئىجابىي قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بىراق بىيرۇنىي بۇ تېمىدا مۇئەييەن بىر نەتىجىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بىيرۇنىنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرىنىڭ بار ياكى يوقلىقى تېخىچە ئېنىقلانغىنى يوق.

        بىيرۇنى يەر يۈزىنىڭ ئۆرلىگەن نۇقتىسى دەپ قارىلىدىغان بىر نۇقتىدىن ئۇفۇق سىزىقىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى ئارقىلىق مېرىدىئان سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى ھېسابلاپ چىققان ئىدى. ئالىملار «مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يېرىم شارنى تۇنجى قېتىم ئۆلچەپ چىققان كىشى بىيرۇونىدۇر» دەپ قارايدۇ. بىراق بىيرۇنى ئۆز ئەسىرىدە بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرىمۇ ئىشلىتىلگەنلىكىنى يازىدۇ. بىيرۇنى شۇ مەزگىللەردە قاس، بۇرگەنچ ۋە غەزنەدە ئېلىپ بارغان ئۆلچەش خىزمەتلىرى جەريانىدا، ئوربېتەنىڭ يانتۇلۇقىنى ئىنتايىن ئېنىق بىر شەكىلدە ھېسابلاپ چىققان ۋە مېرىدىئان سىزىقلىرى بىلەن ئېكۋادور سېزىقلىرىنىمۇ نۇرغۇن قېتىم ئۆلچىگەن ئىدى. ئۆلچەم ۋە كۈزۈتۈش جەھەتتىكى خاتالىقلارنى ئىمكان قەدەر ئازايتىشقا قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ۋېرنىئېر پىرىنسىپىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان ئىدى.

        بىيرۇنىنىڭ ئاسترنومىيەگە ئالاقىدار ئەڭ كاتتا ئەسىرى بولغان «قانۇن»نىڭ بەزى بۆلۈملىرى ھەمدە ئاستىېرمونىيەگە ئالاقىدار يەنە باشقا بىر ئەسىرى 1922 ـ يىلى نىمىسچە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى.

       ماتېماتىكىدا، تىرېگونومېتىرىيەلىك فونكىسيونلارنىڭ بىرەردىن نىسبەت (يەنى سان) ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىيرۇنى، بۇ فونكىسيونلاردا چەمبەر راديوسىنىڭ كۈنىمىزدىكىگە ئوخشاش بىر بىرلىك سۈىپتىدە قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلىگىرى سۈرگەن، ھەمدە تىك ۋە يەرشارى پىرويېكسىيە قائىدىلىرىنى بەلگىلەپ چىققان ئىدى.  بىيرۇنىنىڭ فىزىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى، سېلشىتۇرما ئېغىرلىق ئۇسۇلىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ياساپ چىققان ئۈسكىنە ۋە شۇ ئۇسكىنى ئىشلىتىش  ئارقىلىق بەلگىلەپ چىققان سېلىشتۇرما ئېغىرلىقتىن ئىبارەت ئىدى. بىيرۇنى ئۆزى «بېگىز ئۈسكىنە» دەپ نام قويغان ۋە ھازىرقى زاماندىمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان، «پىكنومېتىرنىڭ تۇنجى ئۆرنىكى» دېيىشكىمۇ بولىدىغان مەزكۇر ئۈسكىنە ئارقىلىق 8 مېتال، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى قىممەتلىك تاشلاردىن تەشكىل تاپقان 23 قاتتىق جىسىم 6 سۈيۈق جىسىمنىڭ شېلىشتۇرما ئېغىرلىقىنى ھازىرقى دەۋردىكى ئۆلچەملەرگە ناھايىتىمۇ ماس بىر شەكىلدە بەلگىلەپ چىققان ئىدى.

        بىيرۇنىنىڭ 1048 ـ يىلى يېزىپ، سۇلتان مەۋدۇدقا تەقدىم قىلغان كىتابىدىكى بۇ تەتقىقاتى، ئۇنى تەبىئىي پەن بىلىملىرىنىڭ بايراقدارلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇزغان ئىدى. كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى نېمىسچە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بىيرۇنى ئۇنىڭدا فېزىكىدىن باشقا يەنە مىنېرالوگىيە، خىمىيە ۋە ئارتېزىيان قۇدۇقى قاتارلىق مۇھىم تېمىلارنى ھېدروستاتىك (يەنى جىمجىت سۇ) پىرىنسىپلىرى بويىچە چۈشەندۈرۈگەن  ھەمدە، ئىندۇس كۆلىنىڭ دىڭىزنىڭ لاي ـ لاتقىلار بىلەن تولۇشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  بۇ ئەينى چاغدىكى دەۋرگە نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ۋە جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان قاراش، ئۇنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. تارىخىي ماتېرياللارنى ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەت بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق دەريا ـ ئۆستەڭلەرنىڭ بولۇپمۇ، جەيھۇن دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقاپ چىققان ئىدى.

       بىيرۇنىنىڭ گىئولوگىيە جەھەتتىكى بىلىمىدىن باشقا يەنە مېرىدائان سىزىقى ۋە ئېكۋادور سېزىقى ئۆلچەملىرىنىڭ نەتىجىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابىنىڭ تۇنجى يازما نۇسقىسى ھازىرمۇ ئىستانبۇلدىكى سۇلايمانىيە كۈتۈبخانىسىنىڭ فاتىھ كىتابلىرى بۆلىمىدە ساقلانماقتا. بۇ ئەسەر 1962 ـ يىلى ئۆز تىلى بويىچە نەشىر قىلىنغان ئىدى.  

    ***********************************************

       بىيرۇنى غەزنەلىك مەھمۇتنىڭ ھىندىستان يۈرىشىگە قاتناشقان مەزگىللەردە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھىندى پەلسەپىسىنى، ئەخلاق، دىن، ۋە ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلغان ۋە شۇ ھەقتە ئىنتايىن قىممەتلىك ئەسەر قالدۇرغان ئىدى. تەتقىقاتلىرىنى تېخىمۇ پۇختا ۋە بىرىنچى قولدىن ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە سانسىكرىت تىلىنىمۇ ئۆگەنگەن بىيرۇنىنىڭ مەزكۇر ئەسىرى دۇنيادا ھىندىستان مەدەنىيىتىگە ۋە ئىلىم ـ پەن تارىخىغا ئالاقىدار ئەڭ مۇھىم ئەسەر، دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ھىندىستاننىڭ دىن، پەلسەپە ۋە ئىلىم ـ پەن تەرققىياتلىرى، جۇغراپىيەسى، قانۇن ـ تۈزۈملىرى، ئەدەبىياتى، خۇراپىي ئەقىدىلىرى، ئۆرپ ـ ئادەت، ئەنئەنىلىرى ئۈستىدە تەپسىلى، كەڭ دائىرىلىك توختىلىنغان بۇ مەشھۇر ئەسەردە، بىيرۇنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دىنىي ئېتىقادلارنى بىر ـ بىرىگە سېلىشتۇرغان چېغىدا، بىر تەرەپلىمە قاراشلاردىن يېراق بىر شەكىلدە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى، تىنقىدلەش ۋە ئەييىبلەشلەردىن يېراق تۇرغانلىقى، ھەر قايسى دىنغا شۇلارنىڭ ئېتىقادچىلىرى ئىشلىتىدىغان تېرمىنلەرنى ئىشلەتكەنلىكى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ.

     

        بىيرۇنىنىڭ شىپالىق ئۆسۈملۈكلەر  ۋە دورا ـ دەرمەكلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغان كىتابىي ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى بولۇپ ھېپسابلىنىدۇ. بۇ كىتابتا 3 مىڭغا يېقىن ئۆسۈملۈكنىڭ قايسى خىل كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدىغانلىقى چۈشەندۈرىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر ۋە دورا ـ دەرمەكلەرنىڭ ئىسىملىرى ئەرەبچىدىن باشقا يەنە، پارىسچە، يۇنانچە، سۇريانىچە سانسىكىرتچە ۋە تۈركچە قاتارلىق خېلى نۇرغۇن تىللاردىمۇ تەڭ يېزىلغان بولۇپ، بۇ كىتاب ئېتىمولوگىيە  جەھەتتىن ئىنتايىن قىممەتلىك ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىيرۇنى ئۆز ھاياتى ھەققىدىمۇ ئاز تولا مەلۇمات بەرگەن بۇ كىتاب، 1932 ـ يىلى نېمىسچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئىدى.

    ****************************************** 

        بىيرۇنى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىغان يېقىنقى زامان تەتقىقاتلىرىدا يېڭى ـ يېڭى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئارقىلىق بىيرۇنىنىڭ ئانا تىلى، ئىرقىي ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدىكى قاراشلار تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. بىيرۇنى  ئەسەرلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئەرەبچە، بەزى چاغلاردا پارىسچە يازغان بولۇپ، ئۇ «كىتابۇس سەيدانە» ناملىق كىتابىدا ئۆز ئانا تىلىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلاردا يېتەرسىز قالغانلىقىنى، ئەرەبچە ۋە پارىسچە تىلىنى كېيىن ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن بۇ تىللارنى ئىشلىتىشتىمۇ كۆپ قىينالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تەتقىقاتچىلار، بىيرۇنى ياشىغان خارىزىمدە ئىشلىتىلىدىغان تىلنىڭ ئەسلىدە پارىس تىلى سىستېمىسىغا تەۋە بىر تىل ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن تۈركچە سۆزلەرنىڭ يېزىلىشىدا ئۆزگىچە تەرتىپ ساقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن بىيرۇنىنىڭ ئانا تىلىنىڭ تۈركچە ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن ئىدى.  مەزكۇر كىتابتا يەنە بىيرۇنى ئۆز يېشىنىڭ يىل، ئىيىنى يازغان ۋە 80 دىن ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا ئاساسلانغان ھالدا، بىيرۇنىنىڭ ۋاپات بولغان يېلىنىڭ، (تا ھازىرغا قەدەر بېلىنىپ كېلىۋاتقان) 1048 ـ يىلى ئەمەس، بەلكى 1052 ـ يىلىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان ئىدى.

         بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىيرۇنىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھېچبىرىنىڭ  ئوتتۇرا ئەسىرلەردە لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنىپ ياۋروپاغا يېتىپ بارمىغانلىقى ھەققىدە توختالغان بارتولد، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەسەرلەرنىڭ ناھايىتى ئېغىر تىلدا يېزىلغانلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرگەن. ھەتتا بىيرۇنى ئۆزىمۇ ئەسەرلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تەتقاتچى ئالىملار ئۈچۈن يېزىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. «"خارىزىمى زەجى"نىڭ ئاساسلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ 12 ـ ئەسىردە ئابراھام بېن ئەزرا تەرىپىدىن ئىبرانى تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى مەلۇم.

    ************************************************

        بىيرۇنى نۇرغۇنلىغان ساھەلەر بويىچە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ ھەر تۈرلۈك ئىلىملەرگە بىر ـ بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قارايتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يالغۇز بىرلا ساھە بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ بىر ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ ئالاھىدە ئۈستۈنلىكى، مەسىلىلەرگە ئەقىلىي نۇقتىدىن نەزەر سالىدىغانلىقى ئىدى.

        «كائىناتنىڭ نە ئىپتىداسى، نە ئىنتىھاسى يوق، ماددا ئاداققىچە پارچىلىنىپ كېتىۋېرىدۇ» دېگەن ئارىستوتېل بىلەن ئىبنى سىنانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەت ـ ئالاقىلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزگە قەدەر يېتىپ كېلىشىگە دەل بىيرۇنىنىڭ ئەسەرلىرى سەۋەب بولغان ئىدى.

      بىيرۇنى ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن، كونسىرۋاتىپ قاراشلاردىن ئۇزاق، كەڭ دائىرىلىك ئەسەرلىرى ۋە ئۇ ئەسەرلەرنىڭ تەپسىلاتلارغا بايلىقى بىلەن دەۋرنىڭ ئەڭ كاتتا ئالىملىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

         شۇڭلاشقا بورتولد ئۇنىڭغا «ئەڭ كاتتا ئىسلام ئالىمى» دەپ باھا بەرسە، ئاتاقلىق ئىلىم ـ پەن تارىخچىسى سارتون، ئىبنى سىناغا ئوخشاش كاتتا ئالىملار يېتىشىپ چىققان 11 ـ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىنى «بىيرۇنى دەۋرى» دەپ ئاتىغان ئىدى.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.