ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 01

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-10 11:26:43

ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى تۈركلەردۇر. ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىن تارتىپلا دەۋرنىڭ ئەڭ كاتتا دۆلەتلىرىنى قۇرۇش بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن تۈرك خەلقى، دۆلەت قۇرۇش ئىقتىدارىغا ئوخشاشلا ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈ


    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 01
     
    ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى تۈركلەردۇر.
     
    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر

     

      ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى تۈركلەردۇر. ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىن تارتىپلا دەۋرنىڭ ئەڭ كاتتا دۆلەتلىرىنى قۇرۇش بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن تۈرك خەلقى، دۆلەت قۇرۇش ئىقتىدارىغا ئوخشاشلا ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈك ۋە مەدەنىي ئاڭ ـ سەۋىيە جەھەتتىمۇ باشقا مىللەتلەردىن ھېچ قاچان ئارقىدا قېلىپ باققان ئەمەس، بولۇپمۇ تۈركلەر ھەربىي جەھەتتىكى قەھرىمانلىقلىرى بىلەن دۇنيا تارىخىغا ئۆچمەس داستانلارنى مىراس قالدۇرغان. بۇ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن باشقا يەنە، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىلىم ـ پەندە قىممەتلىك زاتلارنى، سىياسەتتە نۇرغۇن كاتتا دۆلەت ئەرباپلىرىنى، ھەربىي ئىشلاردا مەشھۇر قوماندانلارنى يېتىشتۇرۇپ چىققان بولۇپ، تۈرك مەدەنىيىتى تارىخى، دەل شۇ خىل ئۆرنەكلەر بىلەن تولۇپ تاشقاندۇر.

    ************************************

    قەدىمقى دەۋرلەردە بىز تۈركىي مىللەتلەر تەرىپىدىن يېتىشتۇرۇلگەن شائىر، يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمېھاللىرى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرى، قوليازمىلاردا ياكى نەشىر قىلىنغان دىۋانلاردا، ئىنسېكلوپىدىيەلەردە ۋە تاللانما ئەسەرلەر تىزىملىكىدە ئەنگە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ تەرجىمېھاللىرى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرى قانچىلىغان توملارنى تەشكىل قىلىدۇ. ھەربىي قوماندانلىرىمىز ياراتقان ئېپوسلارمۇ جەڭنامىلەردە، شاھنامىلەردە ۋە تارىخ كىتابلىرىدا نۇرغۇنلىغان بەتلەرنى تولدۇرىدۇ. سەنئەتتىكى يەنە نۇرغۇن ئاجايىپ تالانتلىق ئۇستازلىرىمىز بىلەن ئىلىم ـ پەن ساھەسىدىكى ئالىملىرىمىزنىڭ تەرجىمېھاللىرىنىڭمۇ تارقاق شەكىلدە تارىخىي ئەسەرلەردە ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بىراق نېمە ئۈچۈنكىنتاڭ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمقى دەۋلەردىن تا بۈگۈنگە قەدەر يېتىشتۇرۇپ چىققان سان ـ ساناقسىز كاتتا زاتلىرىنىڭ تەرجىمېھاللىرى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىپ، توپلاپ چىقىلغىنى يوق. ھەتتا تۇرغۇنلىرىنىڭ تەجىمېھاللىرى باشقا خەلقنىڭ تارىخىغا يېزىۋېلىنغان. بۇلاردىن يەنە بىر قىسمىنى بولسا، ئىرانلىقلار بىلەن ئەرەبلەر ئۆزىگە تەۋە قىلىۋالغان. يەنە تېخى خېلى نۇرغۇن ئالىملىرىمىز تۈرك ئىرقىدىن كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىگە دائىر قايىل قىلارلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغىنى يوق. شۇڭا مانا ئەمدىكى چاغدا ئاتاقلىق تۈرك پەيلاسوپى فارابىي، ئىبىن سىنا، ۋە مەۋلانا جالىلىدىن رۇمى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالىملىرىمىزنى ئەرەبلەر بىلەن ئىرانلىقلار تالىشىپ يۈرمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق تىلىغا ئايلانغان ئەرەبچە ۋە پارىسچە تىلى بىلەن يازغانلىقىدىنلا ئىبارەتتۇر.

    بۇ تۈرك بۇزرىكۋارلىرىمىز قەدىم ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە شەرقتە يېتىشىپ ئالەمشۇمۇل شۆھرەت ياراتقان ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى ئىچىدە ئېرىپ يوق بولۇپ كېتىشى ھەقىقەتەن بىزنى ئەپسۇسلاندۈرماي قالمايدۇ. شۇڭا مىللىي ئاڭنىڭ ئويغۇنىشى بىلەن قۇرۇپ چىقىلغان يېڭى تۈركىيەدە بولسا، شۇلارغا ئوخشىغان تېخىمۇ كۆپ كاتتا زاتلىرىمىزنىڭ ھاياتىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلىنىشى لازىم. دەل مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىسلام مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان تۈرك ئالىملىرىمىزنى تونۇشتۇرماقچىمىز.

    *********************************************

    ئىنسانىيەت تارىخىي قەدىمقى يۇنانلىقلارنى سۇقرات، ئەفلاتون، ئارىستو ۋە بالە قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇيدۇ. يېقىنقى دەۋرنىڭ يېڭى ياۋروپاسىمۇ كاتتا ئالىملىرى بىلەن ئىپتىخارلىنىدۇ. ئۇلارنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق مەدەنىيەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. مەسىلەن ئىنگىلىزلەر شىكىسپىر بىلەن گېرمانلار، كانت، فىختە ۋە گوتە بىلەن، فىرانسىيەلىكلەر، پاسكال ۋە دېكارت بىلەن پەخىرلىنىدۇ. تۈركىي مىللەتلەردىمۇ تارىخنىڭ دەسلەپكى دەۋرەلىرىدىن تارتىپلا قاراڭغۇ دەۋرلەرگە چىراق ياققان، ھەر بىرى جاھانغا بەدەل بولالايدىغان سان ـ ساناقسىز ئالىملار ۋە نۇرغۇن كاتتا زاتلار يېتىشىپ چىققان ئىدى.

    مەسىلەن، بىر فارابىي ۋە بىر ئىبىن سىنانىلا پۈتۈن جاھانغا بەدەل بولالايدىغان ئالىمىمىز دېيىشكە بولىدۇ. مەۋلانا جالالىدىن رۇمى تەسەۋۋۇپتا گويا بىر دېڭىز، ئەھمەد يەسىۋى تەڭداشسىز بىر زات ئىدى. مېمار خەيرىددىن، كوجا سىنان، مەھمەت ئاغا قاتارلىقلار بولسا، دۇنيا بىناكارلىق سەنئىتى تارىخىدا مىسالىنى تاپىلى بولمايدىغان شەخسلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىياتىمىزدا بولسا، فۇزۇلى، باقى، يۈسۈف خاس ھاجىپ، مەھمۇت كاشغەرىي، ئۇلۇغبېك، ئەلىي قۇشچۇ، ھازەرفان ئەھمەد چەلىبى، ئەۋلىيا جەلىبىي، كاتىپ جەلىبىي، پىرى رەئىس ۋە نائىما قاتارلىق ئالەمشۇمۇل زاتلىرىمىز ئۇلۇغۋار تۆھپىلىرى بىلەن تارىخقا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان بۇزرىكۋارلىرىمىزدۇر. ئوسمان غازى، فاتىھ مەھمەت، ياۋۇز سۇلتان سەلىم ۋە قانۇنىي سولتان سۇلايمانىي قاتارلىق ئىمپېراتور، دۆلەت ئەربابىي ئۇلۇغ پادىشاھلار، مىسالى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۇزۇن زامانلارغىچە ئىمپېراتورلۇقلىرىنى داۋام قىلدۇرالىغان ئىدى. يېقىنقى دەۋردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە 20 ـ ئەسىرنىڭ ئەڭ كاتتا داھىسى دېسەكمۇ بولىدىغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك... مانا بۇلارنى ساناپ تۈگىەتكىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى تۈرك خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاقىغا نىسبەتەن بىردىن ئۆلمەس ئابىدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئەجداتلارنى تونۇغان يېڭى ئەۋلادلار بولسا، ئۇلار ئارقىلىق تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە تېخىمۇ يۈكسىلىش تۇيغۇسىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا ھېس قىلىپ يېتىدۇ.

    مانا ھازىر سانسىزلىغان ياشلىرىمىز بۇ چۈشەنچىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانماقتا شۇنداقلا يېڭى كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئىلىم ـ پەن، ئەدەبىيات ـ سەنئەت، مۇزىكا ۋە تەنتەربىيە ساھلىرى بويىچە پەقۇلئاددە ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارادا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.

    *******************************************

    بىز مانا بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا، تۈرك خەلقىنىڭ ئىچىدىن چىققان كاتتا شەخسلىرىمىزنى تونۇتۇش، بۇ ئارقىلىق تۈركلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان بىباھا تۆھپىلىرىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە ”ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر“ ناملىق بۇ پىروگراممىمىزنى ھازىرلاپ چىقتۇق. پىروگراممىمىزدا ئەسىرلەرنى ھالقىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر تەلىم ـ تەربىيە تەسىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ ئىش ـ ئىزلىرىنى، ياكى بۈگۈنگە قەدەر قەد كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان تارىخىي ئىمارەتلەرنىڭ بىناكارلىرىنى تاللاپ تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمىز. بىراق شۇنداقتىمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنماي قالغان، قىلىچلىرى ۋە قەلەملىرى بىلەن سان ساناقسىز ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئالەمشۇمۇل نام چىقارغان يەنە نۇرغۇن ئۇلۇغ زاتلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.

    شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويىشىمىز كېرەككى، پىروگراممىزدا، خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس ئىزلارنى شۇنداقلا ئۆلمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرغان زاتلارنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئىش ـ ئىزلىرىنى، كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم تەرىپىنىلا چۈشەندۈرۈش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. چۈنكى ئۇلار ھەققىدە توم ـ توملاپ كىتابلار يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممىنى بىر قانچە بەتلىك بۇ پىروگراممىمىزغا سىغدۇرۈش مۇمكىن ئەمەس.

    يەنە بىر تەرەپتە شۇنداق ئۇلۇغ زاتلىرىمىزمۇ باركى، گەرچە ئۇلارنىڭ تەرجىمېھاللىرى تىللاردا داستان بولۇپ، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كىملىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ھەتتا ئۇلارنىڭ قەيەردە ياشىغانلىقىمۇ نامەلۇم ياكى ئاغزاكى رىۋايەتلەر بىلەنلا كۇپىيلىنىشكە مەجبۇرمىز. مەسىلەن؛ دەدە قورقۇت ھەمدە كۈلكە ـ چاخچاقنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرىدىن بىرى بولغان قاراگۆز ھەققىدىمۇ ئانادولۇ خەقلىنىڭ نەسىللەردىن ـ نەسىللەرگىچە ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا يۆتكىلىپ كېلىۋاتقان رىۋايەتلەردىن باشقا مەنبە يوق. بىراق شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئىلىم ـ پەندە، سەنئەتتە ۋە قەھرىمانلىقتا ھەقىقىي بىر ۋەقە ياكى ئەسەر ياراتقان كىشىلەر ئەسلا ئۆلمەيدۇ ۋە ئۇنتۇلمايدۇ. بەلكى ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى كۆۋرۈك قىلىپ، ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە ھالقىغان ھالدا ھاياتىي كۈچىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قالدۇرغان ئەسەرلىرى كۈنىمىز ئىنسانلىرىنى ئۆز ـ ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشقا ئۇندەيدۇ.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.