@ نىڭ كىلىش تارىخىنى بىلەمسىز ؟

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 17:32:41

@ نىڭ كىلىش تارىخىنى بىلەمسىز ؟ ئېلخەت ئادرېسىدا دائىم @ دەك بەلگىنى ئۇچىتىپ تۇرىسىز . ئۇنداقتا بۇ بەلگىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى بىلەمسىز ؟ _____ @ دىگەن بەلگە ئىنگلىزچىدا "..... دە " دېگەن مەنىدە بولۇپ...

    @ نىڭ كىلىش تارىخىنى بىلەمسىز ؟

        ئېلخەت ئادرېسىدا دائىم @ دەك بەلگىنى ئۇچىتىپ تۇرىسىز . ئۇنداقتا بۇ بەلگىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى بىلەمسىز ؟

    _____ @ دىگەن بەلگە ئىنگلىزچىدا "..... دە " دېگەن مەنىدە بولۇپ " at " بىلەن ئوخشاشراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ . شۇڭا دائىم " .... دە " بىلەن ئوخشاشمۇ ئىشلىتىلدۇ . مەسىلەن : ئەتە ئەتتىگەندە مەكتەپتە ساقلاڭ _ دىگەن سۆز " wait you @ school morning " دەپمۇ يىزىلىدۇ . بۇ نىڭ يەنە each دىگەنمۇ مەنىسى بار بولغاچقا ، دائىم تاۋارلارنىڭ يەككە باھاسىنىمۇ بىلدۇردىغان بەلگە ھېسابلىنىدۇ .

     ئامىركىلىق بىر كومپىيوتېر ئىنجىنىرى thols دىگەن كىشى @ ئارقىلىق تۇنجى بولۇپ ئىلىكتېرون پوچتا يوللانمىسى ، يەنى ئېلخەتنىڭ ئورنىنى بىلدرىدىغان ئورۇندا ئىشلەتكەن . ئابونېتلارنىڭ توردا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلخەت يوللىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۇچۇن 1971 - يىلى ئۆزى باشقۇرۋاتقان كومپىيوتېر شىركىتىدە @ بەلگىسىنى ئېلخەت ئادېرسىنىڭ ئورنىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە قىلىپ بىكىتكەن . ئۇ ئادەم ئىسىملىرىدە پەقەتلا ئىشلىتىلمەيدىغان بۇ بەلگە @ نىڭ " .... دە " دىگەن مەنىسىگە تەقلىد قىلىپ ، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ئورۇندىكى مەلۇم ئۇچۇرنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە بولۇشىنى مۇۋاپىق كۆرگەن .

     شۇنىڭدىن باشلاپ @ دىگەن بەلگە تور دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلدىغان بەلگە بولۇپ قالغان .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر