مىلادىيە كالېندارىدىكى ئاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-10 00:00:00

مىلادىيە كالېندارىدىكى ئاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى1-ئاي − يانۋار: قەدىمكى رىم تەڭرىلىرىدىن «يانۇس» (Januarius) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. رىملىقلار يانۇسنى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىپتىداسى ۋە خە...

    مىلادىيە كالېندارىدىكى ئاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى


      

     1-ئاي − يانۋار: قەدىمكى رىم تەڭرىلىرىدىن «يانۇس» (Januarius) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. رىملىقلار يانۇسنى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىپتىداسى ۋە خەيرلىك ئاقىۋىتىنىڭ سىيماسى دەپ ھېسابلىغان. يىل يېڭىلانغاندا، رىملىقلار يانۇسنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تەڭگىنى بىر-بىرىگە سوۋغا قىلىشىپ، ئامانلىق تىلەشكەن.


    2-ئاي − فېۋرال: قەدىمكى رىملىقلار بۇ ئاينى «فېبرۇئار» (Februarius) دەپ ئاتىغان. رىملىقلار ھەر يىلى مەزكۇر ئاينىڭ 15-كۈنى «فېبرۇئار» دەپ ئاتالغان كاتتا دىنىي مەرىكە ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن «فېبرۇئار» دېگەن سۆز 2-ئايغا نام بولۇپ قالغان.


    3-ئاي − مارت: قەدىمكى رىملىقلار بۇ ئاينى «مارس» (Martius) دەپ ئاتىغان. قەدىمكى رىملىقلار ئەتىياز باشلانغاندا، يەر يۈزىگە باھار كېلىپ، ھاياتلىق جانلانغانلىق مۇناسىۋىتى ىبلەن مارس تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن «مارس» دېگەن سۆز 3-ئايغا نام بولۇپ قالغان.


    4-  ئاي − ئاپرېل: لاتىن تىلىدا «ئاپرىلىس» (Aprilis) دەپ ئاتالغان. بۇ نام «ئېچىش، ئېچىلىش» دېگەن پېئىلدىن ياسالغان. بۇ سۆز تەبىئەتتە ھەممە نەرسە روناق تېپىشقا باشلىغان ۋە ياشارغانلىق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.


    5- ئاي − ماي: قەدىمكى رىملىقلار مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى «مايا» (Maia) تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر قىلغان.بۇ تۇغۇش-ئۆسۈشنى ئىلىكدايدىغان ئايال تەڭرى بولۇپ، رىملىقلارنىڭ 5-ئاي تەڭرىسى ئىدى. شۇنىڭھبىلەن 5- ئاي «ماي» (Maia) دەپ ئاتالغان.


    6-  ئاي − ئىيۇن: لاتىنچە «يۇنىئۇس» (Junius) دېيىلىپ، توي-نىكاھ ۋە تۇغۇتنى ئىلىكدايدىغان ئايال تەڭرى يۇنو (Juno) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. يەر يۈزىدىكى جانلىقلار مەزكۇر ئايدا يېتىلىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن.


    7- ئاي − ئىيۇل: بۇ ئاينىڭ «يۇلىئۇس» (Julius) دەپ ئاتىلىشى قەدىمكى رىمدىكى ئاتاقلىق سىياسىيون يۇلىئۇس قەيسەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ ئادەم مەزكۇر ئايدا تۇغۇلغانىكەن، رىملىقلار بۇ كىشىنى خاتىرلەش ئۈچۈن 7-ئاينىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ يۇلىئۇس ئېيى دەپ ئاتىغان.


    8- ئاي − ئاۋغۇست: قەيسەرنىڭ ۋارىسى ئاۋگۇستۇسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاۋگۇستۇس (augustus) دەپ ئاتالغان ھەم 30 كۈنلۈك ئاي 31 كۈنلۈك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.


    9- ،10-،11-،12- ئايلار دەرىجە سانلارنىڭ لاتىنچە ناملىرى بىلەن ئاتالغان. كونا رىم كالېندارىدا 7-،8-،9-،10-ئايلارنىڭ ناملىرى «7-»، «8-»، «9-»، «10-» دىن ئىبارەت دەرىجە سانلارنىڭ لاتىنچە ناملىرى بولغان «Septimus»، «Octavus»، «Nonus»، «Decimus» لار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىپادىلەنگەن. مىلادىيەدىن 700 يىل ئىلگىرى رىملىقلار كالېندارنى ئىسلاھ قىلىپ، بىر يىلنى 12 ئايغا ئۆزگەرتكەن. ئۇلار كونا كالېنداردىكى 1-ئاي − مارس ئېيىنىڭ ئالدىغا يانۇس ۋە فېبرۇئار ئايلىرىنى قوشقان. شۇنىڭ بىلەن ئايلارنىڭ نامى تەرتىپ بويىچە كەينىگە سۈرۈلگەن. شۇ سەۋەبتىن 7-،،8-،9-،10- ئايلارنىڭ ناملىرى 9-، 10-، 11-، 12- ئايلارنىڭ ناملىرى قىلىنغان. ھازىرقى ئايلارنىڭ ناملىرى ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.