ئېمىزگۈنىڭ بىز بىلمەيدىغان زىيانلىرى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-09 19:14:56

تۇغۇلغىنىغا بىر ئاي بولغان بوۋاقلارغا ئېمىزگۈ بېرىش خەتەرلىك، ناۋادا ئېمىزگۈ بېرىش بالىنى ئۇخلىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بوۋاق ئۇخلاپ قالغاندا ئېلىۋېتىش كېرەك، بولمىسا بوۋاق تۇنجۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.


    ئېمىزگۈنىڭ بىز بىلمەيدىغان زىيانلىرى
     
    ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر ئېمىزگۈنىڭ زىيىنىنى مۇنداق نۇقتىلارغا يىغدى:
    ئېمىزگۈ ئانا-بالىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان سالىدۇ. دائىم ئېمىزگۈ ئېمىدىغان بوۋاقلار بارا-بارا ئانا سۈتىدىن چىقىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بوۋاق ۋە ئانا ئارىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك يېقىن مۇناسىۋەتكە زىيان يېتىدۇ.
    بوۋاقلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. تۇغۇلغىنىغا بىر ئاي بولغان بوۋاقلارغا ئېمىزگۈ بېرىش خەتەرلىك، ناۋادا ئېمىزگۈ بېرىش بالىنى ئۇخلىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بوۋاق ئۇخلاپ قالغاندا ئېلىۋېتىش كېرەك، بولمىسا بوۋاق تۇنجۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.
    ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ناۋادا ئېمىزگۈنى بالىغا دېزىنفېكسىيە قىلمايلا بەرسە، كېسەللىك باكتېرىيەسى بالىنىڭ ئېغىز ۋە بۇرنىدىن ئۆتۈپ قۇلاقتا توختايدۇ-دە، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
    چىشنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان سالىدۇ. بالىلارنىڭ سۈت چىشى چىقىشقا باشلىغاندىن كېيىن داۋاملىق ئېمىزگۈ ئەمسە، سۈت چىشى قالايمىقان ئۆسىدۇ.
    مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئېمىزگۈ بوۋاق چىش