ئىلىم-پەندىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشلار

يوللىغۇچى : sohrat يوللىغان ۋاقىت : 2014-08-12 17:13:00

ئەنگلىيەدىكى بىرنەچچە پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئالىملارنى تەشكىللەپ، نەچچە ئونلىغان ئىنتايىن قىززىقارلىق پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى تاللاپ چىقتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلار ئېھتىمال ئۇلار ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىلىملەر بولۇشى مۇمكىن.

    ئىلىم-پەندىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشلار

    ئەنگلىيەدىكى پەن-تېخنىكا دەرىسلىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تاللاپ ئۈگىنىدىغان دەرىسلىكى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-تېخنىكىغا بولغان كۈچلۈك قىززىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن ، ئەنگلىيەدىكى بىرنەچچە پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئالىملارنى تەشكىللەپ، نەچچە ئونلىغان ئىنتايىن قىززىقارلىق پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى تاللاپ چىقتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلار ئېھتىمال ئۇلار ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىلىملەر بولۇشى مۇمكىن.
    تېخنىكا تۈرىدىكىلەر
    دۇنيادىكى تۇنجى مائۇس ياغاچتىن ياسالغان ئىدى.
    1. 2011-يىلى گىرۇزىيەدە ئەسكى-تۈسكى تەرگۈچى 75ياشلىق بىر موماي ئوپتىك كابىلنى ئوغرىلىقچە كىسىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ئەرمېنىيە، گىرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىنتېرنېت تورى بەش سائەتتىن ئارتۇق پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى، مۇنداق ئىش ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى.
    2. تورداشلارنىڭ ھەركۈنى ئامېرىكا twitter تور بېكىتىدە يوللايدىغان يازمىلىرى ئارقىلىق 10مىليون بەتلىك كىتابتىن بىرنى يازغىلى بولىدۇ.
    3. بىر دانە ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنغا ئىشلىتىلگەن تېخنىكىلارنى 250مىڭ دانە مۇستەقىل نەشىر ھوقۇقى ئىگىسى ياكى تەشكىلات ئىگىلەپ تۇرىدۇ.
    4. مىكرودولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ ئىش كۈتۈش ھالىتىدىكى توك سەرپىياتى بىرنەرسىلەرنى قىزدۇرىۋاتقان چاغدىكى توك سەرپىياتىدىن كۆپ يوقۇرى بولىدۇ.
    5. ئالىملارنىڭ بىر دانە ئېلېكتىروننىڭ ماسسىسى ۋە پۈتكۈل ئېنتېرنېت تورىدىكى ئېلېكتىرونلارنىڭ ئومۇمى سانىغا ئاساسەن ھىسابلاپ چىقىشىچە، پۈتكۈل ئېنتېرنېت تورىنىڭ ماسسىسى ئارانلا 50گىرام بولۇپ چوڭراق بىردانە بۆلجۈرگەنچىلىك كىلىدۇ.
    قۇرۇلۇش تۈرىدىكىلەر
    1. ئېيىففېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئېگىزلىگى مۇقىم بولماستىن تېمپېراتۇرىغا ئەگىشىپ 15.3سانتىمىتېر ئېگىزلىك پەرقىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
    2. دۇنيادا تۇنجى قېتىم يوللانغان قىسقا ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى "مىلاد بايرىمىڭىزغا مۇبارەك!"ئىدى.
    3. ئېنژېنېرلار ئىلگىرى iphone يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق كونتىرول قىلغىلى بولىدىغان تەقلىدىي(بىئونىك) بىلەك ئىجاد قىلغان ئىدى.
    4. بۇلبۇل ئاۋازىنى قويىۋىتىپ سايرىغان چاغدىكى ئاۋاز كۈچىنىشى توك ھەرىسىنىڭ ئاۋاز كۈچىنىشىدىنمۇ يوقۇرى بولىدۇ.
    ماتېماتىكا تۈرىدىكىلەر
    1. ھەربىر تال قېرىنداش قەلەم 45مىڭ دانە تاق سۆز يېزىشقا ياكى 56كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىرتال سىزىقنى سىزىشقا يېتىدۇ.
    2. ئىشقا بېرىشنىڭ خېيىم-خەتىرى ئىستاتىستىكا ئىلمى ئىلمى بۇيىچە ئېيىتقاندا، ئۇرۇش قىلىشتىن تۆۋەن بولمايدۇ، ئېغىر ئەمگەك ۋە ئىشقا بېرىپ-كىلىش جەريانىدىكى تاساددىپى ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى خېيىم-خەتەرنى ئاشۇرىۋىتىدۇ.
    3. ئەرەب رەقىمىنى ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستانلىقلار ئىجاد قىلدى، كېيىن ئەرەبلەر ئىگەللەپ ھەم ئۆزگەرتىپ ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدە تارقاتتى ۋە ئىشلەتتى.
    4. ئادەمنىڭ كەچتىكى بوي ئېگىزلىكى سەھەردىكى بوي ئېگىزلىكىدىن تەخمىنەن 1%ئەتراپىدا پاكار بولىدۇ.
    5. ئەگەر بىر ئېغىز ئۆيدە 23ئادەم باربولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەمنىڭ ئوخشاش بىر كۈندە توغۇلۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى 50%بولىدۇ. ئەگەر 75ئادەم باربولسا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەمنىڭ ئوخشاش بىركۈندە توغۇلۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى 99%بولىدۇ.
    ئىلىم-پەن تۈرىدىكىلەر
    1. دېڭىز –ئوكيانلارنىڭ بۇلغۇنىشى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ ئوتتۇرچە ھەر كۇۋادىرات مىل دائىرىدىن 46مىڭ پارچە ئەخلەت تىرىۋالغىلى بولىدۇ.
    2. ئەگەر ئادەمنىڭ قۇلىقى چاستوتىسى 20ھېرتىزدىن تۆۋەن بولغان ئاۋازنى ئاڭلىيالىغان بولسا، ئۇنداقتا ئادەم ئۆز بەدىنىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەركىتىدىن چىققان ئاۋازلارنىمۇ ئاڭلىيالىغان بولاتتى.
    3. ئىنسانلارنىڭ گېنى بىلەن بانان گېنىنىڭ 50%ى ئوخشاش بولىدۇ.
    4. ئادەمنىڭ25%سۆڭىكى ئىككى پۇتىدا بولىدۇ.
    5. ئادەم ئۆمرىدە پىيادە ماڭغان يولنىڭ ئۇمۇمى ئۇزۇنلۇقى يەرشارىنى تەخمىنەن ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ چىققانغا باراۋەر بولىدۇ.
    6. كۆپ قىسىم تەرەت تۇڭىنىڭ سېلىنچىسى چىش چوتكىسىدىن پاكىزە بولىدۇ، چۈنكى كۈندە چىش چوتكىلاپ تۇرغان چىش چوتكىسىدىكى باكتىرىيەلەرنىڭ كۆپلىكى ئادەمنى چۆچىتىدۇ.
    7. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردا بۈگۈنكى پېرۇ رايونىدا ياشىغان ئىنكالار بەرەڭگىنىڭ پىشىش ۋاقتىنى ۋاقت بىرلىكى قىلى ئىشلەتكەن، مەسىلەن: بىر ۋاخلىق تاماققا بىر بىرلىك بەرەڭگە ۋاقتى كېتىدۇ.
    8. پاشا چېقىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى تارىختىكى بارلىق ئۇرۇشلاردا ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ ئومۇمى سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ.
    9. مۈشۈك ئوخشاش بولمىغان 100خىل ئاۋاز چىقىرالايدۇ،ئەمما ئىت ئارانلا 10خىل ئاۋاز چىقىرالايدۇ.
    10. ئەگەر سىز يەرشارىنىڭ ددىيامېتىرىنى بويلاپ تونىل ئاچىسىڭىز، ئاندىن بۇ تونىلغا سەكرەپ چۈشسىڭىز، يەنە بىرتەرەپتىن چىقىشقا تەخمىنەن 42مىنۇت 12سېكونت ۋاقىت كىتىدۇ.
    11. يۇرۇقلۇقنىڭ تارقىلىش تېزلىكى يامغۇر تامچىسىنىڭ تۆۋەنلەش تېزلىكىنىڭ 18مىليون ھەسسىسىگە باراۋەر بولىدۇ.
    12. يەر شارىدىكى %8.95دېڭىز ئوكياننى ئىنسانلار تېخى تەكشۈرمىدى.
    13. يەر ياڭىقى(خۇاسېڭ) مۇرابباسىنى ناھايىتى يوقۇرى بېسىمدا قىسىش ئارقىلىق ئالماسقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئالىملار ئاللىقاچان تەجىربىخانىدا يەر ياڭىقى مۇرابباسىنى ئالماسقا ئايلاندۇرۇپ بولدى.
    14. ئەگەر قۇياشنى كىچىكلىتىپ قاندىكى بىر دانە ئاققان ھۆجەيرىسىدەك چوڭلۇققا كەلتۈرۈپ، ئوخشاش نىسبەتتە ئالەمنى كىچىكلەتسەك، ئۇھالدا پۈتۈن ئالەم ئامېرىكىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ.
    15. ئەگر چۆمۈچ بىلەن خالىغانچە بىر چۆمۈچ توپا ئالساق، ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ سانى يەرشارىدىكى ئومۇمى ئادەم سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ.
    16. دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك پىروبىركىنىڭ دىيامېتىرى چاچنىڭ 10مىڭدىن بىرىدىنمۇ كىچىك بولىدۇ.
    17. بىر قېتىملىق چاقماق چېقىشتا قويۇپ بېرىدىغان ئېنىرگىيە بىلەن 100مىڭ دانە بولكىنى پىشۇرغىلى بولىدۇ.
    18. ئوزۇن قەۋىتىنىڭ پۇرىقى سېسىق بولماستىن بەلكى سۇسراق سېسىقيار(قوغۇنگۈل) چېچىكىنىڭ پۇرىقى بولىدۇ.
    19. بىر كۈننىڭ ئىچىدە يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋاقىت ئەتتىگەن سائەت يەتتە بولىدۇ، يامغۇر ياغماسلىق ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋاقىت سەھەر سائەت ئۈچ بولىدۇ.
    "سىر"ژورنىلىنىڭ2014-يىللىق 6-سانىدىن
    نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى
    "ئاسىيا كىندىكى" گېزىتىنىڭ 2014-يىلى 7-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىلىم-پەندىكى