ئايلارنىڭ بايانى (سىناپ بېقىڭ)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 19:25:56

ئايلارنىڭ بايانى1-ئايدا تۇغۇلغانلارمىجەز ئالاھىدىلىكى: ھاكاۋۇر، سوغۇققا چىداملىق، قەيسەر، مەردانە، خۇش پېئىل كېلىدۇ.ئەخلاق-پەزىلىتى: تەبىئىتى ئەقىللىق، چېچەن، كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالا...

     

    ئايلارنىڭ بايانى

    1-ئايدا تۇغۇلغانلار

    مىجەز ئالاھىدىلىكى: ھاكاۋۇر، سوغۇققا چىداملىق، قەيسەر، مەردانە، خۇش پېئىل كېلىدۇ.

    ئەخلاق-پەزىلىتى: تەبىئىتى ئەقىللىق، چېچەن، كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ، ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە. ئېتىقادى چىڭ، باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى: بۇ خىل كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار ناھايتتى كۆپ بولىدۇ، لېكىن ھەقىقىي كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ بولمايدۇ. ئاقىۋەت نەتىجىسى ياخشى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.

    ئاجىزلىقى: ھەددىدىن زىيادە ھاكاۋۇر بولغاچقا، باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچىكىدىن خلىي بولالمايدۇ.

     

    2-ئايدا تۇغۇلغانلار

    مىجەز ئالاھىدىلىكى: ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي بولۇپ كۆپىنچە باشقىلارنىڭ زەربە بېرىش ئوبېكتى بولۇپ قالىدۇ.

     ئەخلاق-پەزىلىيىتى: قابىلىيەت ۋە سەنئەت بىلىمىگە ئىگە، ئۆز ئابرويىنى ھاياتىدەك قىممەت بىلىدۇ. كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدۇ، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى: كۆپ كىشىلەر بۇ خىل كىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىشنى ئويلايدۇ، بىراق سەمىمىي نىيەتتە بولىدىغانلىرى ئاز. مۇھەببەتتە كېيىنچە ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىدۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا بەخىتكە ئېرىشىدۇ.

    ئاجىزلىقى: ئاسانلا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويىدۇ. ھەسەتخورلۇقى، ئابرويپەرەسلىكى كۈچلۈك.

     

    3-ئايدا تۇغۇلغانلار

    مىجەز-ئالاھىدىلىكى:مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل، كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىسى ياخشى، ئاددىي-ساددا، ئۆز بىلىمى بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلالايدىغان كېلىدۇ.

    ئەخلاق-پەزىلىتى: مول بىلىملىك، تەدبىرلىك، ئېنىق تۇرمۇش كۆز قارىشىغا ئىگە، كىشىلەرگە ياردەم بېرىشكە، يۇمۇرلۇق چاقچاق قىلىشقا ئامراق بولىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى: جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى ھەمراھقا ئېرىشىدۇ، لېكىن ناھەقچىلىككە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئاجىزلىقى: غەيرىتى كەمچىل، مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس.

     

    4-ئايدا تۇغۇلغانلار

    مىجەز ئالاھىدىلىكى: تۈز كۆڭۈل، سۆزگە ماھىر، لىرىل ھېسسىياتقا ئىگە، خىيالچان، ئىجاد قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە كېلىدۇ.

    ئەخلاق-پەزىلىتى: غايىلىك، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشالايدىغان كېلىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى: مۇھەببەتتە تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ، لېكىن قارشى تەرەپ ئاسانلىقچە كۆڭلىگە ياقمايدۇ. تۇرمۇش زەربىسىگە دۇچ كەلگەندە يېڭىپ چىقالايدۇ.

    ئاجىزلىقى: مەنمەنچى، ئۆگەنگەنلىرىگە قانائەت قىلىپ قالىدۇ.

     

    5-ئايدا تۇغۇلغانلار:

    مىجەز ئالاھىدىلىكى: ئىنتايىن ھېسسىياتچان بولۇپ، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، روشەن كۆزگە ئىگە، باشقىلارنىڭ ئىچكى دۇنياىنى كۆزىتىشكە ماھىر كېلىدۇ.

    ئەخلاق-پەزىلىتى: ئەدەبىيات-سەنئەت بىلىملىرىگە ئىگە بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق كېلىدۇ، غەيرەت قىلسا نەتىجە قازىنالايدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى: ياشلىقىدا كۈچلۈك سۆيگۈلەر بولىدۇ، لېكىن بىر-ئىككى قېتىم مۇھەببەتلىشىدۇ. ھېسسىياتى مۇقىم ئەمەس، ئېقىمغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ، كۆپ ئىشلار كۆڭلىگە ياقمايدۇ.

    ئاجىزلىقى: ئالدىراڭغۇ، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى كەمچىل.

     

    6-ئايدا تۇغۇلغانلار:

    مىجەز ئالاھىدىلىكى: شوخ، ئىنتىلىپ تۇرىدىغان خاراكتېرگە ئىگە، ئوچۇق-يورۇق، دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان كېلىدۇ.

    ئەخلاق-پەزىلىتى: تىرىشچان، مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ئامراق، ئىشتا كەسكىن، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى ياخشى بولىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى: مۇھەببەتكە سادىق بولۇپ، بەخىتلىك ئائىلە قۇرالايدۇ. ئەمما چاكىنا ئادەملەرنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.

    ئاجىزلىقى: ھېسسىياتى تۇراقسىز، ئىشلارغا بىردەم قىزىقىپ، بىردەم سوۋۇپ تۇرىدۇ. نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.

     

    7-ئايدا تۇغۇلغانلار:

    مىجەز ئالاھىدىلىكى: جۇشقۇن مىجەزگە ئىگە، كىشىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان ۋە ياردەم قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان، ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلىدىغان كېلىدۇ.

    ئەخلاق-پەزىلىتى: سەمىمىي، كەمتەر، ئېھتىياتچان، ھۆرمەتكە ئىگە، يېڭىلىقنى ئاسان قۇبۇل قىلالايدىغان كېلىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى:بۇ خىل كىشىلەر بىلەن مۇھەببەتلىشىش ۋە بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كۆپ بولىدۇ، بىرلا ھەمراھ ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ بىللە بولىدۇ.

    ئاجىزلىقى: ئالدىراڭغۇ ۋە زىل، قىلغان ئىشى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ.

     

    8-ئايدا تۇغۇلغانلار

    مىجەز ئالاھىدىلىكى: ئەقىللىقلىقى كۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ، تالانتلىق، چاققان كېلىدۇ.

    ئەخلاق-پەزىلىتى: سەمىمىي، پاك، كىشىلەرگە ئامراق، ھەققانىيەت ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. ئۆز ئىشىغا پۇختا، باشقىلار ئۈچۈن كەڭ قورساق، تۇرمۇشنى سۆيىدىغان كېلىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى: لايىق قوغلاشمايدۇ، كۆپىنچە ياخشى كىشىلەرگە ئۇچرايدۇ.

    ئاجىزلىقى: تەرسا، ئاداۋەت ساقلاش ئىدىيىسىگە ئىگە، دوستلىرىنى ئاسانلا رەنجىتىپ قويىدۇ.

     

    9-ئايدا تۇغۇلغانلار:

    مىجەز ئالاھىدىلىكى: مەردۇ-مەردانە، جاسارەتلىك، مۇستەقىل پىكىرلىك، كەسكىن، ئېغىر-بېسىق كېلىدۇ.

    ئەخلاق-پەزىلىتى: ئاددىي-ساددا، ئوچۇق قول، ئىش باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە، ئەمگەككە چىداملىق كېلىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى: بۇ خىل كىشىلەرنى مۇھەببىتى ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ ھەمدە دەرد-ئەلىمىگە ھەمدەم بولۇپ، بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىدۇ.

    ئاجىزلىقى: كەم سۆز، كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى ياخشى كۆرمىگەچكە، ئاسان زىيان تارتىدۇ.

     

    10-ئايدا تۇغۇلغانلار

    مىجەز ئالاھىدىلىكى: دائىم باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ئويلايدىغان، جەسۇر ۋە سېخىي، باشقىلارنىڭ ھالىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان كېلىدۇ.

    ئەخلاق-پەزىلىتى: توغرا ئىستىللىق، نازاكەتلىك، شەخسىيەتچى كېلىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى: ھاكاۋۇر بولغاچقا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.

     

    11-ئايدا تۇغۇلغانلار:

    مىجەز ئالاھىدىلىكى: زېھنى ئۆتكۈر، قابىلىيەتلىك، پايدا-زىيان بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، سەنئەت تالانتىغا ئىگە كېلىدۇ.

    ئەخلاق-پەزىلىتى: مەسئۇلىيەتچان، ئىشلارنى سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ئىجادكارلىققا ئىگە كېلىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى: بۇ خىل كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلار كۆپ بولىدۇ، تۇرمۇشى مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.

    ئاجىزلىقى: جاپاغا چىدىمايدۇ، نازۇك كېلىدۇ.

     

    12-ئايدا تۇغۇلغانلار

    مىجەز ئالاھىدىلىكى: قەيسەر، غەيرەتلىك، كۈچلۈك ئېتىقادقا، باي تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىغا ئىگە. كەلگۈسىگە ئىنتىلىدىغان، ئۆز نۆۋىتىدە مەغلۇبىيەتنى يېڭەلەيدىغان كېلىدۇ.

    ئەخلاق-پەزىلىتى: تۈز كۆڭۈل، خۇسخۇي، ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىدىغان كېلىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى: مۇھەببەتكە بېرىلىپ كېتىپ، ۋاقتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، ئەگەر غەيرەت قىلسىلا كۆڭۈلدىككىدەك ھەمراھ تاپالايدۇ.

    ئاجىزلىقى: نەزىرى ئۈستۈن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئاي _