تالىبان سىزغان ھۆر-پەرىلەر

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-03 12:33:38

ئامېرىكا س ئىن ئىن تىلىۋىزىيىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرى، پاكىستان ئارمىيىسى يېقىندا ئافغانسىتاننىڭ جەنۇبى ۋەزىرىستان رايۇنىدىكى ناۋازدىن تالىباننىڭ بىر كاللا يۇيۇش ئورنىنى بايقىدى، بۇ جايدا ئون ئىككى ياشتن ئون سەككىز ياشقىچە بولغان

    تالىبان سىزغان ھۆر-پەرىلەر

    121485362_11n.jpg

        ئامېرىكا س ئىن ئىن تىلىۋىزىيىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرى، پاكىستان ئارمىيىسى يېقىندا ئافغانسىتاننىڭ جەنۇبى ۋەزىرىستان رايۇنىدىكى ناۋازدىن تالىباننىڭ بىر كاللا يۇيۇش ئورنىنى بايقىدى، بۇ جايدا ئون ئىككى ياشتن ئون سەككىز ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەرنىڭ مىڭىسى يۇيۇلۇپ ئۇلار رەھىمسىز قاتىل ۋە ئادەمبومبا قىلىپ تەربىيىلىدىكەن، بۇ جايدا گۈزەل  سەنئەت رەسىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى تالىبان نىشانلىرىنىغا ھۇجۇم قىلىپ ج‍ەننەتكە كىرىشكە كۈشكۈرتۈلگەن، رەسىمدە سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرغان بىر دەريا ۋە دەريا بويىدا ئۆچىرە ت بولۇپ تۇرغان تېخى قىز ھالەتتىكى ھۆرپەرىلەر سىزىلغان بولۇپ تالىبانلار سىزغان بۇ جەننەتنىڭ رەسىمى ئارقىلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىددىيىسىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىگە خىزمەت قىلدۈرىدىكەن. 
     
        پاكسىتان ئارمىيىسى باياناتچىسى يۇسۈفنىڭ دىيىشىچە ئۇلار ئۈچ كۈن ئۇرۇش قىلىپ بۇ رايۇننى ئىگەللىگەندىن كىيىن بۇ كاللا يۇيۇش ئورنىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالغان،بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ كاللىسىنى يۇيۇش ئورنى تۆت ئېغىز ئۆيدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ھەر بىر ئۆينىڭ تاملىرىدا نەپىس رەسىملەر بولۇپ ئۆسمۈرلەرگە بۇ سىلەرنى كۈتىۋاتقان جەننەتتىكى ھوزۇر ھالاۋەت ۋە ئەرلەرگە يېقىنلىشىپ باقمىغان ھۆرپەرىلەر دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.  
     
        ھەر بىر پارچە رەسىمدە بىرئېقىۋاتقان دەريا ۋە  دەريادا چۈمۈلۈپ ئويناۋاتقان كىشلەر شۇنداقلا دەريا بويىدا سەپ بولۇپ تۇرغان قىزلار سىزىلغان بولۇپ ،تالىبلار بالىلارغا بۇ دەريادا ئقىۋاتقىنى سۈت ۋە ھەسەل، دەريا بويىدىكى بولسا ئەرلەر يېقىنلىشىپ باقمىغان قىزلار ، بۇلار جەننەتتە سىلەرنى كۈتىۋاتىدۇ ... دەپ تەشۋىق قىلىدىكەن. رەسىمدە يەنە تالىباننى مەدھىيلەيدىغان شۇئارلار يېزىلغان

    121485362_51n.jpg

    مەنبەسىhttp://www.qutyar.net/mb/read-munber-tid-1547.html

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تالىبان