دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئىزدەش ماتورى: Kngine

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 19:59:06

دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئىزدەش ماتورى: Kngine دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئىزدەش ماتورى قايسى؟ Google ؟ Baidu ؟ Bing ؟ ھېچقايسىسى ئەمەس. Kngine دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىزدەش ماتورى «دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئىزدەش ...

    دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئىزدەش ماتورى: Kngine

        دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئىزدەش ماتورى قايسى؟ Google

        ؟ Baidu ؟ Bing ؟ ھېچقايسىسى ئەمەس.

     Kngine دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىزدەش ماتورى «دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئىزدەش ماتورى» سۈپىتىدە بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلدى. Kngine بولسا Web 3.0 ئىزدەش ماتورى، نۆۋەتتىكى Web 2.0 بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، Web 3.0 ئابونتچىلار بىلەن ماسلىشىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. مەن بۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال بېرىپ سىناپ باقتىم، Kngine ھەقىقەتەنمۇ ئەقىللىقكەن. ئادەتتە، Google، Bing، Baidu قاتارلىق ئىزدىگۈچلەردە ئىزدەش ئېلىپ بارغاندا، بۇ ئىزدەش ماتورلىرى پەقەت شۇ ئىزدىمەكچى بولغان ئاچقۇچلۇق سۆز بار بولغان تور بېكەتلەرنىڭ ئادرېسىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك سۆز- ئىبارىلەرنى چىقىرىپ بىرىدۇ. ئەمما بۇ ئىزدىگۈچ قانداق بىر نەرسە ئىزدىمەكچى بولساق شۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلارنى، تەپسىلاتىنى، مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى ئېنىق چىقىرىپ بىرىدىكەن. ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقى سوئال شەكلىدە ئىزدىگەندە، Kngine سىز سورىغان سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرەلەيدىكەن. گەرچە بۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ ئېنگىلىزتىلىدىن باشقا تىللاردىكى ئىزدەشكە نىسبەتەن ماسلىشىشچانلىقى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن تامامەن چىقالايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېخى يېڭى ئىزدەش ماتورى ئىكەن، كەلگۈسىدە بىزنىڭ تىل-يېزىقلىرىمىزنىمۇ قوللىشى ئۈچۈن ئىزدىنىپ، نەتىجىسىنى كۆرەلىسەك ئىستىقبالى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.