دېۋەڭلىكنىڭ بىز دىققەت قىلمايدىغان بېشارەتلىرى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-26 17:09:55

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى. نورمال ئادەم يىغىن ئېچىش، مۇھىم تېلېفوننى قوبۇل قىلىشنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ، ئەمما بىردەمدىن كېيىن ئېسىگە ئالالايدۇ. بۇنىڭ ئەكسى بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش خەتىرىنىڭ بېشارىتى بولىدۇ.


    دېۋەڭلىكنىڭ بىز دىققەت قىلمايدىغان بېشارەتلىرى
     
    تەيۋەنلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا بىلىش ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىش كېسىلىنىڭ دائىم ئۇچرايدىغان، ئەمما بىز تازا دىققەت قىلمايدىغان بېشارەتلىرىنى ئاشكارىلىدى.
    1. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى. نورمال ئادەم يىغىن ئېچىش، مۇھىم تېلېفوننى قوبۇل قىلىشنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ، ئەمما بىردەمدىن كېيىن ئېسىگە ئالالايدۇ. بۇنىڭ ئەكسى بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش خەتىرىنىڭ بېشارىتى بولىدۇ.
    2. ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى « book (كىتاب)» نىڭ نېمىلىكىنى، شوپۇر دائىم ماڭىدىغان يولىنى، بانكا خىزمەتچىسى سانىغان پۇلنىڭ سانىنى، ئاشپەز قورما قورۇشنى يادىدىن چىقارسا، بۇ بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش خەتىرىنىڭ بېشارىتى بولىدۇ.
    3. دېمەكچى بولغىنىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەي، ئىشارەت بىلەن چۈشەندۈرۈش، ۋاقىت ۋە ئورۇننى ئۇنتۇش، ئۆيى ئەتراپىدا ئېزىپ قېلىشمۇ بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش خەتىرىنىڭ بېشارىتىدۇر.
    4. يولدىن ئۆتكەندە قاتناش بەلگە چىرىغىغا قارىماسلىق، پۇل قەرز ئېلىپ باشقىلارغا بېرىش، ئېلاننى كۆرۈپلا دورا سېتىۋېلىش، بىر ھەپتىلىك دورىنى بىراقلا ئىچىۋېلىش؛ مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، تىزگىنەك قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى ئۇنتۇش بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش خەتىرىنىڭ بېشارىتى دېسەك بولىدۇ.
    5. نەرسە-كېرەكلىرىنى قالايمىقان قويۇش، ھەرىكىتى بىلەن كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولۇش، مىجەزى بۇزۇلۇش ۋە ئىش خۇشياقماسلىقمۇ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش خەتىرىنىڭ بېشارىتى.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.