ئوسكار مۇكاپاتى دېگەن نېمە

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-27 02:10:00

ئوسكار مۇكاپاتى دېگەن نېمە ئوسكار مۇكاپاتى كىنوچىلىق كەسپىدىكى كۆزگە كۆرۇنگەن خىزمەتلەرگە بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي مۇكاپات . ئۇ ئامېركىنىڭ كىنو سەنئىتى ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن يىلد...

    ئوسكار مۇكاپاتى دېگەن نېمە       

         ئوسكار مۇكاپاتى كىنوچىلىق كەسپىدىكى كۆزگە كۆرۇنگەن خىزمەتلەرگە بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي مۇكاپات . ئۇ ئامېركىنىڭ كىنو سەنئىتى ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ.نۇرغۇن كىشىلەر ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ قانداق نام ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا -20 ئەسىرنىڭ -30يىللىرىدىكى تۇنجى قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ،بىر كاتىپ ئالتۇن ھەيكەلنىڭ قارىماققا تاغىسى ئوسكارغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، مۇشۇ نامنى بېكىتكەن.كېيىنكى مۇكاپاتلار >ئوسكار مۇكاپاتى <دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ھازىر ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كىنو مۇكاپاتىدۇر.
         ئوسكار مۇكاپاتى كىملەرگە بېرىلىدۇ
          ئوسكار مۇكاپاتى ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ئىشلەنگەن نادىر كىنوغا ۋە ۋە كىنو ئىشلەشتە ئالاھىدە نادىر كىنوغا ۋە كىنو ئىشلەشتە ئالاھىدە نەتىجىگە ئېرشكەن شەخىسلەرگە بېرىلىدۇ.
      ئاساسلىق مۇكاپات تۈرلىرى
      ئەڭ ياخشى رەسىم
     ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى
     ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى
     ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى
     ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچى
    ئەڭ ياخشى رېجېسسور
    ئەڭ ياخشى سىنارىيەلەشتۇگۇچى
    ئەڭ ياخشى ئوپىراتور
    ئەڭ ياخشى ئاۋاز
    ئەڭ ياخشى كىنو مۇھەررىر
    ئەڭ ياخشى كىيىم لايىھىلىگۈچى
    ئەڭ ياخشى گىرىمچىك
    ئەڭ ياخشى كارتون فىلىم
    شەرەپ مۇكاپاتى
      ئوسكار مۇكاپاتىغا كىم ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن؟
       ۋالتىر  دىسنى ھاياتىدا 32قېتىم مۇكاپاتلىنىپ ،رېكورت ياراتقان.
      دۇنيا يەنە قانداق كىنو مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىملىرى بار؟
       دۇنيادىكى نۇرغۇن كىنو بايرىمىنىڭ ھەممىسىدە مۇكاپات تارقىتىلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى <فىرانسىيە گانا كىنو بايرىمى.>ئۇ فىرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدۇ.
    قايسى كىنو ئوسكار مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن  ؟
     -1959    ben-harيىلى ئىشلەنگەن
          
          ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يېشى ئەڭ كىچىك ئارتىس
     شىرلىي تېمپىل ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك ئارتىس ھېساپلىنىدۇ.ئۇ1934-يىل شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە ئەمدىلا بەش ياش ئىدى.
         ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ ئارتىس
     جىسكا .تاردى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئىچىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئارتىس ھېسابلىنىدۇ.ئۇ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە 80 ياشتا ئىدى.
                                  ياش ئۆسمۇرلەر دائىر ئېلىم-پەن بىلىملىرىدىن 1000سوال جاۋاپ  ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى
                                                                                                                     ھاۋگۇل موسا(ت)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق