قۇمۇل نېمىشقا «سوفىيانە قۇمۇل» دەپ ئاتالغان؟

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-28 16:53:44

بەزى ماتېرىياللاردا ، قۇمۇلدىكى مۇسۇلمانلىق ئاساسەن ئىشانلار تەرىپىدىن ئوموملاشتۇرلۇپ پۇختىلانغان، ھەتتا 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىقەت مۇرىتى بولغان. شۇڭا، ئاھالە ئارىسىدا سوپىلارنىڭ كۆپلىكى، خەلقنىڭ ياۋاش، مۇلايىملىقىدىن قۇمۇل دىيارى

     
    قومۇل نىمىشقا "سوفىيانە قومۇل" دەپ ئاتالغان؟
     
    1430-يىلدىن كېيىن ئىسلام دىنى ئەمدىلا تارقىلىشقا باشلىغان قۇمۇل رايۇنىدا تەرىقەت پىشىۋالىدىن مىرسەيىت جېلىل قاتارلىق ئىشانلار خەلق ئارىسىدا تەسەۋۋۇپچىلىقنى تەرغىب قىلغان. ئۇزاق مۇددەت بۇددا دىنى تەرىقەتلىرى ھۆكۇمرانلىقىدا بولغان قۇمۇل خەلقى ئىسلام دىنى تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىشانلارغا ئىخلاس قىلغۇچىلار كۆپەيگەن. بۇ خىل قولاي شارائىتتىن پايدىلانغان خوجا ئەھمەت كاسانىينىڭ نەۋرىسى خوجا مۇھەممەت يۈسۈپ قۇمۇلدا تەرىقەت سۈلۈكىنى يۈرگۈزگەن. بىر رىۋايەتتە، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان ئاپپاقمۇ قۇمۇلدا تۇغۇلغان.
    تۇرپاندىكى كېپەكبەگ تارخاننى ئۆلتۇرۇپ، سىياسىي ھوقوقنى تارتىۋالغان ئىمىن سوپىمۇ تۇرپان، پىچان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا تەسەۋۋۇپچىلىقنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان.
    بەزى ماتېرىياللاردا ، قۇمۇلدىكى مۇسۇلمانلىق ئاساسەن ئىشانلار تەرىپىدىن ئوموملاشتۇرلۇپ پۇختىلانغان، ھەتتا 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىقەت مۇرىتى بولغان. شۇڭا، ئاھالە ئارىسىدا سوپىلارنىڭ كۆپلىكى، خەلقنىڭ ياۋاش، مۇلايىملىقىدىن قۇمۇل دىيارى «سوفىيانە قۇمۇل» دەپ ئاتالغان دېگەن گەپ بار.
    مەنبە: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات» (2-قىسىم)، 246-بەت
    توردىكى مەنبەسى: ئىزدىنىش مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.