مىيىپلار ناۋا پىروگراممىسىغا قاتناشسا بول

يوللىغۇچى : crown يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-21 13:29:00

مىيىپلار ناۋا پىروگراممىسىغا قاتناشسا بولياردەم قىلىڭلار، «ناۋا» غا قاتنىشاي دېگەنمەن ياردەم سوراشتىن بۇرۇن ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسەم ....مەن قەشقەردىن بولىمەن ...ئىسمىم سەيپۇللا ئوبۇل...

    مىيىپلار ناۋا پىروگراممىسىغا قاتناشسا بول

     ياردەم قىلىڭلار، «ناۋا» غا قاتنىشاي دېگەن
    مەن ياردەم سوراشتىن بۇرۇن ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسەم ....
    مەن قەشقەردىن بولىمەن ...ئىسمىم سەيپۇللا ئوبۇلقاسىم ،سىلەرگە دىسەم مەن بىر مىيىپ بالا ماڭالمايمەن ..چاقلىق ئورۇندۇق ئارقىلىق ھەركەت قىلىمەن..مەن بۇيىل تولۇق3تە ئوقۇيمەن ...دەرستىكى ئىپادەممۇ يامان ئەمەس،شۇنداقلا ناخشا ئوقۇشقىمۇ بەكلا قىزىقىمەن ..مەن 2004-يىلى06-ئاينىڭ01 -كۈنىدىكى بالىلار سەنئەت كىچىلىكىدە ناخشا ئوقۇپمۇ چىققان ئىدىم...
       مىنىڭ ئەمدى <ناۋا>سەھنىسىگە چىقىپ ناخشا ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى..بىريىل تەييارلىق قىلىپ ئاخىرى ناخشىدىن بىرنى تەييارلىغان ئىدىم(ئىجادىي ناخشا)..بۇنى مۇشۇ 8-ئاينىڭ ئاخىردىراق تور ئارقىلىق ئەۋەتكەن ئىدىم ..باشتا ئۇ ناۋادىكىلەر سىزگە پۇرسەت بار دىگەن ئىدى،،لىكىن كىيىن گىپىدىن يىنىۋالدى....ئۇلار مىيىپ بالىلار قاتناشسا بولمايدۇ دەيدۇ...ناۋانىڭ رىژىسسورى شۇنداق دەيدۇ...مىيىپ بالىنىڭ قاتنىشىشى مۇمكىن ئەمەس دەيدۇ....كىيىن مەن باشقىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بۇ ناۋاغا شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىدىكى نىجات نىيازنىڭ گىپى ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتىم ..مەن ئۇنىڭغا ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ ناۋا سەھنىسى خۇشاللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان سەھنىكەن مەن چىقسام خاراكتىرى ئۆزگىرىپ كىتىدىكەن شۇڭا باشقا سەنئەت سەھنىلىرىگە چىقىش مۇمكىن بولارمۇ دىسەم ،،ئۇ ماڭا ناۋا سەھنىسى ئۇنداق بولغان يەردە باشقا سەنئەت سەھنىلىرى شۇنداق بولمامدىكەن دەپلا گەپنى ئۈزىۋەتتى ...مىنىڭ كۆڭلۈم بەكلا يىرىم بولدى نەچچە كۈنگىچە ئۇشۇمنى يوقۇتۇپلا يۈردۈم ...
    لىكىن ھازىرغىچە ئۈمۈد تۇغۇلۇپ قالارمىكىن دەپ تەن بەرمەي كەلدىم...
       ئەمدى مەن قانداق قىلسام بولىدۇ تورداشلار ياردەم قىلغان بولساڭلار ؟مەن كىم بىلەن ئالاقىلاشسام بولىدۇ ياردەم قىلغان بولساڭلار؟؟؟؟؟
    چ چ :604695354
    0998-2557064
     15809982080

       يۇقارقىسى بىزنىڭ قىرنداشلىرىمىزنىڭ ئىلتىجاسى،ناۋاغا ئۆزبەكلەر ۋە باشقا مىللەتلەر كىلىپلا قاتناشسا بولىدىكەنۇ نىمىشقا بىزنىڭ قىرىندىشىمىز شۇنچە جاپا تارتىپمۇ قاتنىشالمايدۇ؟؟؟ ئىنىق جاۋاب بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،ياكى مىيىپلار ناۋاغا قاتناشسا بولمامدۇ؟؟؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق