قۇربان بۇلغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى تىزىملىكى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-28 17:07:15

سابىت بەگزات 1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى 26 يېشىدا مىللى ئىنقىلابىي ئارمىيەگە قاتنىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، غەيرەت-شىجائەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.


    قۇربان بولغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى

    سابىت بەگزات

    سابىت بەگزات 1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى 26 يېشىدا مىللى ئىنقىلابىي ئارمىيەگە قاتنىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، غەيرەت-شىجائەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ 1945-يىلى سىنتەبىردىكى مەشھۇر جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
    ياقۇپ ھەسەن
    مەرھۇم ياقۇپ ھەسەن 1926-يىلى غۇلجا شەھەر ئۈچدەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ياقۇپ زەربىدارلىق بىلەن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانغان. شىددەتلىك جەڭلەر داۋامىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. ئۇ 1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ھەرەمبەغدىكى كەسكىن ئېلىشىشتا ئېغىر يارىلىنىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، دوختۇرخانىدا قۇربان بولغان.
    مۇخپۇل روزى
    مۇخپۇل روزىمۇ 1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ، جەڭلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرى بولغان. 1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش جېڭىدە ئالاھىدە جانپىدالىق كۆرسىتىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ چاغدا تېخى19 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى.
    ئەكبەر ئىبراھىم
    مەرھۇم ئەكبەر ئىبراھىم 1929-يىلى چاپچال جاغىستايدا تۇغۇلغان. 1944-يىلى 15يېشىدىلا كىچىكلىكىگە باقماي ئىنقىلابىي قوشۇنغا قاتنىشىپ، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. مەرھۇم 1944-يىلى كۈزدىكى ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
    ئىمىنجان مەخسۈت
    ئىمىنجان مەخسۈت 1920-يىلى قەشقەر كونىشەھەردە دۇنياغا كەلگەن. گۆدەك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا چىقىپ، قارادۆڭ مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان. 1945-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ، شۇ يىلى سىنتەبىردىكى شىخونى ئازاد قلىش جېڭىگە قاتنىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
    مۇ دېباۋ (خۇيزۇ(
    مۇ دېباۋ 1915-يىلى سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى قولىغا قورال ئېلىپ، ئىنقىلاپقا قاتناشقان. شۇ يىلى11-ئايدىكى ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
    مامۇت ئېلىيۇپ
    مامۇت ئېلىيۇپ 1920-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ، جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن. 1945-يىلى كۈزدە ماناس دەرياسى بويىدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
    مۇھەممەتجان
    مەرھۇم مۇھەممەتجان 1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ، كۆپ جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇھەممەتجان 1945-يىلىدىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
    مۇھەممەت ئەلى
    مەرھۇم مۇھەممەت ئەلى 1927-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ ئالاقىچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. شىددەتلىك جەڭلەردە يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقتىن قورقماي ئالاقىچىلىق قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن. ھەرەمباغ سوقۇشىدا ئۆزىنىڭ ياش غۇنچىدەك ھاياتىنى خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان.
    شىريازدان خالىق
    شىريازدان خالىق 1908-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ تەقدىرلەنگەن. غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قۇربان بولغان.
    توختاخۇن قادىر
    مەرھۇم 1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. 1945-يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا   19يېشىدا قۇربان بولغان.
    ھاجى ئەيسا
    مەرھۇم 1901-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان، ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
    خۇداۋەردى
    مەرھۇم خۇداۋەردى 1924-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى دىكابىردا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ، خەلق ئازادلىقى ئۈچۈن جەڭلەردە پىداكارانە خىزمەت كۆرسىتىپ، 1945-يىلى سۈيدۈڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
    مۇھەممەت ئىمىن
    مەرھۇم مۇھەممەت ئىمىن 1917-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى نويابىردا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. 1945-يىلىدىكى شىخو چوڭ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
    مۇتەللىپ
    مەرھۇم مۇتەللىپ 1928-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى نويابىردا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، شۇ يىلى دېكابىردا 16 يېشىدا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
    ھۆسەيىن(خۇيزۇ(
    مەرھۇم ھۆسەيىن 1924-يىلى 5-دېكابىردا غۇلجا شەھەر ئالتۇنلۇق مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى نويابىردا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. 1945-يىلى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
    مۇختار خېلىل
    مەرھۇم مۇختەر خېلىل 1912-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944 -يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. 1945-يىلى غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
    نىيازوپ 
    مەرھۇم نىيازوپ 1924-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، نۇرغۇنلىغان غەلىبىلىك جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. 1948-يىلى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
    ئىبراھىم
    مەرھۇم ئىبراھىم 1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي تەشۋىقات ئىشلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئېلىپ بارغان. يىل ئاخىرى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
    داۋامى بار
    مەنبە: غۇلجا شەھەرلىك ئىنقىلابىي كومىتىت خەلق ئىشلار ئىدارىسى 1981-يىلى تۈزگەن «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئەسلىمىسى» ناملىق كىتابچىدىن يوللاندى.
    توردىكى مەنبەسى: ئىزدىنىش مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قۇربان ئىنقىلاپ جەڭ