مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قانداق كېلىپ چىققان؟

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-17 02:34:00

ئولىمپىك نەنھەركەت يىغىنىدا «مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مۇسابىقە تۈرى بار، بۇ مۇسابىقىدا يۈگۈرۈش ئارىلىقى 42 كىلومېتىر 195 مېتىر قىلىپ بەلگىلەنگەن. نېمە ئۈچۈن «مارافون يۈ...

    ئولىمپىك نەنھەركەت يىغىنىدا «مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مۇسابىقە تۈرى بار، بۇ مۇسابىقىدا يۈگۈرۈش ئارىلىقى 42 كىلومېتىر 195 مېتىر قىلىپ بەلگىلەنگەن. نېمە ئۈچۈن «مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» دەپ ئاتىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئارىلىقنى شۇنچىلىك قىلىپ بەلگىلەيدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى قەدىمقى يۇناندىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
        مىلادىدىن ئىلگىرى 492 - يىلى ئەتىيازدا، ھازىرقى ئىران ئىگىزلىكىدىكى پىرسىيە ئىمپىرىيىسى كۆپلىگەن ئۇرۇش كىيىملىرى بىلەن يۇنانغا تاجاۋاۇز قىلغان. بۇ تارىختا مەشھۇر بولغان يۇنان _ پىرسىيە ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. پىرسىيە كېمە ئەترىدى كېتىۋاتقاندا توساتتىن قارا بوران چىقىپ كېتىپ، 300 ئۈرۈش كېمىسى دېڭىزغا غەرق بولۇپ كېتىپتۇ. 20 نەچچە مىڭ لەشكەر بېلىققا يەم بولۇپتۇ.
         شۇنىداق قىلىپ پىرسىيە قوشۇنلىرى ئۇرۇش قىلمايلا گۇم بولۇپتۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پىرسىيە پادىشاھى دەر غەزەپكە كېلىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا، يەنە يۇناننىڭ ھەرقايسى قەلئەلىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ «توپا ۋە سۇ» تەلەپ قىلىپتۇ. بۇنىڭ مەنىسى سىلەر ئەل بولۇڭلار دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن. بەزى قەلئەلەر پىرسىيە ئىمپىرىيىسىدىن قورقۇپ، دەرھال «توپا ۋە سۇ» تەقىدىم قىلىپ ئەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
        لېكىن يۇناننىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى قەلئەسى _ ئافىنا بىلەن سىپارتا قەتئى قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئافىنالىقلار پىرسىيە ئەلچىلىرىنى ئىگىز تاغقا ئېلىپ چىقىپ چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىرىۋېتىپتۇ. سىپارتالىقلار بولسا ئەلچىلەرنى قۇدۇق بېشىغا ئېلىپ بېرىپ قۇدۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. _ بۇنىڭ ئىچىدە توپىمۇ، سۇمۇ بار، قانچە لازىم بولسا، شۇچە ئال! - دەپ قودۇققا تاشلىۋېتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پىرسىيە پادىشاھى قاتتىق غەزەپكە كېلىپ ئۇرۇشتا ئەڭ تەجرىبىلىك قىلىپ، 2 - قېتىم يۇنانغا يۇرۇش قىلدۇرۇپتۇ.
        مىلادىدىن ئىلگىرى 490 - يىلى پىرسىيىنىڭ قۇدرەتلىك كېمە ئەترىدى ئېگەي دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتۈپ ، ئافىنا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مارافون تۈزلەڭلىكىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپتۇ. ئافىنا ئاسمىنىنى مۇنقەرز بولۇش خەۋپى قاپلاپتۇ: ئافىنالىقلار يۈگۈرۈش ماھىرى پىلبتېسنى خوشنا قەلئە سىپارتاغا يادەم سوراپ ئەۋەتىپتۇ. بۇ ئەلچى كىشنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇرىغان سۈرئەت بىلەن، ئىككى كۈن ئىچىدە 150 كىلومېتىر يول يۈرۈپ سپارتاغا كېلىپتۇ. بىراق سىپارتا ھۆكۈمرانى كونا ئۆرپ - ئادەتنى بايان قىلىپ: «ھازىر بولمايدۇ، ئاسماندا تولۇن ئاي كۆرۈنگەندە ئاندىن ئەسكەر چىقىرىمىز» دەپ ئەسكەر چىقارغىلى ئۇنىمايدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئەسكەر چىقارغۇسى يوق ئىكەن. يۈگۈرۈش ماھىرى بۇ كۆڭۈلسىز خەۋەرنى ئېلىپ ئافىناغا قايتىپ كېلىپتۇ.
       ئافىنا سەركەردىلىرى دەرھال پۈتۈن پۇقرالارنى تەشكىللەپ ئەسكەرلىككە ئېلىپتۇ.
    ھەتتا قۇللارنىمۇ ئېلىپتۇ. ئۇلار مەشھۇر لەشكەر بېشى مىلتىيادېسىنىڭ باشچىلىغىدا مارافونتۈزلەڭلىكىگە كېلىپ پىرسىيە قۇشۇنىلىرى بىلەن ئۆلۈم - كۆرۈم جېڭى قىلىپتۇ. ئافىنا قوشۇنىدا ئاران 10 مىڭ ئادەم بار ئىكەن، پىرسىيە قوشۇنىدا بولسا، ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، 100 مىڭ ئادەم بولغان. كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مىلتىيادىېس جەڭچىلەرگە: _ ئافىنالىقلارغا قۇللۇق كىشىنى سېلىنامدۇ ياكى مەڭگۈ ئەركىن تۇرامدۇ، بۇ سىلەرگە باغلىق! - دەپتۇ. كىشنى تەسىرلەندۇرىدىغان بۇ سۆز جەڭچىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە جاسارىتىگە ئىلھام بولۇپتۇ. جىددى جەڭ باشلىنىپتۇ. ئافىنا قوشۇنلىرى مارافوننىڭ تاغلىق، ئىگىز جايلىرىنى ئېگەللەپتۇ. بۇ جاي ئۈچ تەرىپى تاغلىق جىلغا بولۇپ، چوڭ يانتۇلۇق ئىكەن. شۇڭا بىر قاراپلا تۈزلەڭلىككە جايلاشقان پىرسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بارىگاھنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بىر كۈنى تاڭ سەھەردە، مىلتىيادېس پۈتۈن قوشۇنغا، ئۇچقاندەك ئېتىلىپ چۈشۈپ، دۈشمەن بارىگاھىغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇپتۇ.
        بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇم پىرسىيە قوۇنلىرىغا ئىنتايىن تەسادىپى تۇيۇلۇپتۇ. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا پىرسىيە قوشۇنلىرى ناھايىتى تېزلىك بىەن ئافىنا قوشۇنىلىرىنىڭ مەركىزىي سېپىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپتۇ. ئافىنا قوشۇنلىرى ئۇرۇشتا چىكىنىپتۇ، پىرسىيە قۇشۇنلىرى قەدەممۇ - قەدەم قىستاپ كېلىتۇ. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، ئافىنا قوشۇنلىرى تۇيۇقسىزلا تەرەپ-تەرەپتىن چۇقان كۆتىرىشىپ، ئىككى يان تەرەپتىن پىرسىيە قوشۇنىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپتۇ. پىرسىيە قوشۇنلىرى ئافىنا قوشۇنلىرىغا قوغلاپ زەربە بېرىمىز، دەپ سەپنى ئۇزارتىۋەتكەچكە، ھەر تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىر _بىرىگە قارىيالماي، تەرەپ - تەرەپتىن قېچىپ كېمىلىرىگە چىقىۋېلىپتۇ. مىلىتيادېس بۇ غەلىبە خەۋىرىنى تېزدىن ئافىناغا يەتكۈزۈشنى، يەنىلا پىلتېسقا تاپشۇرۇپتۇ. بۇ يۈگۈرۈش ماھىرى يارىلانغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ ۋەزىپىنى مەردانىلىق بىلەن قوبۇل قىلىپتۇ.
       ئۇ ئۇچقاندەك تېز چېپىپ مارافوندىن ئافىنانىڭ مەركىزى مەيدانىغا يۈگۈرۈپ بېرىپتۇ ۋە تەشنالىق بىلەن خەۋەر كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەرگە «شاتلىنىڭلار، كۆپچىلىك، بىز غەلىبە قىلدۇق!» دەپتۇ - دە، يەرگە يىقىلىپ جان ئۈزۈپتۇ. مارافون ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى پۈتۈكۈل يۇناننى پىرسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇللۇغىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلاپ قالغان ھەمدە يۇنان يېرىم ئارىلىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ۋە قەھرىمان پىلتېسىنىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن 1896 - يىلى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەن 1 - قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا، بىر يېڭى مۇسابىقە تۈرىنى-مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى قوشۇش بەلگىلەنگەن. تەنھەركەتچىلەر مارافوندىن باشلاپ يۈگۈرۈپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئەينى زاماندا پىلبىتېس ماڭغان يول بىلەن ئافىناغا بارغان، پۈتۈن مۇساپە 40 كىلومېتىر 200 مېتىر كېلىدىكەن. 1920 - يىلى، بۇ ئارىلىقنى تەپسىلى ئۆلچەشتە، 42 كىلومېتىر 195 مېتىر چىققان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق