ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 18

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-02 16:17:11

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر -18نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە ئەزىز قېرىنداشلار!تۈرك خەلقىنىڭ پىكىر ـ تەپەككۈرى بىلەن يېتىشكەن كاتتا دانىشمەن نەسىردىن ئەپەندىنى تونۇشتۇرىمىز.ۇ پىكرىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ...



    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر -18

    نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە

         ئەزىز قېرىنداشلار!تۈرك خەلقىنىڭ پىكىر ـ تەپەككۈرى بىلەن يېتىشكەن كاتتا دانىشمەن نەسىردىن ئەپەندىنى تونۇشتۇرىمىز.ۇ پىكرىنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن يۇمرىستىك ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، باشقىلارنى كۈلدۈرۈۋېتىپمۇ ئويغا سالىدىغان لەتىپىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ناچار ئىللەتلەرنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن قامچىلايدىغان دانىشمەن ئىدى. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرى تۈرك خەلقىنىڭ دەنالىقىنىڭ مۇجەسسەم ئىپادىسى ئىدى. يېزىلىق، شەھەرلىك، باي كەمبەغەل، پۈتۈن تەبىقە كىشىلەرنىڭ ئوي ـ تەپەككۈرلىرىنى ۋە تەنقىد قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بۇ لەتىپىلەر تۈرك خەلقى پەلسەپىسىنىڭ ئەينىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     

         نەسىردىن ئەپەندى ئەسىرلەردىن بۇيان يالغۇز تۈرك دۇنياسىدىلا نام چىقىرىپ ياشناپ كەلگەن بولماستىن، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئاجايىپ كاتتا شۆھرەتلەرگە ئىگە بولۈپ كەلدى. شۇڭا ئۇنى شەرق دۇنياسى ۋە غەرب دۇنياسىمۇ ناھايىتى ياخشى تونۇيدۇ. ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن ئىرانلىقلار ئۇنى «موللا نەسرىددىن» دەپ ئاتىسا، قازاقلار «غوجا نەسرىددىن»، ئۆزبېكلەر بىلەن ئويغۇرلار بولسا، «نەسىردىن ئەپەندى» دەپ ئاتايدۇ. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرىگە ئالاقىدار كىتابلار يېراق شەرقتىن ئامېرىكىغا، ئوتتۇرا ياۋروپادىن ئىسكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىگە  شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىن  شىمالىي ئافرىقىغا قەدەر دۇنيانىڭ ھەممىلا دۆلەتلىرىدە دېگۈدەك نەشىر قىلىنىپ كەلمەكتە.

    **************************************************

         نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھاياتىغا دائىر ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما «1208 ـ يىلى ئەنقەرە بىلەن ئەسكىشەھەر ئوتتۇرىغا جايلاشقان سىۋرىھىسار ناھىيەسىنىڭ ھورتو يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن» دېگەن قاراشمۇ مەۋجۇت. سىۋرى ھىسارنىڭ مۇفتىسى ھەسەن ئەپەندىنىڭ يېزىشقا باشلاپ، تاماملىيالمىغان ئەسىرىدىكى، مەنبە كۆرسەتمەستىن بېرىلگەن مۇلاماتلارغا شۇنداقلا يەنە باشقا مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ دادىسى يېزىنىڭ ئىمامى بولۇپ، ئۇ دادىسىدىن ئەرەبچە ئۆگەنگەن ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئىگىلىگەن. دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن مەلۇم مەزگىل يېزىدا ئىماملىق قىلغان. كېيىن سىرۋى ھىسار ۋە ئەسكىشەھەر مەدرىسىلىرىدە تەلىم ئالغان. سەييىد مەھمۇد ھەيرانى ۋە سىيىت ھاجى ئىبراھىم بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئاقشەھەرگە يەرلىشىپ قالغان. نەسرىددىن ئەپەندى ئاخىرىدا ئاقشەھەردە ئالەمدە ئۆتكەن ۋە ئاقشەھەر قەلئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مازارلىققا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ قەبىرىگاھى ھازىرمۇ ئەسكىشەھەردە ساقلانماقتا. ئۇنىڭ قەبىرىسى 1905 ـ يىلى قايتىدىن رېمونت قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە نەسىردىن ئەپەندىگە ئائىت بىر يازما تېپىلغان  بولۇپ، ئۇنىڭدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتى، تەتۈر شەكىلدە ھىجرىيە 683 ـ يىلىنىڭ ئورنىغا 386 ـ يىلى دەپ يېزىلغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇنداق بولغاندا مىلادىيەنىڭ 1284 ـ يىلىغا توغرا كەلگەن بولىدۇ. نەسىردىن ئەپەدىنىڭ قىزلىرى فاتىمە بىلەن دۇررى مەلەك خاتۇننىڭ مەقبىرىسى، دەپ قارىلىۋاتقان ئىككى قەبرىنىڭ مازار تېشىدىكى تارىخلارمۇ نەسىردىن ئەپەندى ئۆتكەن دەۋرلەگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.

         نەسىردىن ئەپەندى ئانادولۇ سەلچۇقلىرى دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، بۇ دەل دۆلەت ئاجىزلىشىپ كەتكەن، مۇڭغۇل ئىستىلاسى باشلانغان، تەخت تالىشىش دېگەنگە ئوخشاش ئىچكى زىددىيەتلەر تۈپەيلى خەلقنىڭ دەرت ـ ئەلەملىرى ھەسسىلەپ ئاشقان دەۋرلەردىن بىرى ئىدى. نەسىردىن ئەپەندى دەل ئەشۇ مەزگىللەردە ۋە كېيىنكى جەمئىيەت تېخىمۇ قالايمىقانلاشقان ئەسىرلەردە، دەرت ـ ئەلەم ئىچىدىكى خەلقنىڭ ئىجادكار روھىنىڭ شۇنداقلا يۈمرىستىك قاراشلىرىنىڭ سېمۋولىغا ئايلانغان ئىدى.

        نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئوسمانىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە ياشىغانلىقىنى ئورخان غازى، يىلدىرىم بەيازىت، ھەتتا ئاقشەھەردە تۇرۇۋاتقان تېمۇرلەڭ بىلەن تونۇشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلارمۇ بار. ۋەھالەنكى نەسىردىن ئەپەندى ئوسمانىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە ياشىمىغان ئىدى. ئۇ ئەسلىدە كونيادا يېتىشكەن ئالىملاردىن خوجا پىر ئەبى ۋە خوجا جاھان بىلەن ئوخشاش دەۋردە ياشىغان ئىدى. ئەۋلىيا چەلەبىي نەسىردىن ئەپەندىنىڭ  تېمۇرلەڭنىڭ دەۋرىدە ياشىغانلىقىغا دائىر كۆز قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەسىردىن ئەپەندى بىلەن تېمۇرلەڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر قېتىملىق سۆھبەتنى مۇنداق يازغان ئىدى:

       ـ بىر كۈنى تېمۇر نەسىردىن ئەپەندى بىلەن ھاممامغا بېرىپتۇ. تېمۇرلەڭ بىلىگە "پوتا" دەپ ئاتىلىدىن يېپەك بەلباغ باغلىۋالغان بولۇپ، تېمۇر نەسىردىن ئەپەندىدىن: «ئەپەندىم! مەن بىر جاھان پادىشاھى. ئەگەر سېتىلىدىغان بولۇپ قالسام، سەن مېنى قانچە پۇلغا سېتىۋالىسەن؟» دەپ سوراپتۇ.

         نەسىردىن ئەپەندى: «ئاران دېگەندە قىرىق ئاقچىگە سېتىۋالىمەن» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

         تېمۇرلەڭ: «ئەپەندىم بىلەمسەن، مېنىڭ شۇ بېلىمدىكى پوتامنىمۇ قىرىق ئاقچىغا ئالىدۇ ـ جۇمۇ؟» دەپتۇ.

        ئەپەندى ئۇنىڭغا «مەنمۇ قىرىق ئاقچىغا شۇ بىلىڭدىكى پوتىنى ئالماقچى. بولمىسا ساڭڭ ئوخشاش بىر ئادەمنى پۇلغا ئېلىپ نېمە قىلارمەن؟» دەپ جاۋاپ قايتۇرۈپتۇ.

       نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىنىڭ تېزلىقىغا قايىل بولغان تېمۇر ئۇنى ئالاھىدە تارتۇقلاپتۇ.

    ***************************************************

         ئەۋلىيا جەلىبىي تىلغا ئالغان بۇ لەتىفە ئەسلىدە نەسىردىن ئەپەندىگە ئائىت ئەمەس بولۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ «ئىسكەندەرنامە»نى يازغان تاجەددىن ئىبراھىم بەي بىلەن تېمۇرلەڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەنلىكى مەلۇم.

         بۇنىڭدىن باشقا يەنە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ سۇلتان ئالائۇددىننىڭ ۋەزىرى نەسرىددىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلارمۇ بار. قەيسىرىدە «نەسرىددىن خوجا» دېيىلگەن بىر تاش تېپىلغان بولۇپ، كېيىنكى تەكشۈرۈشلەر ئۇنىڭ نەسىردىن ئەپەندىگە ئائىت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

         سۇلتان فاتىھ مەھمەتنىڭ دەۋرىدە ئىستانبۇلدا بىر قېتىم نوپۇس ۋە دەرنەك ۋەقپىلەرنى ساناش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يېقىندا بۇ ساناش خاتىرىلەنگەن ھەمدە سارايدا دەفتەرخانە خەزىنىسىدە ساقلىنىۋاتقان دەپتەرلەردىن بىرىدە، قىرشەھىردىكى بىر ۋەخپەنامىسىغا، «مەۋلانا نەسرىددىن ۋەقپىسى» دەپ يېزىلغانلىقى بايقالدى. مانا بۇ قىممەتلىك ماتېرىيالغا ئاساسلانغان ھالدا نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ قەبرىسىنى ئاقشەھەردە دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ۋەخپەنامىسىدا يېزىلغان «مەۋلانا» دېگەن سۆز بولسا، ئۇنىڭ بىر بىلىملىك زات ئىكەنلىكىنىڭ چوڭ پاكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

        نەسىردىن ئەپەندىنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن سان ـ ساناقسىز لەتىفىلىرىنى ئەسلىدە ئومۇم خەلقنىڭ مەھسۇلاتى دەپ ھېسابلاش لازىم. بۇ لەتىفەلەردە خەلقنىڭ نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنى ئىزچىل شەكىلدە يارىتىپ ماڭغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئۆتكەن تارىخى شەخسلەر بىلەنمۇ نەسىردىن ئەپەندىنى ئۇچراشتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 15 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئانادولۇنى ئىشغال قىلغان تېمۇر بىلەن نەسىردىن ئەپەندى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن مەزكۇر ۋەقە بۇنىڭ ئەڭ تېپىك مىسالى بولالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قەدىمقىي لەتىفە توپلاملىرى بىلەن ئەمدىكى چاغدا نەشىر قىلىنىۋاتقان نەسىردىن ئەپەندى لەتىفىلىرى توپلاملىرىنى سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساقمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان يېڭى لەتىفىلەرنىڭ ئىجاد قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز.

    **************************************************

         نەسىردىن ئەپەندى ئانادولۇدىكى سەلجۇق ئىمپېرىيەسى مۇڭغۇللارنىڭ چاڭغىلىغا كېرىپ كەتكەن چاغلاردىكى زۇلمەتلىك دەۋرلەردە ئۈمىد نۇرى بولغان، ئىنسانلارنى كۈلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئويلۇنۇشقا يۈزلەندۈرگەن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، قازىلىق ۋە مۇدەررىسلىك قىلغان قىممەتلىك ئىلىم ئەھلى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۈرۈپ، غەپلەتتىن ئويغاتقان ئىدى.

        نەسىردىن ئەپەندى ئەنقەرە ۋە بۇرسانىمۇ ساياھەت قىلغان بولۇپ، ئۇ مەدرىسىلەردە نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتشتۈرگەن، ئۆز پىكىرىنى خەلقنىڭ چۈشەنچىسىگە كۆرە ئوتتۇرىغا قويغان، شۇڭلاشقا خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالالىغان ئىدى.  نەسىردىن ئەپەندى ئۆزىمۇ بىر خەلقپەرۋەر ئىنسان بولۇپ، ئۇ ھاياتىدىكى بارلىق قىيىنچىلىقلارغا مەسخىرىلىك چاخچاقلىرى بىلەن تاقابىق تۇرۇش يولى ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەر قاراشلىرىنى ئومۇمۇلاشتۇرۇشقا تىرىشقان ۋە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇ كىتاب ئوقۇپ ئېلىم ئىگىلەشتىنمۇ بەكرەك، ئەمەلىي تەجرىبە، كۈزۈتۈشنى ئاساس قىلغان رىئال تۇرمۇش مەكتىپىدە يېتىشكەن دانىشمەن ئىدى. ئۇ ناھەقچىلىقنى ۋە رەزىل قىلمىشلارنى قاتتىق قامچىلايتتى. ئاددى ـ ساددە ياشاشقا ۋە پۈتۈن ئىشىنى ئۆز قولى بىلەن قىلىشقا ئامراق ئىدى. ئۇنىڭ لەتىفىلىك سۆزلىرى ئاجايىپ چۇڭقۇر بىلىم ۋە ئۆتكۈر پىكىرنىڭ سەمىرىسى بولۇپ، ئۆزگىچە ئۈسلۇبقا ئىگە ئىدى.

         نەسىردىن ئەپەندىنىڭ يۇمىرىستىك ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ قەدىمىي مەنبە «سالتۇقنامە» بولۇپ، بۇنىڭدىن نەسىردىن ئەپەندىنىڭ يۇمۇرىستىك ئوبرازىنىڭ 15 ئەسىردىلا ھەممىگە مەشىھۇر بولۇپ بولغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ لەتىفىلىرى بەزى ژورناللاردىمۇ توپلانغان ئىدى. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەرمېنىچە ھەرىپلەر بىلەن يېزىلغان تۇنجى لەتىفە كىتابى 1853 ـ يىلى ئىستانبۇلدا نەشرى قىلىنغان ئىدى. كېيىنكى چاغدا زامانىۋى مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ كۆرۈنەرلىك شەخىسلىرىدىن فۇئاد كۆپرۈلۇ بىلەن ئاتاقلىق شائىرىمىز ئورخان ۋەلى كانىك، نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە ئالاھىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. ئالبېرت ۋېسسېلسىكىنىڭ  (Der Hodscha Nesreddin) ناملىق كىتابى نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ كەڭ دائىرىلىك تەتقىقات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدىمۇ نۇرغۇنلىغان يازغۇچىلار نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە ئاز بولمىغان كىتاب ۋە ماقالىلارنى يازدى. ئاتاقلىق مۇزىكانت ساباھەددىن قەلەندەر، 1961 ـ يىلى نەسىردىن ئەپەندى ئوپىراسىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە ئاقشەھەردە ھەر يىلى 5 ـ ئىيۇلدىن 10 ـ ئىيۇلغىچە نەسىردىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. كونياغا بارغىنىمىزدا يۇمرىستىك تەپەككۈرنىڭ سىمۋۇلى سۈپىتىدە، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئاقشەھەردىكى مەقبىرىسىنىڭ ھەممە ئەتراپى ئوچۇق قويۇلۇپ، تامسىز ئىشىكىگە ئىنتايىن چوڭ بىر قۇلۇپنىڭ سېلىنغانلىقىنى كۆرىسىز.

          ئاقشەھەردىكى مۇراسىملاردا 1973 ـ يىلىدىن تارتىپ، نەسىردىن ئەپەندى ھەجىۋىي رەسساملىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن باشلانغان «نەسىردىن ئەپەندى ھەجىۋىي رەسىم مۇسابىقىسى»، 1974 ـ يىلىدىن تارتىپ خەلقئارالىق سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. بۇ مۇراسىملار دائىرىسىدە يەنە، 1976 ـ يىلىدىن بۇيان نەسىردىن ئەپەندى كۈلكۈلۈك ھېكايە مۇسابىقىسىمۇ ئۆتكۈزۈلمەكتە.

         تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى خەلق مەدەنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۈرۈش باشقارمىسى باش مۇدۇرلۇقى تۇنجى قېتىم 1989 يىلىدا 1 ـ نۆۋەتلىك خەلقئارا نەسىردىن ئەپەندى لىكسىيە سۆزلەش يىغىنى  چاقىردى. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ 17 ـ ئەسىردە ياسالغان بىر مىنياتورى بۈگۈنكى كۈندە توپكاپى سارىيى مۇزىيى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. 

    ****************************************************

         ئەزىزقېرىنداشلار! كاتتا ئالىم دانىشمەن نەسىردىن ئەپەندىنىڭ لەتىفىلىرىنى ئاڭلىتىش بىلەن بۈگۈنكى پىروگراممىمىزنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز.

         بىر كۈنى نەسىردىن ئەپەندىمدىن قوشنىسى ئېشىكىنى ئۆتنە سوراپتۇ. نەسىردىن ئەپەندىم يوق، دەپ جاۋاپ بېرىپ تۇرىشىغا ئېشىكى ئىچكىرىدىن ھاڭراشقا باشلاپتۇ.

        قوشنىسى ئۇنىڭدىن «ئەپەندىم ئېشىكىم يوق، دېگەنتىلە، ئەمما ئۆي ئىچىدىن ھاڭرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتمامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ.

        نەسىردىن ئەپەندىن قوشنىسىغا: «سەن نېمانداق غەيرى ئادەمسەن، شۇ ئېشەكنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ، مىنىڭدەك ئاقساقال بىر ئادەمنىڭ گىپىگە ئىشەنمەمسەن؟» دەپتۇ.

    **********************************

        بىر كۈنى بىرسى نەسىردىن ئەپەندىمدىن: «قارىسىلا، تاڭ ئاتقان ھامان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇ تەرەپكە، يەنە بەزىرى بۇ تەرەپكە كېتىشىدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دەپ سوراپتۇ.

        نەسىردىن ئەپەندى ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: «ئەگەر ھەممىسى بىرلا تەرەپكە كېتىدىغان بولسا ئىدى، دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى» دەپتۇ.

    ************************************

        بىر كۈنى نەسىردىن ئەپەندىمدىن  «سىزنىڭ ئايالىڭىز سىرتنى كۆپ ئايلىنىدىكەن» دەپتۇ. ئەپەندىم دەرھال جاۋاپ بېرىپ، «دېگىنىڭ توغرا بولمىدى، ئەگەر كۆپ ئايلىنىدىغان بولسا ئىدى، بىركۈنى بىزنىڭ ئۆيگىمۇ كەلگەن بولمامتى؟» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

    **********************************

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.