ۋېنسۇئېلا تۇنجى قېتىم روسىيىنىڭ T-72B1 تىپلىق تانكىسىغا ئىگە بولدى

يوللىغۇچى : halisa يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-01 11:42:55

ۋېنسۇئېلا تۇنجى قېتىم روسىيىنىڭ T-72B1تىپلىق تانكىسىغا ئىگە بولدى جۇڭشىن تورى 31-ماي تېلېگراممىسى، روسىيە Defensaتورىنىڭ 31-ماي ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، روسىيە تەرەپ ۋېنسۇئېلاغا تۇنجى ...



     

    ۋېنسۇئېلا تۇنجى قېتىم روسىيىنىڭ T-72B1 تىپلىق تانكىسىغا ئىگە بولدى

      جۇڭشىن تورى 31-ماي تېلېگراممىسى، روسىيە Defensaتورىنىڭ 31-ماي ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، روسىيە تەرەپ ۋېنسۇئېلاغا تۇنجى تۈركۈمدە ئىشلەپچىقارغان T-72B1تىپلىق تانكىسىنى ئېكىسپورت قىلىدىكەن.

      2009-يىلى 9-ئايدا ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭ چاۋىس بايانات ئېلان قىلىپ، روسىيىدىن جەمىئىي 92 دانە T-72تىپلىق تانكا، سانى ئېنىق بولمىغان BMتىپلىق كۆپ سىتۋوللۇق زەمبىرەك ھەمدە ئومۇمىي سوممىسى  2 مىليارد 200 مىليونلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ساقلىنىش سىستېمىسى سەپلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ئۇ  شۇ چاغدا يەنە تەكىتلەپ، < بۇ سەپلىمىلەر روسىيە تەرەپ تەمىنلىگەن قەرز سوممىسى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ> دېگەن.

      باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: <  بۇ تانكىلارنى توشۇشتا Sluisgratchنومۇرلۇق پاراخوت ئىشلىتىلىدۇ، پاراخوت 25-ماي يۈك چۈشۈرۈپ توشۇشقا تەييارلىنىپ بولدى.>

      ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى نەچچە ھەپتە ئىچىدە قۇرال ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بېسىلغان يەتتە دانە پاراخوت روسىيىدىن بىۋاستە ۋېنسۇئېلاغا قاراپ يولغا چىققانىكەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.