تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -06

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-26 17:21:00

‹ماناس داستانى› بۇ داستاندا قىرغىز تۈركلىرىنىڭ تارىخى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، مەدەنىيىتى، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. داستاندا، خەلقنى...



     

    ‹ماناس داستانى›

       بۇ داستاندا قىرغىز تۈركلىرىنىڭ تارىخى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، مەدەنىيىتى، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. داستاندا، خەلقنىڭ قەدىمكى ئەپسانىۋىي دەۋرلىرىدىن كېيىنكى ئەسىرلەرگىچە بولغان جەرياندىكى كەچۈرمىشلىرى ئەتراپلىق شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ. ماناس داستانى ئۈستىدە دەسلەپكى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان قازاق ئالىمى چاقان ۋەلىخانوفنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا داستانغا تۆۋەندىكىدەك باھا بەرگەنلىكى مەلۇم:

      “ماناس داستانى بىر ئىنساننىڭ، يەنى قەھرىمان ماناسنىڭ ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن ئەپسانىلەر، مەسەللەر، ماقال – تەمسىللەر ئانسىكلوپېدىيەسىدۇر. بۇ بىر بوزقىر ئىلياداسىدۇر. بۇ ئۇلۇغ ئەسەردە قىرغىزلارنىڭ تۇرمۇشى، ئەنئەنىلىرى، جۇغراپىيەسى، دىن ۋە مەدەنىيەت چۈشەنچىسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرى ئورۇن ئالغان.”

       بىر مىليوندىن ئارتۇق مىسرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك ئەسەر ماناس داستانىنىڭ، ئىپىك داستانلار ئاسمىنىدىكى چولپان يۇلتۇزى كەبى پارلىغانلىقى بەس – مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. ماناس، ئىنسانلار ۋۇجۇدقا چىقارغان باشقا داستانلاردىن پەقەت ھەجىم جەھەتتىنلا ئەمەس، مەنە چوڭقۇرلۇقى، تەڭداشسىز گۈزەللىكى، باي تەسەۋۋۇرى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. بۇ داستاندا ئانا ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن شېھىتلەر بېرىلگەن ئۇرۇشلاردىن، ئىنساننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان دەرتلەرگە قەدەر چەكسىز تۇرمۇش كارتېنىلىرى ئەتراپلىق شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

      ئەگەر قەدىمكى خىرىستىيان مەدەنىيىتى ئىنسانىيەتكە كاتتا ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلغان بولسا، قەدىمكى كۆچمەن  تۈرك مەدەنىيىتىمۇ دۇنياغا بۈيۈك ماناس داستانىنى ھەدىيە قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ماناس داستانى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ چەكلىك ساندىكى شاھ ئەسەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

    .......................................................................................

       ماناس، بۇ داستاندىكى قەھرىماننىڭ ئىسمىدۇر؛ داستان قەھرىماننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالسا، داستاننى ئېيتقان شائىرلار ماناسچى دەپ ئاتىلىدۇ. ماناسچىلار بالىلىق ياشلىرىدىلا تەلىم – تەربىيە ئېلىشنى باشلايدۇ. ماناس داستانىنى ئوقۇشمۇ بىر خىل سەنئەت، بىر خىل كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەدەبىيات ئابىدىسىنى ئوقۇپ ھاياجانلىنىشتىن باشقا، بىر ماناسچىدىن ئاڭلاپ، ھۇزۇرلىنىشمۇ مۇھىم. ماناسچىلار داستاننى ئەسىرلەر بويىچە ئېغىزدىن ئېغىزغا يۆتكەپ زامانىمىزغا قەدەر داۋاملاشتۇرغان. ئايلارچە كېچە – كۈندۈز ماناس ئېيتسىمۇ، توختاپ قالمايدىغان مەشھۇر داستانچىلار بار. بۇ تۈردىكى ماناسچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ساغىم باي ئورازباقۇلۇ بىلەن ساياكباي قارالائۇلۇدۇر. داستان بۇ ئىككى ماناسچىنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە قەلەمگە ئېلىنىپ نەشىر قىلىنغان.

      زامانىمىزدا «ماناس داستانى» كىتاب شەكلىدە نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. داستاننىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسى خەلقنى بىرلەشتۈرۈش، خەلق ئىچىدە پىكىر بىرلىكى يارىتىش، جانلىق تەرتىپنى ساغلاملاشتۇرۇش، بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەمكارلىق ۋە دوستلۇققا چاقىرىشتىن ئىبارەت.

      ماناس داستانى «ماناس»، «سەمەتەي» ۋە «سەيتەك» تىن ئىبارەت ئۈچ بۆلۈمدىن تەركىپ تاپىدۇ. داستاندا قەھرىمان ماناسنىڭ باتۇرلۇقى، دۈشمەنلەر دۆلىتىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتكەن قىرغىز خەلقىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر بايراق ئاستىغا توپلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، قەبىلە ۋە بويلار ئارىسىدىكى تارقاقلىق ۋە ماجىرالارنى بىتەرەپ قىلىپ، بىرلىك – باراۋەرلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ھېكايە قىلىنىدۇ.

        داستاندا بايان قىلىنغان ۋەقەلەر ماناسنى مەركەز قىلىدۇ. ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن تاكى ۋاپات بولۇشىغا قەدەر بولغان جەريان، قەھرىمانلىقلىرى بايان قىلىنىدۇ. ماناسنىڭ ئەجدادلىرى بولغان قاراخان، تۈبۆيقان؛ بۇلاردىن كېيىن نوغايدىن باشلانغان خەلقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۈشمەنلەر ئالدىدىكى بويۇن ئەگمەس قەھرىمانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ.

       ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! قىرغىزلار تاڭ خانى ئالۆئۆكې تەرىپىدىن ئالتايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەۋردە، ماناس ئالقىنىدا قان سىقىمدىغان ھالدا دۇنياغا كېلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىدى. ئۇ، بالىلىق دەۋرىنى تولىمۇ كەپسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئاتىسى چاقىپ خان ئۇنى تۇرمۇش ئۆگەنسۇن، چىدامچان بولسۇن، يېتىشسۇن دەپ ئوشپۇرنىڭ يېنىغا چوبانلىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. لېكىن ئوغلىنىڭ كەپسىزلىكلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ماناس، دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەر كۈنى بىر قوي سويۇپ، كۈنىنى ئويۇن – تاماشالار بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئوشپۇر ئۇنىڭدىن زىرىكىپ، چاقىپقا خەۋەر يوللايدۇ. چاقىپ ماناسنى ئېلىپ قايتىۋاتقاندا، قالماقلارنىڭ ئات باققۇچىلىرىدىن قورتۇق ئالدىغا چىقىپ، يايلاقنىڭ ھەققىنى تۆلىمىدىڭ دەپ چاقىپنىڭ بېشىغا قامچا بىلەن ئۇرىدۇ. ماناس دادىسىنى قوغداش ئۈچۈن قورتۇقنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. ماناسنىڭ قورتۇقنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكى خەۋىرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئالتايدىكى قالماقلار قىرغىزلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ماناس قالماقلارنى ناھايىتى ئاسانلا مەغلۇب قىلىدۇ.

      بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان تاڭ خانى ئەسەنكان قىرغىزلارغا قارشى ناھايىتى زور بىر قوشۇن يوللايدۇ. ئۇلار سودىگەرلەردەك كىيىنىپ، تۆگىلەرگە يۈك – تاق ئارتىپ كېلىشىدۇ. سودىگەرلەرنىڭ بىر تۆگىسى ماناس ئويناۋاتقان «ئوردون» ئويۇنىنى بوزۇپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ماناس ئاتقان سۆڭەك تۆگىلەرنىڭ بىرىگە تېگىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان تاڭ ئەسكەرلىرى ماناسقا ھۇجۇم قىلىدۇ. ماناس ئۇنىڭغا ياماشقان ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇرىدۇ ۋە تۆگىلەردىكى ماللارنى تارتىۋېلىپ، خەلققە تارقىتىپ بېرىدۇ. دۈشمەن ھۇجۇملىرىدىن تويۇپ كەتكەن خەلق ئالاتاۋغا كۆچۈشكە قارار قىلىدۇ. خەلققە بىر خان سايلاشقا توغرا كېلىدۇ. ماناسنىڭ دوستلىرى باشتىنلا «ماناس» نى خان سايلىغانلىقلىرىنى ئېيتىشىدۇ. كۆپچىلىك بۇ پىكىرگە قوشۇلىدۇ ۋە ماناسنى خان دەپ قوبۇل قىلىدۇ.

    .......................................................................................

       ئالتايدىن ئالاتاۋغا كۆچكەن خەلقنىڭ بىر قىسمى ئىلى دەرياسى بويىغا؛ يەنە بىر قىسمى چاي، ئىسسىقكۆلگە؛ ماناس بولسا، تالاسقا كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. كۆچۈش ئەسناسىدا ماناس يولدا تەكە خانىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ قىزى قارابۆرك بىلەن ئۆيلىنىپ چايدىكى ئاقۇنبەشىمنىڭ بايرىقىنى چۈشۈرىدۇ.

       ئالاتاۋ تاڭلاردىن قۇتقۇزۇلۇپ خەلق خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشكە باشلىغاندا، ئالمانبەت ماناس بىلەن دوستلىشىدۇ. ئالمانبەت، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ۋە ماناسنىڭ داۋاسى ئۈچۈن ئۆمرىنى پىدا قىلغان بىر قەھرىماندۇر. ماناس يىراقلاردىن ئۆز ئىستىكى بىلەن كەلگەن ئالمانبەتكە ئانىسى چايىردىنى ئەمگۈزۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئېمىلدەش قېرىنداش بولىدۇ. قەھرىمان ماناسنىڭ مەسلىھەتچىسى، بىلىملىك، پىداكار ئالمانبەت ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ماناسقا ناھايىتى ياخشى خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن ياردەمچى بولىدۇ.

        ئالمانبەت كەلگەندىن كېيىن چاقىپ بىلەن ماناس ئۇنى ئۆيلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. لېكىن، ماناس ئىككى ئايالى بولۇشىغا قارىماي ئۆزىنىڭ ھېلىھەم بويتاق ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى بىلەن، چاقىپ ھەر ئىككىسى ئۈچۈن قىز ئىزدەشكە چىقىدۇ. ماناسنى تەمىرقاننىڭ قىزى سانىرابىيگا بىلەن (ۋان بىلەن ئۆيلەنگەن بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىنچە قانىلكەي دەپ ئاتالغان)، ئالمانبەتنى بولسا ئارۇئۇكەي بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ قىرىق قىزىنى خانلىقتا خىزمەت قىلىدىغان قىرىق يىگىت بىلەن ئۆيلەندۈردى.

       بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەقەلەر، ئۇزۇن يىللار بويىچە قالماقلار ئارىسىدا ياشىغان چاقىپنىڭ ئىنىسى ئۈسەننىڭ بالا – چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ماناسنىڭ يېنىغا كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك. كۆز قامانلارنىڭ ماناسقا قارىتا ئەسلىدە نىيىتىنىڭ پەقەت ياخشى ئەمەسلىكىنى قانىكەي بىر قانچە قېتىم ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ لېكىن، ماناس ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. كۆز قامانلار يىگىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ماناسنى ئالداپ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىدۇ ۋە قىمىزغا زەھەر ئارىلاشتۇرۇپ ئۇلارغا ئىچكۈزىدۇ. يارىلانغان ماناس، بوزۇلنىڭ يارىدىمى بىلەن مىڭ تەسلىكتە ئۇ يەردىن قېچىپ چىقىدۇ، قانىكەي ئۇنى ئۆڭكۈردە داۋالايدۇ. ماناسنىڭ ئۆلمەي، ساق قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان كۆز قامانلار بىر – بىرلىرىنى ئۆلتۈرىشىدۇ.

       بىر يىللىق تەييارلىقتىن كېيىن سەل كەبى قوشۇن چەت بەچىنگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. قانىكەي، ماناس بىلەن قىرىق يىگىتىگە يەتكۈدەك تاماق، ئوق، كىيىم – كىچەك ھازىرلايدۇ. ئالمانبەت، قونۇرباي قويۇپ بەرگەن ھايۋانلار قاراۋۇللارنى يوقاتقاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسى زېمىنلىرىغا كېرىپ ئۆزىنىڭ بالىلىقىنى، دۇنياغا كەلگەن يەرلەردىن يىراق جايلاردا ئۆتكۈزگەن قايغۇلۇق كۈنلىرىنى ھېكايە قىلىپ يىغلايدۇ. قىرگىلچالنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئارقىسىدىن كەلگەن چۇباق ئالمانبەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئىككى قەھرىمان بىر – بىرىنى ئۆلتۈرگۈدەك ھالغا كېلىدۇ. ماناس كېلىپ جىدەل قىلغانلارنى ياراشتۇرىدۇ. چوڭ ئۇرۇشلارغا كىرىدۇ، ماناس بىلەن چۇباقمۇ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. قوشۇنغا خەۋەر يوللىنىدۇ. قوشۇن ياردەمگە يېتىشىدۇ ۋە تاڭ ئەسكەرلىرى يېڭىلىدۇ. ئەسەنكان شۇنىڭ بىلەن چەت بەچىننىڭ پادىشاھلىقىنى ماناسقا تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ؛ گۈزەل قىزلىرى، ئالتۇن – كۈمۈش ۋە پۇل – ماللىرىنى ماناسقا ھەدىيە قىلىدۇ.

        ماناس خانلىق تەختىدە كۆپ ئۆلتۇرمايدۇ. تاڭ سۇلالىسى ئاشپىزىنىڭ ياردىمى بىلەن كۈتۈلمىگەن بىر پەيتتە قونۇرباي ماناسنى يارىلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش داۋاملىشىدۇ. يارىدار بولغان ماناسنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلانماي، خەلقىنىڭ قېشىغا قايتىشنى قوبۇل قىلىدۇ. سەپەر جەريانىدىكى ئۇرۇشلاردا ماناس يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئالمانبەت، چۇباق سىرگاك ۋە سەرەك ۋاپات بولىدۇ. قېرىندىشى بولسا ئىككىنچى قېتىم ئېغىر يارىلىنىپ ياخشىلىنالمايدۇ ۋە تالاسقا كەلگەندىن كېيىن ۋاپات بولىدۇ.

       ماناس ئۆلگەندە باقاي، كاشاي ۋە قانىكەي ئۆز ئارا كېلىشىپ قەھرىمان ماناسنىڭ جەسىتىنى ئەچكىلىك تېغىغا دەپنە قىلىنىدۇ. دۈشمەنلىرىدىن يۇشۇرۇپ بۇ ھەقتە ھېچكىمگە مەلۇمات بەرمەيدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇيەرگە ماناسنىڭ مەقبەرەسى ياسىلىدۇ ۋە قەھرىمانلىقلىرىنىڭ رەسىملىرى مەقبەرەگە چۈشۈرۈلىدۇ.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر - _