دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-12 05:15:16

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟ ئۇيغۇرلار پۇتۇن دۇنيادىكى 3000 مىڭدىن ئارتۇق تىل، 2000 مىڭدىن مىللەت ئىچىدە قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.؟ ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى 3000 مىڭدىن تىل ئىچىدە 98- ئورۇندا تۇرىد...

    دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟

     

         ئۇيغۇرلار پۇتۇن دۇنيادىكى  3000 مىڭدىن ئارتۇق تىل، 2000 مىڭدىن مىللەت ئىچىدە قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.؟
    ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى  3000 مىڭدىن تىل ئىچىدە 98- ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى نوپوسىمۇ  دۇنيادىكى 2000 مىڭدىن ئارتۇق مىللەت .ئىچىدە  ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇرلار جوڭگودا 56 مىللەت ئىچىدە نوپوسى كۆپتىن  جاڭزۇ، مىياۋزۇ، مەنزۇ ،شۇزۇ( مىياۋزۇلارنىڭكى ئاساسى كۆپتىن تەڭ ) لاردىن قالسا 6- ئورۇندا تۇرىدۇ. 

      پۇتۇن دۇنيا نوپوسىنى 6 مىليارد 500 مىليون  ئۇيغۇرلارنىڭ نوپوسىنى 10 مىليون ھېساپلىغاندا ئۇيغۇرلار پۇتۇن دۇنيا نوپوسىنىڭ 0.15 پىرسەنتىن كۆپرەكىنى  ئىگەللەدۇ ،پۇتۇن جوڭگو نوپوسىنى  1مىليارد 430 مىليون،( دولتىمىزدە يىلدا كۆپويۋاتقان نوپوس16 مىليوندىن ئارتۇق )ئۇيغۇرلار نوپوسى جوڭگو نوپوسىنىڭ 0.7 پىرسەنتىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. پۇتۇن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ  1مىليارددىن ئارتۇق دەپ ھېساپلىغاندا( دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى 10 مىليۇن دەپ ھېساپلىغاندا ) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى  پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلار نوپوسىنىڭ تەخمىنەن 1 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ . پۇتۇن دۇنيادىكى تۇركىي مىللەتلەرنى 120 مىليۇن دەپ ھېساپلىغاندا ( دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى 10 مىليۇن دەپ ھېساپلىغاندا )  ئۇيغۇرلار تۇكىي مىللەتلەر نوپوسىنىڭ 8.3 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ .جوڭگودىكى 10 مۇسۇلمان مىللىتىنى 24 مىليۇن دەپ ھېساپلىغاندا (ئۇيغۇرلارنى 9 مىليۇن دەپ ھېساپلىغاندا ) ئۇيغۇرلار پۇتكۇل جوڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ 46.1 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ .شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ نوپوسىنى  11 مىليۇن 700 مىڭ دەپ ( شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپوسىنى 9 مىليۇن دەپ ھېساپلىغاندا ) ئۇيغۇرلار شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى ئومومى سانىنىڭ 77 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ .بۇگۇنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتۇن دۇنيادىكى نوپوسى 10مىليۇندىن ئاشىدۇ ،ئىستاتىسكا قىلىپ كۆرۇپ باقايلى ، 90 يىلى 7مىليۇن200 مىڭ، 2004 يىلى 9مىليۇن 14 يىلدا كۆپەيگەن نوپوس 1 مىليۇن 800 مىڭ ، بۇنى 14 كە بولسەك مىللىتىمىزنىڭ دولەت ئىچىدىكى يىللىق كوپىيىش سانى يەنە تەخمىنەن 130 مىڭ ئادەم ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىردىكى يىللىق كوپىيىشى 20مىڭ  دەپ ھېساپلىساق دۇنيادا ھەر يىلى 150 مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇرلار كوپىيىدۇ .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇيغۇر