كىشىلىك تۇرمۇشتىكى 18 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ (1)

يوللىغۇچى : kitap يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-23 14:13:00

كىشىلىك تۇرمۇشتىكى 18 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ1. ئازاپ قانۇنىيىتى:ئۈلۈم شەك-شۈبىھىسزكى ئازاپ ،بىراق ئۈلۈمدىنمۇ ئازاپلىق ئىش بار ،ئۇ بولسىمۇ ئۈلۈمنى كۈتۈش.2.خۇشاللىق قانۇنيىتى :بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ي...

                                                                                      كىشىلىك تۇرمۇشتىكى 18 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ
    1. ئازاپ قانۇنىيىتى:ئۈلۈم شەك-شۈبىھىسزكى ئازاپ ،بىراق ئۈلۈمدىنمۇ ئازاپلىق ئىش بار ،ئۇ بولسىمۇ ئۈلۈمنى كۈتۈش.
    2.خۇشاللىق قانۇنيىتى :بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ياخشلىق تەرەپتىن ئويلاش كىرەك .مەسىلەن ،ئىھتىياتسىزلىقتىن دەرياغا چۈشۈپ كەتسىڭىز "ئىھتىمال يانچۇقۇمغا بىرەرر بېلىق كىرىپ قالغان بولۇشى مومكىن"دىگەن خيالدا بولۇڭ.
    3. بەخىت قانۇنيىتى:ئەگەر سىز ھەمىشە "مەن بەخىتلىكمۇ ئەمەسمۇ "دەپ ئويلىمىغىنىڭىزدا ،ئاندىن بەخىتكە ئىرىشەلەيسىز.
    4. خاتالىق قانۇنىيىتى:ھەممە ئادەمدە سەۋەنلىك بولىدۇ.بىراق مۇشۇ سەۋەنلكلەرنى قايتا تەكرارلىغىنىڭىزدا خاتالىق سادىر قىلغان بولىسىز.
    5. جىمغورلىق قانۇنىيىتى:مۇنازىرە ۋاقتىدا جىمغۇر بولىۋېلىش ئەڭ تەستە رەت قىلىندىغان بىر خىل قاراش.
    6. ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قانۇنىيىتى:ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھەمىشە ئۆمۈت ۋە ئۈمۈتسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى سەۋەپنى مەنبە قىلىدۇ.
    7. خورلىنىش قانۇنىيىتى:خورلانغان ۋاقىتتىكى بىردىنبىر ئامال ئۇنىڭغا ئىتىبارسىز قاراش.ئىتىبارسىز قارىمىغاندىمۇ ئۇنى كەمسىتىش ،ئەگەر كەمسىتەلمىسىڭىز ئۇنداقتا سىزگە خورلۇق تارتىشتىن باشقا ئامال يوق.
    8. ھاماقەتلىك قانۇنىيىتى: ھاماقەتلىك كۈپىنچە ھاللاردا پۇت-قول ۋە تىلنىڭ ھەركىتى مىڭە ھەركىتىدىن ئىتتىكلەپ كەتكەندە يۈز بىرىدۇ.
    9. قىممەت قانۇنىيىتى:سىز ئۇشتۇمتۇت بىر نەرسىگە ئىرىشسىڭىز دەرھال بۇ نەرسىنىڭ سىز ئويلىغاندەك قىممەتلىك ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىسىز. 10
    . پەرداز قىلىش قانۇنىيىتى:ياسىنىشقا سەرىپ قىلىدىغان ۋاقتىڭىز قانچىلىك بولسا ،يۇشۇرماقچى بولغان كەمچىلكىڭىز شۇنچىلىك بولىدۇ.
    11.ۋاقىت تىجەش قانۇنىيىتى:ۋاقىت تىجەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز ،ئالدى بىلەن "ياق"دىگەن سۆزنى ئۈگۈنىشىڭىز شەرىت.
    12.ۋەدە بىرىش قانۇنىيىتى:ۋەدىنىڭ نەتىجىگە كاپالاتلىك قىلىشى ناتايىن ،بىراق ۋەدە بولمىسا نەتىجىمۇ بولمايدۇ.
    13.مەرتىۋە قانۇنىيىتى:بىر ئادەم تاغ چوقىسىدا ،يەنە بىرسى تاغ ئاستىدا تۇرسا ،گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرغان ئورنى ئوخشاش بولمىسىمۇ بىراق ھەر ئىككىسنىڭ كۈرۈپ تۇرغان ئادىمى يەنىلا ئوخشاش چوڭلۇقتا بولىدۇ.
    14.قالايمىقانچىلىق قانۇنىيىتى:ئاۋارىچىلققا ئۇچىرىغاندا ئەگەر سىز يەنىلا بىخەستەلىك قىلسىڭىز ،ئاۋارىچىلىق قالايمىقانچىلققا ئايلىنىپ كىتىدۇ.
    15.مەغلۇبىيەت قانۇنىيىتى:مەغلۇبىيەت ۋاقىت ۋە ھاياتلىقنى ئىسراپ قىلشتىن دىرەك بەرمەيدۇ .بەلكى سىزنىڭ يەنە يېڭى ۋاقىت ۋە ھاياتلىققا ئىرىششكە ھەقلىق ئىكەنلىكىڭىزدىن دىرەك بىرىدۇ.
    16.سۆھبەتلىشش قانۇنىيىتى:ئادەمنى ئەڭ بىرزار قىلىدىغان سۆھبەت ئىككى خىل بولىدۇ :بىرى ئويلىماي سۆزلەش ؛يەنە بىرى توختىماي سۆزلەش.
    17.خاتا چۈشۈنىش قانۇنىيىتى:مەلۇم بىر ئادەمنىڭ خاتا چۈشۈنۈپ قېلىشى ھىچقانچە ئىش ئەمەس ،نۇرغۇن ئادەملەر خاتا چۈشەنسە ،ئۇنداقتا ئاۋارىچىلىق زور بولىدۇ.
    18.ئاقىۋەت قانۇنىي :ھىچقانداق ئاقىۋەتنىڭ بولماسلىقى ،ھەر قانداق قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتتىنمۇ قورقۇنۇچلۇق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق