قوزا يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر
ۋاقىت تەۋەلىكى: 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە
سوغا يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: ئۇلارنىڭ غورۇرى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇتتۇرغانلىقىغا تەن بەرمەيدۇ. ئوڭۇشسىزلىقلارنى تۈزىتىشكە تىرىشىدۇ. بەزىدە باشقىلارنىڭ توغرا پىكرىنىمۇ قۇبۇل قىلمايدۇ. يۈز كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، قايتا-قايتا خاتالىق سادىر قىلىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىپ كەمتەررەك بولسىلا، ئۇلار نۇتۇق قابىلىيىتى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە تايىنىپ، ھەرقانداق ئىشتا غەلبە قىلالايدۇ.
ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ب تىپلىق ياكى ئې تىپلىق بولغانلار: ئۇلارنىڭ نۇتىقى يامان ئەمەس، قايىل قىلىشچانلىقىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىش قىلمايدۇ. ھەرىكەتچانلىق كەمچىل، ھەرقانداق ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىمەن دەپ بەكمۇ ئىنچىكە، ئەتراپلىق ئويلىنىپ كېتىپ، نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. بولۇپمۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە قارار قىلىنىدىغان ئىشلار ئۈچۈن تېخىمۇ قىيىنغا توختايدۇ.
ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى س تىپلىق ياكى ئېف تىپلىق بولغانلار:ئۇلار يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي كېلىدۇ. ھەرقانداق ئىشقا قىزىقىدۇ. ئىجادىي خىزمەتلەرنى قىلىشقا مۇناسىپ كېلىدۇ. باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىنى خالىمايدۇ. ھەمكارلىشىپ ئىشلەشتىن قورقىدۇ. مۇستەقىل ئىش قىلىشنى ياقتۇرىدۇ. نەزىرى ئۈستۈن كەلگەچكە كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار چۇس، تېرىككەك مىجەزىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.
ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ج تىپلق بولغانلار: ئۇلار ئالدىنقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تەرسا كەلگەننىڭ ئۈستىگە، ھەق-ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارى ئاجىز كېلىدۇ. بىردەملىك قىزىققانلىق سەۋەبىدىن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋېتى ناچارراق، دوستلىرى تولىمۇ ئاز بولىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن ئاق كۆڭۈل بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرگە ھامان «ئۆكتەم»دەك تۇيۇلىدۇ.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر
شاڭخەي قىران شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مۇھەممەدئەلى ئەپەندىنى زىيارەت
2010-10-11