ياڭاق يېگەندىن كېيىن يۈرەك سالسا...

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-31 16:06:21

بۇ خىل كىشىلەرنى ياڭاققا بولغان سەزگۈرلىكى زىيادە ئېشىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل كېسەلنىڭ ئەگەشمىسى ئەسۋە چىقىش، ھەتتا شۈك بولۇپ قېلىش دېگەندەك خەتەرلىك كېسەللىكلەر بولىدۇ

     
    ياڭاق يېگەندىن كېيىن يۈرەك سالسا...

    بەزىلەر ياڭاق يېسىلا يۈرىكى سېلىپ، ئاشقازىنى بىئارام بولۇپ كېتىدۇ. مۇتەخەسسىس يىن جيا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل كىشىلەرنى ياڭاققا بولغان سەزگۈرلىكى زىيادە ئېشىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل كېسەلنىڭ ئەگەشمىسى ئەسۋە چىقىش، ھەتتا شۈك بولۇپ قېلىش دېگەندەك خەتەرلىك كېسەللىكلەر بولىدۇ».
    يىن جيا يەنە مۇنداق دېدى: «بۇنداق كىشىلەرگە بېرىلىدىغان تەكلىپىمىز شۇكى، ئۇلار ئەڭ ياخشىسى ياڭاق يېمەسلىكى، ھەتتا ‹يوشۇرۇن شەكىللىك زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ مەنبەسى› نىڭ ساقلىنىپ قېلىنىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى؛ ياڭاق تالقىنى ياڭاقلىق تورت قاتارلىق ياڭاق تەركىبى بار يېمەكلىكلەرنىمۇ يېمەسلىكى كېرەك».
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.