دائىم بۇرۇن كوچىلاش ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-15 18:37:37

رۇن كوچىلاش ئادەمگە تازا ياخشى تەسىر بەرمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بىراق بۇ ئادەت بۇرۇن تۆشۈكىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ، چۈنكى تىرناقتىكى كېسەللىك ئامىللىرىنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىدا قالىدىغانلىقى ئېنىق.


    دائىم بۇرۇن كوچىلاش ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس
     
    بۇرۇن كوچىلاش ئادەمگە تازا ياخشى تەسىر بەرمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بىراق بۇ ئادەت بۇرۇن تۆشۈكىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ، چۈنكى تىرناقتىكى كېسەللىك ئامىللىرىنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىدا قالىدىغانلىقى ئېنىق. بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ھەم نەملىكى كېسەللىكى ۋىرۇسلىرىنى كۆپەيتىدۇ-دە، يۇقىرىقى نەپەس يولى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇرۇن دىۋارى پەردىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە بۇرۇن ئىچى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.
    بۇرۇن يۈزدىكى «خەتەرلىك ئۈچ بۇرجەك رايون» غا جايلاشقان، ناۋادا ياللۇغ ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىسە ھەتتا ھاياتقا تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇرۇنغا چاڭ-توزان كىرىپ كەتسە، پاكىز پەلكۈچ بىلەن ياكى داكىغا تۇز سۈيى تېمىتىپ تازىلاش زۆرۈر. بۇرۇن قۇرۇسا بۇرۇنغا بىر، ئىككى تېمىم ئۆسۈملۈك يېغى تېمىتسا، بۇرۇن دىۋارى پەردىسىنىڭ نەملىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن كاۋاكى ياللۇغى ئاغرىقلىرى، ئېغىر بۇلغان مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغانلار، بۇرنى بەك قۇرۇيدىغانلار ھەم بۇرنى ئوپېراتسىيە قىلىندىغانلار چوقۇم دوختۇرخانىدا بۇرنىنى تازىلىتىشى كېرەك.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بۇرۇن ۋىرۇس ياللۇغ