ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر (23) -يۈنۈس ئەمرە ھەققىدە (2)

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-02 11:54:59

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر (23)يۈنۈس ئەمرە ھەققىدە (2)يۈنۈس ئەمرە كۆپ ئوقۇپ، كۆپ يازغان، دەۋر بىلىملىرىنى تۇلۇق ئىگىلىگەن ۋە ئاخىرىدا بۇ بىلىملەردىنمۇ قانائەت ھاسىل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن تەسە...



    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر (23)

    يۈنۈس ئەمرە ھەققىدە (2)

     

     
       يۈنۈس ئەمرە كۆپ ئوقۇپ، كۆپ يازغان، دەۋر بىلىملىرىنى تۇلۇق ئىگىلىگەن ۋە ئاخىرىدا بۇ بىلىملەردىنمۇ قانائەت ھاسىل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن تەسەۋۋۇپ يولىغا ماڭغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي ئىشققا، ئۆلۈم قورقۇنچىسىدىن مەڭگۈلۈككە، ئىلىمدىن ئىرفانغا (يەنى، روھىي سەگەكلىك ۋە ئىنچىكە ئىشتىياققا)، شەرىئەتتىن ھەققانىيەتكە يېتىپ كەلگەن مۇكەممەل بىر ئىنسان ئىدى. ئۇنداقتا يۈنۈس ئەمرىنى مەڭگۈ ياشاتقان ۋە گەرچە خەلق شائىرى ئەمەس تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۇنى خەلق شائىرىغا ئايلاندۈرغان سىر زادى نەردە؟ جاۋاپ شۇكى، بۇنىڭ سىرى خەلقتىن ۋە ئەمەلىي تۈرمۈشتىن يېراقلاپ كەتمىگەنلىكىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلۈم ھەققىدىكى شېئىرلىرى پەقەتلا تەقدىر بىلەن ئەجەلنى بىلدۈرىدىغان جانسىز سۆزلەر بىلەن يېزىلغان ئەمەس ئىدى.  ئۇنىڭ شېئىرلىرى جانلىق بىر رىئاللىق بولۇپ، دۇنيانىڭ ئىنتىھاسىنى خارابىلىكلەردىن تونۇتاتتى. تەڭرىگە يۈزلەنگەن چاغدا تۈيغۇلىرىنى چىنلىق بىلەن ئىپادىلەپ بېرەتتى. دەرۋىشلىكنى ئەمەلىي كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە بىلگەن پىتى تىلغا ئالاتتى.

          «ئاغزىغا شىكەر سالغان كىشى سۆيگۈنىنى كۆرگەندە ئېغىزىدىكى شىكەرنى ئۇنۇتىدۇ، چايناپ يۇتالمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق باغرى دەرتلىك، كۆزى ياشلىق يۈنۈس ئەمرە، يات ئەللەردىمۇ سۆيگۈنىنى ئەسلەيتتى ۋە «قارلىق تاغنىڭ چۇقۇسىدىكى بۇلۇتلار توپ ـ توپ بولۇپ چېچىڭنى تارايدۇ، ئاندىن يۈنۈسنىڭ يېنىغا كېلىپ تارام ـ تارام يىغلايدۇ» دەپ ھەسرەتلىنەتتى. مۇساپىرلىقنى ئىپادىلەپ، «شۇنداق بىر مۇساپىرمەنكى، ئۆلسەم ئەگەر كىشىلەر 3 كۈن كېيىن بىلىدۇ، "بىر مۇساپىر ئۆلۈپتۇ" دېيىشىپ، سوغۇق سودا يۈيىدۇ» دېگەن مىسرالارنى يازغان ئىدى.

         يۈنۈس ئەمرەنىڭ ھەتتا، ياسالما بولمىغان چىن ئىنسانىي تۇيغۇلارنى ئىپادىلىگەن چېغىدا ئۆزىمۇ ئىنتايىن شاتلىنىپ كەتكەن ۋە «يۈنۈس بۇ گۈزەل سۆزلەرنى تۈزۈشتە گويا ھەسەلنى ياغقا قوشقاندەك ئىش قىلىدۇ» دەپمۇ ماختىنىڭ كەتكەن چاغلىرىمۇ بولغان ئىدى

         ئۇنىڭ دۇنيا ھاياتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن تەلىماتلىرى ئۇنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ۋە ئېتىقادىنىڭ فورمىلاسى بولۇپ، ئۇ 72 ئىككى مىللەتنى بىر كۆزدە كۆرەتتى، دىنى مۇكەممەلەشكەندە سۆيگۈ تۇغۇلىدىغانلىقىنى سۆزلەيتتى. كىشىلەرگە «ئۆزەڭگە خالىغاننى باشقىلارغا قىل» دەپ نەسىھەت قىلاتتى ۋە «تۆت كىتابنىڭ مەنىسىمۇ پەقەتلا مۇشۇدۇر ھەم قەلبتۇر. يۈنۈسمۇ  بىر شىشىدەك قەلبكە ئوخشايدۇ ھەمدە يۈنۈسنى سۆيگەنلەرمۇ قەلبىگە قۇل ۋە قۇرباندۇر» دەپ مىسرالارنى يازغان ئىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۆلۈم ۋە ھاياتقا بولغان قارىشىنى، ئىشىق ۋە مۇساپىرلىق تۇيغۇسىنى نامايان قىلىشتا، ئىپادىلەشتە ۋە ئاڭلىتىشتا ھېچ بىر شائىر ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلۈم ۋە ھايات شائىرى، شۇنداقلا خەلق شائىرى بولالىغان ئەمەس. ئۆزى خەلق شائىرى بولمىغان تۇرۇپمۇ، خەلق شائىرىغا ئايلىنالىغان يۈنۈس ئەمرىنىڭ  خەلق تەرىپىدىن بۇنچە سۆيۈلىشىدىكى ۋە كەڭ تارقىلىپ مەڭگۈلۈك ھالغا كېلىشىدىكى سىر، ئۇنىڭ قېنىپ ـ قېنىپ ئىچكەن ئەنە شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتىدا شۇنداقلا خەلققە بولغان سۆيگۈسىدىكى خەلقتىن ئايرىلماسلىق ئىشتىياقىدا يوشۇرۇنغان ئەكسىردىن ئىبارەتتۇر. 

    **** *  **** ** *** ***** *** *** ***** *** *** *** ***

         يۈنۈس ئەمرىنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن تېمىلار ۋە ئىلگىرى سۈرگەن قاراشلار ئاساسەن تەسەۋۋۇپقا ۋە ئىسلام پەلسەپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلار ئىنسان بىلەن ئىلاھ ۋە ئىنسان بىلەن ئىنسان شۇنداقلا ئىنسان بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە باغلىنىشلىق ئىدى. ئۇنىڭ نۇقتىلىق تېمىلىرى ئۆلۈم، تۇغۇلۇش، ئىلاھىي ئادالەت، ئىنسانغا بولغان سۆيگۈ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. يۈنۈس ئەمرە بۇلاردىن باشقا يەنە، «تۆت پىرىنسىپ تەلىماتى» دەپ ئاتىلىدىغان مەۋجۇدىيەت دۇنياسىنىڭ بولۇپمۇ ئىنساننىڭ ھاۋا، ئاتەش، سۇ ۋە تۇپراقتىن تەشكىل تاپقانلىقىنى ھەمدە  كۆكنىڭ 7 قات ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئارقىدىن "ئەرش" ۋە "كۈرس" دېيىلىدىغان 8 ـ ۋە 9 ـ قاتلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قاراشقا ئىگە ئىدى. ئۇ يەنە قەدىمقى بابىل ئاستىرنوملىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ مۇئەييەن نەتىجىسى ھېسابلىنىدىغان "پەلەك" تەلىماتلىرىغا ھەمدە "تۇغىدىغان 3 جىسىم" دەپ ئاتالغان «جانسىزلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە جانلىقلار» نۇقتى نەزىرىگە، شۇنداقلا كائىناتنىڭ بارلىققا كېلىش ۋە يوق بولۇش قارىشىغىمۇ ئۆز شېئىرلىرىدا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن ئىدى.

          ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا، ئايەت، ھەدىس ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرلىرىدىن باشقا يەنە، ئورپېئۇس ۋە پىيتاگوراس تەلىماتلىرى بىلەن ئەقىدىلىرىنىڭ تەسىرىدە ئانادولۇدا تەرەققىي قىلغان قاراشلارمۇ پات ـ پات ئورۇن ئېلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى پۈتۈن ئىسلام قاراشلىرىنىڭ ئورتاق تېمىسى بولۇپ، يۈنۈس ئەمرە بۇلارنى ئاممىباپ خەلق تىلى بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەپ، تېمىسىنىڭ سالماقلىقى، ئىشلىتىلگەن تىلىنىڭ يۇمشاقلىقى ۋە راۋانلىقى بىلەن يۇغۇرۇپ چىققان ئىدى. يۈنۈس ئەمرىنىڭ شېئىرلىرىدا ئىشلىتىلگەن پەلسەپە ۋە ئىلىم ـ پەن ئۇقۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ياشىغان ئىران ۋە ئەرەب شائىرلىرىنىڭ شۇنداقلا ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرى ۋە مۇتەسەۋۋۇپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. يۈنۈس ئەمرە زامان ھالقىغان مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ۋە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىران شائىرى شىيرازىنىڭ چۇڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى قەدىمىي قاراشلار ئىسلام قاراشلىرىنىڭ ئورتاق مەھسۇلاتى بولۇپ، يۈنۈس ئەمرە بۇلاردىن چۇڭقۇر تەسىر ئالغان بولسىمۇ ئەمما بۇرۇنقى شائىرلارنىڭ قاراشلىرىنى ئۆز پىتى كەچۈرمىگەن ئىدى. يۈنۈس ئەمرە بۇ ئورتاق قاراشلارغا يېڭى بىر ئۆزگىچىلىك ۋە يېڭى بىر بايان ئۇسلۇبى قوشقان بولۇپ، ئۇ يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ قاراشلارنى تۈركچىلەشتۈرۈپ چىققان ئىدى. بۇ قەدىمى پەلسەپە ۋە تەسەۋۋۇپ قاراشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك فارابى، ئىبنى سىنا، مۇھىددىن ئەرابى قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. يۈنۈس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرىدا ھەزرەتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بولغان سۆيگۈ ـ مۇھەببەتمۇ گەۋدىلىك نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

    **** **** **** ***** ***** ***** ***** ***** ******

         يۈنۈس ئەمرەنىڭ تەسىرى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تۈرك خەلق شېئىرىيىتى ۋە تەككە شىئىرىيىتى قاتارلىق ئىككى ئايرىم ساھەدە گەۋدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈرك خەلق شېئىرىيىتىدىكى تەسىرى، ھەم دىنىي جەھەتتىن، ھەم ئاشىقلىق ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۈرۈش جەھەتتىن ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلق ئەدەبىياتىدا كۆپىنچە، "ئاشىق يۈنۈس"، "يۈنۈس ئەمرەم"، "دەرۋىش يۈنۈس"  دەپ تونۇلغان يۈنۈس ئەمرەنىڭ ئىشىقنى مەزمۇن قىلغان شېئىرلىرىنىڭ خەلق ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تەسىر ياراتقانلىقى بىر ھەقىقەت. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ بولۇپمۇ خەلقنىڭ دىنى ئېتىقادىنى مەزمۇن قىلغان تەككىخانا شېئىرىيىتىگە چۇڭ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكى ئېنىق. شۇڭا ئەلەۋىيلەرنىڭ بەكتاشى تەككىخانىلىرىدا يۈنۈس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرى بەلگىلىك مۇقاملار شەكلىدە ئومۇمىي خور سۈپىتىدە ئوقۇلىدۇ. بەكتاشىيلارنىڭ قارىشىچە 7 ئۇلۇغلارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدىغان يۈنۈس ئەمرە، 16 ـ ئەسىردىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن تەككىخانا ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان خەلق شېئىرىيىتىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى.  يۈنۈس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرى ھەتتا تۈركىيە جۇمھۇررىيىتى قۇرۇلىدىغان دەۋرلەردىكى شېئىرىيىتىمىزگىمۇ ئۈنۈملۈك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن  بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

          دەرۋەقە، يۈنۈس ئەمرە گەرچە خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە ئەدەبىيات تارخشۇناسلىرىنىڭ نەزىرىدىن ئۇزاق قالغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى چاغلاردا تەتقىقات ئوبېكتىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئوخشاش بولمىغان جەھەتلەردىن ئىزاھلىنىشقا ۋە خوڭقۇر تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. 1972 ـ يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان خەلقئارا يۈنۈس ئەمرە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، يۈنۈس ئەمرەنىڭ پىكىرلىرى سەنئەت قارىشى ۋە ئىنسان مەركەزچىلىك نۇقتى نەزىرىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاتاقلىق ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتچىسى ئابدۇل باقى گۆلپىنارلى يۈنۈس ئەمرەنىڭ ۋە باشقا يۈنۈسلەرنىڭ شېئىرلىرىنى كەڭ دائىرىلىك تەتقىق قىلىپ بىر يەرگە توپلىغان ۋە 1944 ـ يىلى  «يۈنۈس ئەمرە دىۋانى» دېگەن نام بىلەن نەشىر قىلدۇرغان ئىدى.

    **** **** *** ** ******* **** *** **** *** *** ***** *****

           خۇددى مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ «مەسنىۋى» ۋە «دىۋان» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى ئەسىرى بولغانغا ئوخشاش يۈنۈس ئەمرەنىڭمۇ "مەسنىۋى رىسالىسى" ۋە بىر "دىۋانى" بار. خۇددى مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى «مەسنىۋى»سىنى ئەڭ كامالەتكە يەتكەن يېشىدا يازغانغا ئوخشاش، يۈنۈس ئەمرەمۇ "مەسنىۋى رىسالىسى"نى ۋاپاتىدىن 13 يىل ئىلگىرى يېزىپ چىققان ئىدى. يۈنۈس ئەمرەنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت سۈپىتىدە يېزىلغان "مەسنىۋى رىسالىسى"دىن باشقا يەنە بارلىق شېئىرلىرى توپلانغان "دىۋانى"مۇ تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغ بىر كىتاپ سۈپىتىدە ئالاھىدە سۆيۈلگەن ۋە قوغدالغان ئىدى. ساۋاتلىق، ساۋاتسىز پۈتۈن خەلقنىڭ يۈنۈس ئەمرەنى «شائىرلىقتا ۋايىغا يەتكەن كىشى ۋە ئۇلۇغ ئەۋلىيا» دەپ قارىغانلىقى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يوقۇلۇپ كەتمەي ساقلىنىپ قېلىشىغا ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىدى. بىراق بۇ ئەسەرلەر ئارىدىن قانچىلىغان ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن قولىمىزغا يېتىپ كەلگەن بولغاچقا، "يۈنۈس دىۋان"لىرىنىڭ بەزى خاتالىقلار بىلەن تولۇپ كېتىشىگە، ھەتتا يۈنۈس ئەمرەنىڭ بولمىغان شېئىرلارنىڭمۇ سېڭىپ كىرىشىگە سەۋەب بولدى. يۈنۈس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرى ئاساسەن دېگۈدەك دىنىي نەزملەرگە ئوخشاش ئاھاڭلىق ئوقۇلىدىغان بولغاچقا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈش جەريانىدا كىشىلەر سەۋىيەسىگە كۆرە خاتا ھالدا قەيت قىلىنغانمۇ ئەھۋاللار كۆرۈلدى. ھەل قىلىش ئەڭ قىيىم بولغان مەسىلە، يۈنۈس ئەمرەنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يۈنۈس ئىسىملىك بولغانلىقى ۋە يازغان شېئىرلىرىنىمۇ شۇ ئىسىم بىلەن يازغانلىقى ھەمدە يۈنۈس ئەمرە بىلەن مەنىۋىي رىشتە قۇرۇش ئۈچۈن ئۆز شېئىرلىرىنى يۈنۈس ئەمرەنىڭ دىۋانىغا قوشۇپ يېزىشقانلىقى بولدى. بۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قىممەتلىك تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى تەتقىقاتچىسى ئابدۇلباقى گۆلپىنارلى يۈنۈس ئەمرەگە ئائىت ئەسەرەلەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي نۇسخىلىرىدىن بولغان پورفېسسور رىتتىرنىڭ، رائۇف يەلكەنچىنىڭ، فاتىھنىڭ ۋە نۇرۇ ئوسمانىيەنىڭ كۈتۈپخانىلىرىكى بارلىق نۇسخىلارنى بىر ـ بىرىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھەقىقەتەن يۈنۈس ئەمەرەگە ئائىت بولغان شېئىرلارنى ئەڭ توغرا شەكىلدە رەتلەپ نەشىر قىلدۇرۇش ئۈچۈن تارخىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ خىزمەت كۆرسەتتى.

    *** *** *** *** *** *** *** **** *** ***** **** ***** ****

           خۇددى مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئىشقنى مەركەز قىلىپ ئايلانغا ئوخشاش، يۈنۈس ئەمرەنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىمۇ ئىشقنى مەركەز قىلاتتى. يۈنۈس ئەمرە ئىشقنى ئەڭ يۇقىرى ماقامغا ئېلىپ چىقىپ، ئىلاھىي بىر قورقۇمسىزلىق بىلەن گوياكى بىر تاجغا ئايلاندۈردى. خۇددى مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىغا ئوخشاشلا يۈنۈس ئەمەرەمۇ تەسەۋۋۇپنى بىلىم بولۇش دائىرىسىدىن  يۈكسەلتىپ، روھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلاھىىي بىر ھېس بولۇش ماقامىغا يەتكۈزدى. ئۇنىڭ قانچىلىغان ئەسىرلەرگىچە تۈرك خەلقىنىڭ روھىنى ئىزچىل ھايانجانغا سېلىپ كىلەلىگەنلىكىنىڭ سىرى دەل مۇشۇ يەردە. ئۇنىڭ سەنئەتشۇناس روھىغا نىسبەتەن تەسەۋۋۇپنىڭ ئاساسلىرى ماتېرىيال بولغان بولۇپ، يۈنۈس ئەمرە بۇ ماتېرىيالنى ھەم بىر تۈر سۈپىتىدە تاللىۋالدى، ھەم ئۇلارنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق يېڭى بىر شېئىر قۇرۇلمىسىنى مەيدانغا چىقاردى. تۈركچە شېئىرلارنى ئارۇز ۋە بۇغۇم ۋەزنىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ئۆلچۈمى بويىچە يېزىپ چىقتى. ئۇ يۇقىرى ـ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەرنى ئۆز شېئىرلىرىدا ئوخشاش تەبىقىگە قويۇشنىڭ سىرىنى تېپىۋالغان ئىدى. شۇڭا خەلق بىلەن ئاددىي خەلق بولۇپ ياشىدى. قاتتىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە يۈنۈس ئەمرە ھەققانىيەتنى تەسەۋۋۇپتىن تېپىپ قانائەت ھاسىل قىلدى. بۇ ئارقىلىق ھەققىي ئىشقنىڭ مۇرادىغا يېتىپ، ئۆلۈم قايغۇسىدىن قۇتۇلدى. شەرىئەتتىن ھەقىقەتكە، ئىككىلەمچىلىكتىن بىرلەمچىلىككە، ئىلىمدىن رۇھىي كۈچ ـ قۇدرەتكە يېتىپ، ئۆز ئەقىدىسىنى ئەتراپقا يايدى. ئۆز شەخسىيىتىگە قىلچە ئېتىبار بەرمىگەن يۈنۈس ئەمرەنى تۈرك خەلقى قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بۇيان ئىلاھىي سۆيگۈ بىلەن مەھكەم باغرىغا  بېسىپ، مەڭگۈ ياشنىتىپ كەلمەكتە. بىز بۇ ئۇلۇغ ئىنساننى ۋە كاتتا شائىرىمىز يۈنۈس ئەمرەنى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.

    مەنبە:تۈركىيەئاۋازى رادىيوسى

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.