رېيتېر ئاگېنتلىقى

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-15 12:28:00

رېيتېر ئاگېنتلىقى رېيتېرئاگېنتلىقى (خەنزۇچە :路透社؛ ئەنگىلىزچە: Reuters) دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىرى بولۇپ 1850-يىلى گېرمانىيىلىك پائۇل رېيتېر (Paul Julius Reuter) تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، 1851-يىلى...

    رېيتېر  ئاگېنتلىقى

       رېيتېر ئاگېنتلىقى (خەنزۇچە :路透社؛ ئەنگىلىزچە: Reuters) دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىرى بولۇپ 1850-يىلى گېرمانىيىلىك پائۇل رېيتېر (Paul Julius Reuter) تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، 1851-يىلى رېيتېرنىڭ ئەنگىلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈشى بىلەن بىللە لوندونغا كۆچۈرۈلگەن. 1865-يىلى رېيتېر ئۆزىنىڭ شەخسى ئالاقە شىركىتىنى شىركەت قىلىپ كېڭەيتكەن. ھازىرقى رېيتېر ئاگېنتلىقى ئۆزگىچە زامانىۋى باشقۇرۇش ئەندىزىسى قوللانغان رېيتېر گۇرۇھىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ئاساسلىق پاي چېكى ئەنگىلىيە ، ئاۋىسترالىيە، يېڭى زىلاندىيەدىكى ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدا. پايچېكلار كېڭىشىنىڭ لىدىرلىق ۋەزىپىسىنى يۇقارقى دۆلەتلەردىكى ئاگېنتلىقلار نۆۋەتلىشىپ ئۆتەيدۇ. ئاگېنتلىقنىڭ تىجارەت كىرىمى رېيتېر گۇرۇھى تىجارەت كىرىمىنىڭ 5% نى ئىگەللەيدۇ. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ تېزلىكى ۋە توغرىلىقى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدىن قېلىشمايىغان بولۇپ، دۇنيادىكى 50% تىن ئارتۇق خەۋەر ۋە ئاخباراتنى دەل رېيتېر ئاگېنتلىقى ۋە  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەمىنلەيدۇ.  رېيتېر ئاگېنلىقىنىڭ ئىقتىساد خەۋەرلىرىreuters economic services ئۇمۇمى كىرىمىدە 85% نى ئىگەللىگەچكە مەلۇم جەھەتتىن ئەڭ كەسپى ئىقتىساد خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى دەپ قارىلىدۇ.
      رېيتېر ئاگېنتلىقى 1992-يىلى ۋېيس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنى سېتىۋالدى،  1999-يىلى  ئامېرىكا دوۋ جونېس شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ دوۋ -جونېس-رېيتېر سودا شىركىتىنى قۇرۇپ ۋال سىترېت گېزىتىنى 20نەچچە خىل تىلدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. رېيتېر ئاگېنتلىقى ئىختىيارى مۇىبىلارغا كەڭ كۆلەمدە تايىنىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، 5مىڭغا يېقىن ئىختىيارى مۇخبىر ۋە قوشۇمچە خەۋەرچىسى،  5مىڭغا يېقىن رەسمى خىزمەتچىسى بار. جوڭگۇدىكى خىزمەتچىلىرىلا مىڭدىن ئاشىدۇ. جايلاردا يەنە مىڭدىن ئارتۇق شەخسى ئاخبارات شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ خەۋەر مەنبىنىڭ بىۋاستە ۋە دەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق