ياچاق يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-05 12:52:45

ياچاق يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەرۋاقىت تەۋەلىكى: 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچەچايان يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: ...

    ياچاق يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

    ۋاقىت تەۋەلىكى: 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە

    چايان يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: گۈزەل-سەنئەت، قول-ھۈنەرۋەنچىلىكتە تالانتى بولىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ۋاز كېچىشچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، كۆپىنچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسەتلىرىنى تۇتۇۋالالمايدۇ. قىسمەن ھاللاردا چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدۇ. توغرا گەپنى ئاڭلىمايدۇ. ئەمما ئاق كۆڭۈل بولۇپ، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلمايدۇ. شۇڭا ئاسانلا بوزەك بولۇپ ئالدىنىپ قالىدۇ.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ب تىپلىق ياكى ئې تىپلىق بولغانلار: كاللا ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلىلەرنى ئىنتايىن ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلالايدۇ. شۇڭا، ئاسانلىقچە خاتالاشمايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ سەۋرچانلىقى، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈشى ئاجىز، ئاسانلا دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ ياكى ئىشنى يېرىم يولدىلا بولدى قىلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا نەچچە خىل ئىشقا تەڭ قىزىپ، بىر ئىشنىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك تۈگەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار كۆڭۈلنى توختىتىپ، باسقۇچمۇ باسقۇچ خىزمەت قىلسىلا، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى س تىپلىق ياكى ئېف تىپلىق بولغانلار: بۇلار ياۋايىراق، ئىنكاسى تېز بولىدۇ. باشقىلارغا قارىغاندا پۇرسەتنى تېز تونۇپ يېتەلەيدۇ. ئەمما ھەرىكەت ئىقتىدارى تەپەككۈرىدىكىدەك تېز ئەمەس. ناھايىتى ئوبدان پىلانلانغان ئىشلارنى قىلىشقىمۇ قۇربىتى يەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇلارنىڭ تەلىيى يامان ئەمەس، دوستلىرى بىلەن ئاسانلا ھەمكارلىشالايدۇ. كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلاشقۇچى بولسىلا، بۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىستىداتى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ج تىپلق بولغانلار: ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى ئۆزىگە ئىشەنچىسىز بولغاچقا، ئاسانلا دېلىغۇل بولۇپ قالىدۇ. بىراق ئۆتكۈر نەزىرىنى يەنىلا نامايان قىلالايدۇ. تەلىيى ياخشى بولىدۇ. بەزى چاغلاردا ‹‹ئاجىز›› قارىلىپ، باشقىلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئۆگىنىپ قېلىپ، غايىدىن ۋاز كېچىپ، غەيرىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ياچاق يۇلتۇز تۈركۈم _