بايقال كۆلىنىڭ تېگىدە بىر مىڭ ئالتە يۈز توننا كېسەك ئالتۇن بايقالدى

يوللىغۇچى : biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-04 19:07:41

بايقال كۆلىگە 1919‏ - يىلى چۆكۈپ كەتكەن بىر مىڭ ئالتە يۈز توننا ئالتۇن بايقالدى ئەنگلىيە گېزىتلىرى بۈگۈن «دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە تەبىئەت مىراسلىرى» تىزىملىكىگە ئېلىنغان بايقال كۆلىگە 1919‏ - يىلى ...

    بايقال كۆلىگە 1919‏ - يىلى چۆكۈپ كەتكەن بىر مىڭ ئالتە يۈز توننا ئالتۇن بايقالدى

         ئەنگلىيە گېزىتلىرى بۈگۈن   «دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە تەبىئەت مىراسلىرى» تىزىملىكىگە ئېلىنغان بايقال كۆلىگە 1919‏ - يىلى چۆكۈپ كەتكەن بىر مىڭ ئالتە يۈز توننا ئالتۇننىڭ تېپىلغانلىقىدىن ئىبارەت بىر چوڭ مۆجىزە ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى. بۇ بايلىققا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردە، بۇ بايلىقتىن كىم بەھرىمان بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغالدى.

        رۇسىيە سۇئاستى چارلاش كېمىسى بۇ يىل 7‏ - ئايدا بايقال كۆلىنىڭ 400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بىر نۇقتىسىدا پارقىراپ تۇرغان مېتال بارلىقىنى بايقىغان
    رۇسىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە بۇ يىل 7‏ - ئايدىن باشلاپ «تىنچلىق بىر» بەلگىلىك سۇ ئاستى چارلاش كېمىسى بىلەن، بايقال كۆلىدە تەتقىقات خاراكتېرلىك چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

        بۇ كېمىدىكى ئۈچ نەپەر ئالىم بايقال كۆلىنىڭ ئوخشىمىغان چوڭقۇرلۇقتىكى نۇقتىلىرىنى كۆزەتكەن. ئەڭ چوڭقۇر يېرى بولغان ئالتە مىڭ مېتىرلىق نۇقتىسىغىچە چۆكۈپ كىرگەن. نەتىجىدە بايقال كۆلىنىڭ 400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بىر نۇقتىسىدا پارقىراپ نۇر چاقنىتىپ تۇرغان مېتال بارلىقىنى بايقىغان.

         رۇسىيە تېلېۋىزىيىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى ئەلبەگدورجى، 2010‏ - يىلى 16‏ - ئىيۇل كۈنى رۇسىيىنىڭ «تىنچلىق بىر» بەلگىلىك سۇ ئاستى چارلاش كېمىسى بىلەن بايقال كۆلىنىڭ 400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بىر نوقتىسىغىچە چۆكۈپ كىرىپ، پارقىراپ نۇر چاقنىتىپ تۇرغان مېتالنى كۆرگەن تۇنجى دۆلەت باشلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
        شۇنىڭدىن كېيىن توختىماي ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قېتىملىق ئىلمىي چارلاش ئارقىلىق، بايقال كۆلىنىڭ 400 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا پارقىراپ نۇر چاقنىتىپ تۇرغان مېتالنىڭ ئالتۇن ئىكەنلىكى، بەلكى ئۇنىڭ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

         ئەنگلىيە گېزىتلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بايقال كۆلىدىكى بۇ بايلىق 1919 ‏ - يىلى 11‏ - ئايدا بايقال كۆلىگە چۆكۈپ كەتكەن ئالتۇن بايلىقى بولۇشى مۇمكىن. 90 يىلدىن كېيىن بۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلاردا ھېكايە قىلىنىشىچە، چاررۇسىيە پادىشاسى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغاندىن كېيىن، چار پادىشاھىنىڭ لەشكەر بېشى گورساك پادىشاھنىڭ بىرمىڭ ئالتە يۈز توننا ئالتۇننى 28 ۋاگونغا قاچىلاپ ياراق شەرققە يۇشۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغان. پويىز بايقال كۆلى رايونىغا كەلگەندە يېقىلغۇسى تۈگەپ توختاپ قالغان. گورساك بۇ ئالتۇنلارنى ئارغىماق قېتىلغان چانىلارغا بۆلۈپ قاچىلاپ بايقال كۆلى بويلىرىدىكى مۇزلۇقلاردا سۆرۈتۈپ كېتىۋاتقاندا، دەھشەتلىك قار - شىۋىرغانغا ئۇچراپ، ھەممىسى بىراقلا توڭلاپ قالغان. يىل ئۆرۈلۈپ ھاۋا ئىسسىغاندا مۇزلۇقلار ئېرىپ كەتكەندە، بۇ مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ قالمايلا بايقال كۆلىگە چۆكۈپ كەتكەن.

       رۇسىيە، ئەنگلىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرى بايقال كۆلىگە چۆكۈپ كەتكەن ئالتۇن بايلىقى بايقالغانلىقىنىڭ جەريانىنى تەپسىلىي ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ بىرمىڭ ئالتە يۈز توننا ئالتۇن بايلىقىدىن كىم بەھرىمان بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغالدى.

        پەرەز قىلىنىشىچە، ئەگەر بۇ بايلىق، يەنى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىگە ئىگە بولغان بىرمىڭ ئالتە يۈز توننا ئالتۇن بايقال كۆلىدىن سۈزۈپ چىقىلسا، چاررۇسىيىنىڭ ئاخىرقى پادىشاسى رومانۇف جەمەتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ھاكىمىيىتى بىلەن چار پادىشاھ رومانۇف ھاكىمىيىتى تۆلىمىگەن قەرزلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا جىددىي بايلىق تالىشىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەمما سابىق چارروسيىيەنىڭ ۋارىسى بوولغان رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ مۈلۈكنى  تامامەن ئۆزىنىڭ ھىچقانداق  شەخسكە تەۋە بولمىغان، قانۇنلۇق مىراسى دەپ قارايدىغانلىقى ئېنىق.

    بايقال كۆلى رايونى ھەققىدىكى تارىخىي بايانلار
    ۋىكى ئىنىسكىلوپىدىيىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بايقال كۆلى دۇنيا بۇيىچە سەككىزىنچى چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى دەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆلگە 336 دەريا ۋە ئېقىندىن سۇ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 55 مىڭ 700 كۋادرات مېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلىقى 750 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر نۇقتىسى ئالتە مىڭ مېتىر. بۇ كۆل رۇسىيىنىڭ ئېركۇتىسكى چېگرا رايونى بىلەن بۇريات جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىزىقى.
       تارىخى خاتىرىلەرگە قارىغان رۇسىيە پايانسىز شەرقى سىبىرىيەنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن بايقال ۋادىسىدا نۇرغۇن قېتىم ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، قىش كۈنلىرى ئەتراپتىكى تاغلىق رايون بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ياخشى قاتناش يولى بولالايدىغان كۆل يۈزىدىكى قېلىن مۇزلۇق  مۇز يېرىلىش تۈپەيلى چۆكۈپ كەتكەن نۇرغۇن مال-دۇنيا، ئات-ھارۋۇسى، زەمبىرەك، پاراۋۇز، پار ماشىنىلىرى ۋە ئاسارە ئەتىقە قاتارلىق بايلىقلارنى ساقلاپ ياتماقتا ئىكەن.

    مەنبە:http://cul.sohu.com/20100902/n274655375.shtml

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.