دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ_ خارۋارد

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-23 17:06:30

دۇنيادىكىئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ –خارۋارددۇنيادىكىئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ -خارۋارددۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ_ خارۋاردخارۋارد ئۇنۋېرىستىتى ئامرىكىد...

     

    دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ –خارۋارددۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ -خارۋارد

    دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ_ خارۋارد

     

    خارۋارد ئۇنۋېرىستىتى ئامرىكىدا ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى،ئاسپىرانىت يېتىشتۈرۈش ، ئىلىم -پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى ئالىي مەكتەپ.   ئەڭ دەسلەپ خارۋارد ئىنىستىتۇتى 1636-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى قارار قىلىنىپ ،1638-يىلى سىناق تەرىقىسىدە تۇنجى قارارلىق 4 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىپ ئۇقۇش باشلىغان.
       1638-يىلى 9-ئاينىڭ 14- كۈنى باستىر j.خارۋارد ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا بىرقىىسم قىممەتلىك بۇيۇملىرىنى ۋە   400نەچچە پارچە قىممەتلىك كىتابىنى مەكتەپكە تەقدىم قىلغان .1639-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى بىرقېتىملىق كېڭەشتە كېڭەش ئەزالىرى مەكتەپ نامىنى خارۋارد ئىنىستىتوتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان .

      مەكتەپ قۇرۇلۇپ يېرىم ئەسىرگىچە ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان .1721-يىلى خىرىستىئان دىنى پروففىسسورى ئورنى تەسىس قىلىنغان ،1727-يىلى تەبىئەت ۋە ماتىماتىكا پروففىسسورى ئورنى تەسىس قىلىنغان ،1780-يىلى تىببىي پەنلەر پروففىسسورى ئورنى تەسىس قىلىنغان ، شۇ يىلى خارۋارد ئۇنۋېرىستىتى كېڭەيتىپ قۇرۇلغان .1816-يىل خرىستىئان دىنى ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغان،1817-يىلى قانۇن ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغان ،شۇنىڭدىن باشلاپ 19-ئەسىرلەرگىچە ھەرقايسى ئۇنىۋېرستىتلار ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان. 1936-يىلى سىياسەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغان (1966-يىلى كىننىدى سىياسەت ئىنىستىتوتىغا ئۆزگەرتىلگەن)،1990-يىلى مائارىپ ئىنىستىتوتى قۇرۇلغان .
       خارۋارد ئۇنىۋېرستىتېتى ئۆزىنىڭ شەرەپلىك تارىخىدا يېتىشتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار ئىچىدىن ھازىرغا قەدەر :جون ئادامىسJohn Adams (ئامېرىكىنىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى)،جون كۇنسىي ئادامىسJohn Quincy Adams،فىرانكىلىن روزۋېلىتFranklin D. Roosevelt،جون كىننىدىيJohn F. Kennedyۋە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتوڭى ئوباماBarack Obamaقاتارلىق 7نەپەر ئامېرىكازۇڭتۇڭى چىققان .


          ئالىملاردىن بۇمەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارناھايىتى كۆپ بولۇپ بۇلاردىن ھازىرغا قەدەر  34نەپەر ئوقۇغۇچى ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
       نۆۋەتتە خارۋارد ئۇنىۋېرستىتېتى تەرەققىي قىلىپ 10ئاسپىرانىت ئىنىستىتۇتى ،40تىن ئارتۇق فاكولتىتقا ئىگە ،100دىن ئارتۇق كەسىپكە ئىگە دۇنياۋى چوڭ ئۇنىۋېرستىتقا ئايلاندى.بۇ مەكتەپنىڭ 18000دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىسى بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە 2000 دىن ئارتۇق پروففىسور بار .
       خارۋارد ئۇنىۋېرستىتېىتى ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت يەنە باشقا دۆلەتتىن كەلگەن شەرتكە چۈشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەيدىغان بولۇپ ،بۇمەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %100بولماقتا .
       مەكتەپ ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ باغچىلاشقان ،مۇھىتى گۈزەل كىچىك شەھەرنى شەكىللەندۈرگەن .1986-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرستىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 350يىللىق مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ ،پۈتكۈل دۇنيا ئەھلىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
       مەكتەپ تور ئادىرىسى :http://www.harvard.edu
     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.