كالتىسى ۋە چاينىڭ پايدىسى

يوللىغۇچى : نوۋرۈزگۈلى يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-16 11:00:00

بىز بەزى تەربىيە كۆرگەن ئادەملەرنىڭمۇ بەزىدە تەرسا، تېرىككەك بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز، بۇ نورمال ئىش چۈنكى كالتىسىي كەملەر ئاسان جىددىلىشىدۇ. كالتىسىي نىرۋىلارغا ئۇچۇر يەتكۈزۈش رۇلىنى ئو...

        بىز بەزى تەربىيە كۆرگەن ئادەملەرنىڭمۇ بەزىدە تەرسا، تېرىككەك بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز، بۇ نورمال ئىش چۈنكى كالتىسىي كەملەر ئاسان جىددىلىشىدۇ. كالتىسىي نىرۋىلارغا ئۇچۇر يەتكۈزۈش رۇلىنى ئوينايدۇ. ئادەم بەدىنىدە كالتىسى كەم بولغاندا نېرۋا دائىم جىددىلىشپ، نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ، نەتىجىدە ئادەممۇ ئۆزىنى ئەركىن تۇتالمايدۇ، ھېرىپلا تۇرىدۇ ، ھەمىشە جىسمانى ۋە روھى جەھەتتە چارچاپ كەتكەندەك ھىس قىلىدۇ.  ھامىلدار ئاياللارنىڭ تېرىككەك بولۇپ قېلىشىمۇ ئېھتىمال كالتىسى كەملىكتىن بولغان بولۇشى مۈمكىن.

    چايدا ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، چىشنى قۇرۇت يىمەيدۇ
        چاي تەركىبىدە فىتور بۇلۇپ ،دەملەنگەن چاينىڭ قېنىق-سۇسلىقىغا قاراپ فىتور تەركىبى  ئوخشاش بوللمايدىكەن. ئېغىز بوشلۇقىنى ئاسراش مۇتەخەسىسلىرى  : چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەر، چايدا ئېغىز چايقاش ئادىتىنى يىتىلدۈرسە، گەرچە چىشنى قارىدىتىۋېتىدىغاندەك بىلىنسىمۇ ئەمما چىشتىكى زىيانلىق باكتىرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈشكە، چىشنى ساغلام ساقلاپ، قۇرت ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىغا ۋە ساغلاملىققا پايدىلىق، دىگەن.   
     
     
        بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىسە،پۇت-قول ئۇيۇشىدۇ.
        مىڭە-قان تۇمۇر كىسەللىكىدىن باشقا ،دىئابىت كىسىلى خاراكتىرلىك  ئەتراپ نىرۋا پاتالوگىيىلىك ۋە بۇيۇن ئومۇرۇتقا كىسەللىكى ياشانغانلاردا پۇت-قول ئۇيۇشىشىنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن ، يەنە ئۇزاققىچە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك،ۋىتامىن  ب كەمچىل بۇلۇشمۇ ، نىرۋىنى ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ۋە مىتابولىزىم ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۈچ نىرۋىنى ياللۇغلاندۇرىدىكەن.  
                    مەنبە: ساغلاملىق گىزىتىدىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نېرۋا