چايان يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-04 11:23:45

چايان يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەرۋاقىت تەۋەلىكى: 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچەچايان يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: ...

     


    چايان يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

    ۋاقىت تەۋەلىكى: 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە

    چايان يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: بۇلار مەسىلىلەرنى ئىنتايىن ئېنىق تەھلىل قىلالايدۇ. ھەردائىم مەسىلىنىڭ مەركىزىنى تونۇۋالالايدۇ. ھەرقانچە  بوران-چاپقۇندىمۇ توغرا يۆلىنىشنى كۆرەلەيدۇ. بۇلار تولىمۇ ئەقىللىق بولغاچقا، ئاسان يېقىنلاشقىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما سىرداش دوستى بولىدۇ. بۇلار سەزگۈر بولغان كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ئىشقا سالالىسىلا، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ. 

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ب تىپلىق ياكى ئې تىپلىق بولغانلار: بۇلارنىڭ سەۋرچانلىقى سىناقلارغا ئۇچرايدۇ. تاقەتلىك بولالمىسا، ئارقا-ئارقىدىن زىيان تارتىدۇ. مەغلۇب بولىدۇ. چېكىنىشكە توغرا كەلگەندە، ئۆزىنى تۇتۇۋالسىلا، ئەھۋال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ياخشى پۇرسەتلەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويمايدۇ. ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ئېنىق مۆلچەرلىيەلىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۆز قابىلىيىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى س تىپلىق ياكى ئېف تىپلىق بولغانلار: بۇلارنىڭ بىۋاستە سېزىمى ياخشى. ئالتىنچى سەزگۈسى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا ئىشەنسە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ پىكرىگىمۇ ئىشىنىشى، ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىشى كېرەك. ئالمان-تالمان ئىش قىلىش بۇلارغا ماس كەلمەيدۇ. ئەگر مەغلۇب بولسا ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ-دە، كېيىنكى ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ج تىپلق بولغانلار: بۇلارنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ىۇددى ھەممىلا كەسىپتە دوستلىرى باردەك بىلىنىدۇ. شۇڭا ھەر قىسما ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان خىزمەتكە ماس كېلىدۇ.  بۇلارنىڭ نۇتقى ئاجايىپ ياخشى بولۇپ، باشقىلارنى ئۆزىگە بېلەت تاشلاشقا قايىل قىلالايدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چايان _