قانداق قىلغاندا فىزىكا ئوقۇتۇشىنى ياخشى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-11 17:02:00

ئوقۇتۇشنى ھازىرقى ئوقۇتۇش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئەمىلي ئىقتىدارغا ئىگە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەش ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرچى. ئۇنداقتاقانداق قىلغاندا ...

        ئوقۇتۇشنى ھازىرقى ئوقۇتۇش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئەمىلي ئىقتىدارغا ئىگە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەش ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرچى. ئۇنداقتاقانداق قىلغاندا فىزىكا ئوقۇتۇشىنى ياخشى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟
    1. فىزىكا پېنىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ دەرسلىك نىشانىنى تولۇق تونۇپ يېتىش لازىم. ئوقۇغۇچىلاردا فىزىكىلىق بىلىم ۋە ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنى تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمىليىتىدە قوللىنىش، تېخنىكىلىق ئىزدىنىش ئارقىلىق تەپەككۇر ئادىتىنى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش،يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، پەن-تېخنىكىنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مانا بۇلار فىزىكا دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى.
    2. فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىدە دەۋىر تەلپىگە ماسلىشالايدىغان ئوقۇتۇش ئىقتىدارى،ۋە كەسپى ئىقتىدارنى يېتىلدۈرىشى كېرەك. يەنى ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەرقېتىملىق دەرسىخانا ئوقۇتىشىنى ياخشى لاھىيلەپ، فىزىكا نەزىريىسى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھاسىسلەر بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىكىلىق ھادىسلەرگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقنى يۇقىرى كۆتۈرىشى، ئوقۇتۇشنى يېتەكچى، ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىشى لازىم.
    3. تەجىربە ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. تەجىربە مەشغۇلاتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا فىزىكىلىق قائىدە-قانۇنيەت ۋە ئۇقۇملارنى چۈشىنىش، ئەمىليەتكە تەتبىقلاش، فىزىكىلىق ھادىسلەرنى كۆزىتىش،ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
    4. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كۆپ خىل تەجىربە ۋە ھادىسلەرنى كۆزىتىش پالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش لازىم. تەبىئەت، تۇرمۇش،ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمىليىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان فىزىكا تەجىربىلىرىنى لاھىيلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقتىدا تاماملىشىغا تاپشۇرۇش، بىرلىكتە مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇپ، بايقالغان يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، چىقىرىلغان يەكۈنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ خۇلاسىلەش لازىم. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى فىزىكىلىق ھادىسلەرنى كۆزىتىشكە يېتەكلەپ، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بۇلۇش كېرەك.
    5. ئوقۇغۇچىلارنى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ۋە فىزىكىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىشكە ماھىر بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشىگە تۈرتكە بۇلۇش ئارقىلىق ياخشى ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىش لازىم. يەنە ئوقۇتقۇچى ئېنتىرنېت، گېزىت-ژۇرنال، مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە دەرستىن سىرتقى مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، شۇ ئارقىلىق فىزىكا ئىلمىنىڭ جەمىيەت تەرەقىياتىدىكى رولىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، فىزىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.   [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-8 12:22:14]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق