تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ يۆنىلىشى

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-23 18:53:00

تەنتەربىيە مەيدانلىرى نىمە ئۈچۈن جەنۇب- شىمال يۆنىلىشىدە سېلىنىدۇ؟ مۇنتىزىم تەنتەربىيە مەيدانلىرى نىمە ئۈچۈن جەنۇبقاياكى شىمالغاقارىتىپ سېلىنىدۇ؟ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ۋە قۇياش ئەتراپىدا ئا...

                                                           تەنتەربىيە مەيدانلىرى نىمە ئۈچۈن جەنۇب- شىمال يۆنىلىشىدە سېلىنىدۇ؟

      مۇنتىزىم تەنتەربىيە مەيدانلىرى نىمە ئۈچۈن جەنۇبقاياكى شىمالغاقارىتىپ سېلىنىدۇ؟ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ۋە قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشى خەلقارا تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بېكىتىشتىكى ئاساستۇر . شىمالىي يېرىم شارنى مىسال قىلىدىغان بولساق، چۈش سائەت 12دىن ئىلگىرى قۇياش نۇرى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىدىن غەرپكە قاراپ چۈشىدۇ. چۈش سائەت 12دىن كېيىن  قۇياش نۇرى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ غەرپ تەرىپىدىن شەرققە قاراپ چۈشىدۇ. بۇ شىمالدىن جەنۇپقا ياكى جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ يۈگۈرۋاتقان تەنھەركەتچىلەر ئۈچۈن  ئېيتقاندا،«ياندىن چۈشكەن نۇر» بولۇپ، قۇياش نۇرىنىڭ كۆزگە تىك چۈشىشىدىن ساخلانغىلى بولىدۇ. ناۋادا، غەرپ –شەرق يۆنىلىشىدە سېلىنسا ، ئۇنداقتا چۈشتىن بۇرۇن قۇياش نۇرى شەرققە قاراپ تۇرغان تەنھەركەتچىنىڭ كۆزىنى چاقىدۇ، شۇنداقلا  تەنھەركەتچى ئالدى تەرەپنى كۆرەلمەيدۇھەمدە كۆزى زەخمىگە ئۇچرايدۇ؛ غەرپتىكى جىسىمغا چۈشۈپ قايتقان  نۇرمۇ غەرپكە قاراپ تۇرغان تەنھەركەتچىنىڭ كۆزىنى چاقنىتىۋېتىدۇ. چۈشتىن كېيىن ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ . بۇ ھال مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە نورمال مەشققە تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە مەيداندىكى رىپېرى، خىزمەتچى خادىملارغا ئاۋارىچىىلىق  كەلتۈرىدۇ. شۇڭا دۆلەت ئىچى ۋەسىرتىدا تەنتەربىيە مەيدانى سالغاندا  جەنۇپ –شىمال يۆنۈلىشىدە  سېلىنىپ، قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشىشى ۋە قايتقان نۇرنىڭ كۆزنى چېقىشى ۋە زەخمىلەندۈرۈشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

    ----------------------«شىنجاڭ گېزىتى» دىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق