ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 08

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-17 09:41:50

ئەزىز قېرىنداشلار! دۇنيا مىقياسىدا ئالەمشۇمۇل قىممەتكە ئىگە مەشھۇر «ساياھەتنامە»سى بىلەن ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ نامىنى ئاڭلىمىغان كىشىلەر ئاز بولسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىلمىي قىممىتىن...



     

         ئەزىز قېرىنداشلار! دۇنيا مىقياسىدا ئالەمشۇمۇل قىممەتكە ئىگە مەشھۇر «ساياھەتنامە»سى بىلەن ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ نامىنى ئاڭلىمىغان كىشىلەر ئاز بولسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىلمىي قىممىتىنى قىلچە يوقىتىپ قويمىغان بۇ ئەسەر ئەپسۇسكى، 2 ـ مۇراتنىڭ زامانىدا مۇلكىيە نازارىتى ئاستىدىكى پەرتەۋ پاشانىڭ كۇتۇپخانىسىدا 10 توم شەكلىدە 3 ئەسىرگە يېقىن ئىلىم دۇنياسىدىن مەخپىي قالغان ئىدى. ئەسەر ئىنتايىن گۈزەل خۇشخەت بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى ئىشكاپتىن تۇنجى تېپىپ چىققان كىشى ئەھمەت ۋەفىق پاشا بولغان ئىدى. بۇ ئەسەر كېيىن مىتات پاشانىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئاخىرىدا دەسلەپكى 6 تومى «ئىقدام گېزىتى»نىڭ خوجايىنى ئەھمەت جەۋدەت بەي تەرىپىدىن نەشىر قىلدۈرۈلۇپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىمىزدىن ئورۇن ئالدى.

         «ساياھەتنامە» ناملىق بۇ ئەسەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، جۇغراپىيە ۋە تارىخ كىتابى بولغانلىقى جەھەتتىنمۇ ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە قاراشلىق پۈتۈن رايونلارنى ئايلىنىپ، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىنى بىر ـ بىرلەپ يازغان ھەتتا خەلق ئېغىزىدا ئومۇملاشقان ھېكايە، چۆچەكلەرنىمۇ كىتابقا كىرگۈزگەن ئىدى.

          قەدىمقىلارنىڭ «كۆپ ياشىغان ئەمەس، كۆپ يۈرت كەزگەن بىلىدۇ» دېگەن ماقال ـ تەمسىلىنىڭ نەقەدەر توغرا ئېيتىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىنى بىر ـ بىرلەپ يېزىپ، كەلگۈسىگە مەنبەلىك بىر ئەسەر سۈپىتىدە قالدۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن ئەۋلىيا چەلەبى زادى كىم؟ قېنى ئەمىسە ئۇنىڭ بىلەن قىسقىچە تۇنۇشۇپ چېقايلى!

     

          ئەسلى ئىسمى ھافىز مەھمەت زىللىي ئەۋلىيا بولغان بۇ مەشھۇر سەيياھ 1611 ـ يىلى ئىستانبۇلنىڭ ئۇنكاپى رايونىدا دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى كۇتاھيالىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىستانبۇل فەتھىي قىلىنغان مەزگىلدە ئىستانبۇلغا يەرلەشكەن ئىدى. ئۇ دەسلەپكى تەلىم تەربىيەسىنى مەھەللە مەكتىپىدە تاماملىغاندىن كېيىن، مەدرىسىدە ئۇقۇشنى باشلىدى. كېيىنچە 7 يىل مەخسۇس دەرس ئېلىپ، دادىسى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ھەتتا ئۇنىڭغا ئىسمىنى قويغان «ئەۋلىيا مەھمەت ئەپەندى»نىڭ شاگىرتى بولدى. كېيىنكى يىللىرى ئەندىرونغا، يەنى سارايغا تەۋە ئۇنىۋېرسىتېتقا قوبۇل بولۇپ، سىپاھى (يەنى ئەسكەر) سىنىپىغا كىردى. بۇ جەرياندا سارايدا زەرگەر بېشى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دادىسىمۇ ئۆغلى مەھمەت زىللى ئەۋلىياغا مەدەنىيەت ، ئەخلاق، خەتتاتلىق ۋە نەققاشلىق سەنئەتلىرىنى ئۆگەتتى. قۇرئاننى تۇلۇق ياد ئېلىپ، ھافىز بولغان ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئاۋازىنىڭ گۈزەللىكى 4 ـ سۇلتان مۇراتنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. تاغىسى مەلەك ئەھمەد پاشانىڭ يارىدىمى بىلەن 4 ـ سۇلتان مۇراتنىڭ خىزمىتىگە كىردى. ئۇنىڭ ساياھەتكە بولغان ھىرىسمەنلىكى كېچىكىدە دادىسىدىن ۋە چوڭلاردىن ئاڭلىغان ھېكايە ـ چۆچەكلەردىن مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

     

     

     

     

     

        ئەقلى ئۆتكۈر، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئەۋلىيا چەلەبى ساياھەتلىرىنىباشلىنىشىنى 1630 ـ يىلى كۆرگەن بىر چۈشكە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، ساياھەتكە بولغان ھىرىسمەنلىكىنىڭ باشلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ، بىر كىچىسى چۈشىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭغا «شاپائەت يا رەسۇلۇللاھ!» دېيىشنىڭ ئورنىغا «ساياھەت يا رەسۇلۇللاھ!» دېگەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئۇنىڭغا، ئارزۇسىغا كۆرە ساياھەتكە چېقىپ جاھان كىزىشى ئۈچۈن رۇخسەت بەرگەنلىكىنى يازىدۇ.

     

     

     

    *************************************************

     

     

          چەلەبىنىڭ 10 توملۇق «ساياھەتنامە» ناملىق ئەسىرىنىڭ بىرىنچى تومى ئىستانبۇل ئىنسىكلوپىدىيەسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا شەھەر ئىنتايىن ئىنچىگە تونۇشتۇرۇلىدۇ. چەلىبىي 1640 يىلى بۇرسا، ئىزمىت ۋە تىرابزوننى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، قارا دېڭىزنىڭ بارلىق ساھىللىرىنى ئايلىنىپ، ئاندىن قىرىمغا باھادىر گىراينىڭ يىنىغا بارىدۇ. قىرىمدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن دېڭىز يولى ئارقىلىق ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇن يۈرۈشلەرگە چىقىشقا باشلايدۇ.

     

         بۇ يۈرۈشلەرنىڭ تۇنجى قېتىملىقى 1645 ـ يىلى باشلانغان گىرىت يۈرىشى بولۇپ، ئۇ چاغدا ئەۋلىيا چەلەبىي يۈسۈف پاشانىڭ يېنىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى. 1646 ـ يىلى ئەرزۇرۇم بەگلەر بېگى مەھمەت پاشانىڭ ھەمراھلىقىدا شەرقىي رايوننى، ئەزەربەيجان ۋە گىروزىيەنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىنى زىيارەت قىلدى. رىۋان خانىمغا مەكتۇپ توشۇۋاتقان مەزگىللەردە بولسا، گۈمۈشخانە ۋە تورتۇمغا باردى. 1648 ـ يىلى ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىپ، شۇ يىلى شام بەگلەر بېگى مۇستاپا پاشا بىلەن سۈرىيەگە باردى. لىۋان ۋە پەلەستىننى ئايلانغاندىن كېيىن، ياۋروپا ساياھىتىگە ئاتلاندى. رۇمەلىدە بىر مەزگىل تۇرۈپ قالدى. تىراسىلۋېنىيە، بېسارابيا، ۋە ئۇكرائىنادا تاغىسىنىڭ يېنىدا قالدى. ھەمدە قىرىم خانى گىراينىڭ يىنىدا خىزمەت قىلدى. كېيىن رۇمىنىيەدە ۋە ۋېنگىرىيەدىمۇ تۇردى. دېپلوماتىك ۋەزىپە بىلەن ئىرانغا بارغان چەلەبىي، شۇ جەرياندا ئىراققا بېرىپ تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللاندى. مەلەك ئەھمەت پاشانىڭ بوسنىيە بەگلەر بېگى بولغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، بوسنىيەنى، ھەرسەكنى ۋە دالماچيا ساھىللىرىنى زىيارەت قىلغان ئەۋلىيا چەلەبىي ئاخىرىدا، بىلگېراد ۋە ئالبانىيەنى ئايلاندى. ۋەزىرىئەزەم فازىل ئەھمەت پاشا كۆپرۈلۈنىڭ گېرمانىيەگە قىلغان سەپىرىدىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. مەشھۇر ئەيۋار فەتھىگە قاتناشتى. گېرمانىيەگە پەۋقۇلئاددە باش ئەلچى بولۇپ تەيىنلەنگەن قارا مەھمەت پاشاغا ھەمراھ بولۇپ، ۋىياناغا باردى. بۇ جەرياندا ئىمپېرىيە سارىيىدا تەتقىقات ئېلىپ باردى. ھەر ئىككى مەدەنىيەتنى بىر ـ بىرىگە سېلىشتۇرۇپ غەرب مەدەنىيىتى ھەققىدە كەڭ دائىرلىك مەلۇمات ئېگىلىدى. ئاندىن ۋېنگىرىيەگە قايتىپ، رۇمىنىيە ۋە قىرىمدىكى ئۇزۇن سۈرگەن خىزمەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىمالىي كاۋكاوزغا، داغىستانغا، ھازار ساھىللىرىغا ۋە ۋولگاغىچە ئايلىنىپ چىقىپ، 1668 ـ يىلى ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى. بىراق سەيياھلىق كېچىكىندىنلا ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئەۋلىيا جەلەبىي بارغان ھەممىلا يەردە ئالتە ياكى يەتتە ئايدىن ئارتۇق تۇرمايدىغان بولغاچقا، ئىستانبۇلدىمۇ ئۇزۇن تۇرالمىدى. بۇ قېتىم ھازىرقى گېرىتسىيە ۋە مورا رايونلىرىنى كىزىشكە چىقتى. 1670 ـ يىلى ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن سەيياھ، 1671 ـ يىلى ئەگە ئاراللىرى ۋە جەنۇبىي ئانادولۇ رايونلىرىنى ئايلىنىپ، ھىجازغا باردى. ھەج قىلغاندىن كېيىن مىسىرغا بېرىپ، ئۇ جاينى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن قاھىرەدە 9 يىلغا يېقىن تۇرۇپ قالدى. بۇ جەرياندا يەنە نۇرغۇن جايلارنى زىيارەت قىلدى. سۇدان ۋە ئېرىترەگە بېرىپ زىيارەت قىلدى. تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن پۇل تاپتى.

     

         ئەپسۇسكى، ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتىمىز يوق. «ساياھەتنامە» ناملىق ئەسىرىنىڭ 10 ـ تومى پۈتكەندىن كېيىن مىسىردا تۇرۇپ قالغانمۇ ياكى ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىپ ۋاپات بولغانمۇ؟ بۇ ھەقتە تېخىچە ئېنىق بىر مەلۇماتقا ئىگە بولالمىدۇق.

     

     

    ***********************************************

         ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ ئىنىق مەنبەلەرگە كۆرە تەخمىنەن 50 يىللىق ساياھىتىنى ئاڭلاتغان «ساياھەتنامە» ناملىق ئەسىرى، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە پەن ـ مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرىنى تونۇتۇش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەۋلىيا چەلەبىي ئەسىرىدە، كۆزدىن كەچۈرگەن بىنا، ئىمارەتلەردىن باشقا يەنە، يازما مەنبەلەردىن ئالغان مەلۇماتلار ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق ئىزاھاتلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىدۇ. ئۆزى بارغان ھەر بىر جاينىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى، قەدىمقى خانىدانلىرىنى، ئالدىنقى قاتاردىكى مەشىھۇر شەخىسلىرىنى شائىرلىرى ۋە ھەر خىل سەۋىيەدىكى مەسئۇللىرىنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. خەلق شېئىرلىرى، چۆچەك، ھېكايە، ماقال ـ تەمسىللىرى، خەلق ناخشىلىرى، يېزا شىۋېلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن تارتىپ، ئىجتىمائىي ئادەتلىرىگە قەدەر نۇرغۇن تېمىلار ھەققىدە ئاجايىپ ھەيران قالارلىق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى جامى، ئۆي، بۇلاق، بازار، ساراي، ھاممام، چىركاۋ، موناستىر، قەلئە، سېپىل، يول قاتارلىق بىناكارلىقلىرىنى ۋە بۇلارنىڭ ياسالغان ۋاقىتىدىن تارتىپ، ياساتقۇرغان ۋە رېمونت قىلدۇرغان كىشىلەر ھەققىدىمۇ تولۇق مەلۇمات بېرىدۇ. قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەتراپى، ھاۋا كېلىماتى، سۈ مەنبەلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، تېمىغا چىنلىق بەخش ئېتىش ئارقىلىق ئەتراپى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرىدۇ.

           ئەۋلىيلا چەلەبىي، ئەسەرنى يېزىشتا قىلىپۋازلىق ئۇسلۇبىنى تاشلاپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۈرمۇشىدا ئىشلىتىىدىغان ئاددى، چۈشۈنۈشلۈك، قىزىقارلىق ۋە يۇمۇرىستىك تىل ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇ ئۆز ئەسىرىدە ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى ۋە ھازىرنى بىر بىرىگە يۇغۇرۈپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئۆتمۈشتىكى ئايرىم ۋەقەلەرنى خۇددى ئۆزى نەخ مەيداندا كۆرگەندەك شەكىلدە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق زامان مۇساپىسىنى يوق قىلىدۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرى ۋە كۆزدىن كەچۈرگەنلىرىدىن باشقا يەنە، تەسەۋۋۇر دۇنياسىنىڭ ئىجادىيىتى بولغان بەزى ۋەقەرلەرگە ئۇرۇن ئاجراتقانلىقىنىمۇ، ئۇنىڭ دەۋرىدىكى قىزىقارلىق يېزىش ئۇسلۇبلىرىنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ.

          10چوڭ تومدىن تەشكىل تاپان «ساياھەتنامە» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرقى ئىككى تومى لاتىنچە بېسىلغان بولۇپ، بۇ پايانسىز ئەسەردىن ئېلىنغان تاللانمىلارمۇ ئاساسەن دېگۈدەك تاللانما ئەسەرلەر شەكلىدە نەشرى قىلىندى. ئەسەرنىڭ پارچە ـ پارچە تەرجىمىلىرى غەرب ۋە بالقان رايونى تىللىرىدا نەشىر قىلىنغىنىغا ئوخشاش، غەرب ئالىملىرى تەرىپدىنمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىندى.

         شەك شۈبھىسىزكى، تۈرك ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ كاتتا يازغۇچىسى بولغان ئەۋلىيا چەلەبىينىڭ ساياھەتنامىسى يالغۇز 17 ـ ئەسىردىكى ئوسمانلى دۇنياسى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كاۋكاز رايونى، ئەرەب دۇنياسى، بالقان ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا رايونلىرىغا نىسبەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەسەر شۇنداقلا جۇغراپىيە ۋە مەدەنىيەت ئاتلىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەۋلىيا پاشا ئەسەر