ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 20

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-04 10:50:53

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 20(مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى ھەققىدە - 1) ئانادولۇ مۇتەسسەۋۋۇپلىرى ئىچىدە ئەركىن پىكىر ۋە ھېسسىيات بىلەن "ئىشق"نىڭ ئىلھامىنى بىرلەشتۈرۈپ، شېئىر سەنئەتىنىڭ مۇكەممەل ...



     

     

    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 20

    (مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى ھەققىدە - 1)

     

        ئانادولۇ مۇتەسسەۋۋۇپلىرى ئىچىدە ئەركىن پىكىر ۋە ھېسسىيات بىلەن "ئىشق"نىڭ ئىلھامىنى بىرلەشتۈرۈپ، شېئىر سەنئەتىنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىنى ياراتقان ئەڭ كاتتا شائىر شەك شۈبھىسىزكى مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئىنسان ئۆزىنى ھەقىقىي مەنىدىن بىلىپ يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر شېئىرى، ھەتتا ھەر بىر سۆزلىرى ئۆزگىچە بىر گۈزەللىككە ۋە ئۆزگىچە بىر مەنە چۇڭۇقۇرلۇقىغا ئىگە. ئەسىرلەردىن بۇيان مىڭلىغان ئىنسانلارنى ئۆزىگە رام قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر قەلب رىشتىسى بەرپا قىلىپ چىققان مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى، ئىلىمدە گويا پايانسىز دېڭىزغا، شۇنداقلا مەسنىۋىسى بىلەن گويا ئەدەبىيات مەكتىپىگە ئوخشايتتى.

        مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ئاتا ـ بوۋىسى خوراسان تەرەپتىن كەلگەن ئوغۇز تۈركلىرىدىن  بولۇپ، ئۇنىڭ جەمەتى ساپ تۈرك ئىرقىدىن ئىدى. دادىسى مەۋلانا باھائىددىن ۋەلىد، خوراساندا «خەتىپ ئوغۇللىرى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىنتايىن مەشھۇر بىر تەسسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ ئۇستازى ۋە يازغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى خارىزىم مەلىكىلىرىدىن ئالائىددىن ھۈررەم شاھنىڭ قىزى ئەماتۇللاھ سۇلتان ئىدى. مەۋلانا باھائىددىن ۋەلىدنىڭ نام ـ شۆھرىتى پادىشاھ جەمەتىگە تەۋە بولغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىلىم ـ ئىرپاندا يېتىشكەن ئالىم بولغانلىقى بىلەن ھەممىگە مەشھۇر بولغان ئىدى. باھائىددىن ۋەلىدنى ئىلىم شەيدالىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتىكى، ئۇنىڭغا ھەتتا «ئىلىم سۇلتانى» دەپ نام قويۇشقان ئىدى.

        باھائىددىن ۋەلىدنىڭ خەلق ئىچىدىكى بۇنداق زور تەسىرى ئەينى چاغدىكى خارىزىم ھۆكۈمدارى سۇلتان قۇتبىددىن مەھمەتنىمۇ ئەندىشىگە سېلىپ قويغان بولۇپ، بىر كۈنى ھۆكۈمدار ساراينىڭ پۈتۈن ئاچقۇچلىرىنى باھائىددىنغا ئەۋەتىپ، «بۇ دۆلەتتە ئىككى ھۆكۈمدار بولسا بولمايدۇ، قارىسام پۈتۈن خەلق سىزنىڭ ئەتراپىڭىزغا توپلىشىپتۇ، شۇڭا ياخشىسى سىز سارايغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلسىڭىز بولغۇدەك» دەپ سۆز يوللاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن باھائىددىن ۋەلىد ھۆكۈمدارنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ، «بىزنىڭ ئۇنداق داۋايىمىز يوق» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ۋە ھەجگە بارماقچى ئىكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، خوراساندىن ئايرىلىپتۇ. ھەتتا ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ ھەمراھ بولىشىنى خالىمىغىنىغا قارىماي، خوراسانلىق تۈركلەردىن بىر توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەمراھ بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن باھائىددىن ۋەلىد ئايالى بەلخ ئەمىرى سۇلتان رۇكنىددىننى، ھەمدە قىزى مۇئمىنە خاتون ۋە ئەينى چاغدا يېشى تېخى 5 ياشقىمۇ تولمىغان ئوغلى جەلالىددىننى ئېلىپ ئىرانغا كۆچۈپ كەپتۇ. 

    *************************************************

        مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى 1207 ـ يىلى بەلخ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كېيىنكى چاغدا دادىسى باھائىددىن ۋەلىد پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بىرىلكتە نىشاپۇرغا كېلىپ مەلۇم مەگىل تۇرۇپ قالغان ئىدى. يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە، نىشاپۇردا فەرىدۇددىن ئەتتار بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئەتتار كىچىك جەلالىددىنغا «ئەسرارنامە» ناملىق ئەسىرىنى ھەدىيە قىلغان. كېيىنكى چاغدا باھائىددىن ۋەلىد ئائىلىسىنى ئېلىپ، نىشاپۇردىن باغداتقا، ئاندىن ھىجازغا كەتكەن ۋە شامدا تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردە بولسا، جەلالىددىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ كاتتا مۇتەپەككۈرى مۇھىددىن ئەرابى بىلەن تونۇشقان ئىدى. مۇھىددىن ئەرابى جەلالىددىن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، «چوپ چوڭلا بىر دېڭىز كېچىك بىر كولنىڭ ئارقىدىن ماڭماقتا» دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەقلىنىڭ نەقەدەر ئۆتكۈرلىكىگە باھا بەرگەن ئىدى.

        ئاخىرى بۇ ئائىلە ئانادولۇ سەلجۇقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا باياشات تۈرمۈش كۆچۈرىۋاتقان ئانادولۇ دىيارىغا يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ «رۇمى» دېگەن لەقىمىمۇ ئەينى چاغدا «رۇم دىيارى» دەپ تونۇلغان ئانادولۇغا يەرلەشكەنلىكىدىن قويۇلغان ئىدى. ئۇلار كونيانىڭ قارامان رايونىغا يەرلەشكەندىن كېيىنكى مەزگىلدە باھائىددىن ۋەلىد، ئوغلى جەلالىددىننىڭ تەلىم ـ تەربىيەسىگە ئۆزى بىۋاستە كۆڭۈل بۆلدى. تۈركلەرنىڭ تۈرمۈش پەلسەپىنى ئۆزىگە مەھكەم سىڭدۈرگەن دادىسى باھائىددىننىڭ تەربىيىسى مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىغا ئەڭ چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. بۇنڭدىن باشقا يەنە، يۇقىرىقى بۇ بارلىق سەپەرلەرمۇ جەلالىددىننىڭ روھى دۇنياسىغا ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرىگە ئالاھىدە زور تەسىرىلەرنى قالدۇرغان ئىدى.

        بۇ دەل كونيادا سەلجۇق ئىمپىرىيەسى ئەڭ روناق تاپقان،  تۈرك مەدەنىيىتى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن دەۋر ئىدى. 1228 ـ يىلى ئۇلار سەلجۇق ئىمپىرىيەسىنىڭ سۇلتانى ئالائىددىن قەيقۇباتنىڭ دەۋىتىگە بىنائەن كونياغا باردى ۋە باھائىددىن ۋەلىد كونيادىكى مەدرىسىلەردە دەرس ئۆتۈشكە باشلىدى. باھائىددىن ۋەلىد 1231 ـ يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن جالالىددىن دادىسىنىڭ ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. ئارىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتۈپ، باھائىددىننىڭ كونا ئوقۇغۇچىلىرىدىن مۇھەققىق كونياغا يېتىپ كەلدى ۋە جەلالىددىنغا ئىراندا قۇرۇلغان بەزى روھانىي ئورگانلارنى يېقىندىن تونۇتتى. مۇھەققىق جەلالىددىننىڭ مەنىۋى جەھەتتىن تېخىمۇ پېشىپ يېتىلىشىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ 1240 ـ يىلى كونيادىن كېتىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ بىر قانچە قېتىم سۈرىيەگە بارغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ھالبۇكى مەۋلانانىڭ سۈرىيەدىكى مۇتەسسەۋۋۇپلار بىلەن بولغان قويۇق ئالاقە ـ مۇناسىۋىتى، ئانادولۇغا كېلىشتىن ئىلگىرىلا باشلىنىپ بولغان ئىدى.

         1244ـ يىلى 30 ـ نويابىردا مەۋلانا جەلالىددىننىڭ كونيا كوچىلىرىدا شەمس تەبرىزى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى. شەمس تەبرىزى ئەنئەنىۋى تەرىقەتلەر بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئالاھىدە كېشىلىك ئوبرازغا ئىگە بىر زات ئىدى. ئۇ ئۆز پىكرى ۋە تەلقىنلىرى بىلەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مەۋلانادا چۇڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى. مەۋلانا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزىگە ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى ۋە گۈزەللىكىنى ھەقىقىي مەنىدىن كۆرسىتىپ قويغان شەمس تەبرىزى بىلەن قەلبلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، باشقا بىر ئالەمدە بىرلىكتە ياشاشنى باشلىدى. مەۋلانا ئەمدىلىكتە تەسەۋۋۇپنىڭ ئىچكى ئالىمىگە شۇڭغۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزىگە ھېچ كىشى كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئائىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۈپ شەمس تەبرىزى بىلەن بىرلىكتە تەسەۋۋۇپنىڭ چۇڭقۇرلۇقلىرىدا گويا غايىپ بولۇپ كەتكەن ئىدى. بىراق ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلى شەمس تەبرىزى ئاخىرى كونيادىن كېتىپ قالدى. مەۋلانا جەلالىددىن بۇنىڭدىن قاتتىق قايغۇرماقتا ئىدى. بۇنى كۆرگەن ئوغلى سۇلتان ۋەلىد ئاخىرى سۈرىيەگە بېرىپ شەمس تەبرىزىنى قايتۇرۇپ كەلدى. بىراق بۇ ئىككى مۇتەسسەۋۋۇپنىڭ قەلب بىرلىكى ئۇنىڭ ئائىلىسى تەرىپىدىن قەتئىي ياختۇرۇلمايتتى. شۇنىڭ بىلەن شەمس تەبرىزى ئاخىرى 1247 ـ يىلى گەپ ـ سۆزسىزلا ئوتتۇرىدىن يوقاپ كەتكەنچە، قايتا كۆرۈنمىدى. بىراق شەمس تەبرىزىنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە كونيادا بۈگۈنمۇ ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغانلىقى يېقىنقى دەۋر تەتقىقاتلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

        شەمس تەبرىزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بۇ سۆيگۈ ۋە سېغىنىش، شۇنداقلا ياخشى كۆرگەن كىشىسىدىن ئايرىلىپ قىلىشنىڭ ئوتىدا پۇچىلانغان جەلالىددىن رۇمى شىئىر يازىدىغان، نەي چېلىپ، ساماغا چۈشىدىغان بولۇپ قالدى. 30 مىڭدىن ئارتۇق سوپىستىك شېئىرلىرى ۋە نۇرغۇن ساندا رۇبائىلىرى بىلەن شەمس تەبرىزىگە بولغان سۆيگۈسىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىنى  ئىپادىلەپ بەردى.

        ئۇنىڭ ئوغلۇ سۇلتان ۋەلىدنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئاخىرى شەمسنى ئۆز ۋۇجۇدىدا كۆرۈشكە ۋە شەمس ئايغا ئوخشاش پارلاشقا باشلىغان. شۇڭا مەلانا جەلالىددىن رۇمى دوستى بىلەن مۇجەسسەملىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ يازغان نۇرغۇنلىغان شېئىرىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئەمەس، بەلكى شەمسنىڭ ئىسمىنى يېزىش ئارقىلىق قەلب سۆيگۈسىنى ھەمىگە ئايان قىلغان ئىدى. مەلانا جەلالىددىن رۇمى «دىۋانى شەمس» ناملىق ئەسىرىدىمۇ ئۆز سەرگۈزەشتلىرىنى شېئىرلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن ئىدى.

        ئۇنىڭ شېئىردا ئىشلەتكەن تىلى قانداقتۇر مەقەددەس رۇھانىيەتتە ياكى مەۋھۇم ئۇقۇملار ئارىسىدا يوقۇلۇپ كەتمەيتتى، بەلكى كۈچلۈك، رېتىملىك ۋە جانلىق ھالدا ئىلگىرىلەپ بەزىدە خەلق تىلى بىلەن بىرلىشىپ كېتەتتى. خۇددى تارىخشۇناسلار ئېيتقاندەك، شېئىرىلىرنى نەينىڭ، داپنىڭ ياكى ئالتۇننى سوقۇۋاتقان زەرگەر بولقۇسىنىڭ ئاۋازى ۋەياكى بۈك باراقسان باغلاردا تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرىنى سەيلە قىلىۋىتىپ، تۈگمەن تېشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن خۇدىنى يوقاتقان ھالدا يازغانلىقىمۇ مېنىڭچە ئانچە ئاساسسىز بولمىسا كېرەك. 

        دەرۋەقە جەلالىددىن تەبىئەتتە دىننىڭ نۇرىنى يەنى، شەمسنىڭ پارلىغان گۈزەللىكىنى تاپىدۇ. گۈل ـ چېچەكلەر بىلەن قۇشلارنىڭمۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭ شىئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئايلىنىپ ساماغا چۈشكەن چېغىدا ئېيتىلغان ئىدى.

    ***************************************************

        شەمس تەبرىزى ۋاپات بولۇپ، ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ زەرگەر سالاھىددىن زەرقۇب ئىسىملىك بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئىنتايىن يېقىنلىشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. بىر كۈنى جەلالىددىن رۇمىنىڭ كونيا بازىرىدا سالاھىددىن زەرقۇبنىڭ دۇككىنىدىن چىقىۋاتقان بولقا ئاۋازىدا مەست بولۇپ ساماغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ. زەرقۇپ ئۇزۇن مەزگىلگىچە مەۋلاناغا ھەمراھ بولغان ئىدى. زەرقۇبنىڭ قىزىمۇ مەۋلانانىڭ ئوغلى بىلەن ئۆيلەنگەن ئىدى.

        مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى بۇ پاك سۆيگۈ ـ مۇھەببەتنىڭ ھېسېسىياتى بىلەنمۇ شېئىر يېزىشقا باشلىدى. سالاھىددىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇھەببىتى ھۇسامىددىن چەلىبىگە يۈزلەندى. ئەڭ ئاتاقلىق ئەسىرى بولغان «مەسنىۋى»نىمۇ ھۇسامىددىننىڭ تەسىرى بىلەن يازغان ئىدى. ھۇسامىددىن مەۋلاناغا سۇپىستىك تەربىيەسىنى لەتىفە، ھېكايە، خەلق ماقال ـ تەمسىللىرى ۋە ئۇزۇن ـ ئۇزۇن شېئىرلار  بىلەن چۈشەندۈرىدىغان ئاتتارنى ۋە سەنائىينى ئۆرنەك ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. مەۋلانا جەلالىددىن ھۇسامىددىننىڭ بۇ تەۋسىيەسىگە رىئايە قىلىپ، «مەسنەۋى»نىڭ تەخمىنەن 26 مىڭ بىيىتىنى مۇتەسسەۋۋۇپلارنى ۋە ئۆز ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىنمۇ قاتتىق سۆيۈلگەن مەزكۇر شائىرلارنى ئۆرنەك ئېلىپ يېزىپ چىققان ئىدى.

       مەسنەۋى 13 ـ ئەسىردىكى تەسەۋۋۇپ ئەقىدىسىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىدۇ، مەسنەۋى ئوقۇرمەنلەرنى ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە چۇڭقۇر ھاياجانغا سالىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەلۇم بىر چاغقا كەلگەندە، شائىرنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن تېمىلىرىنىڭ چۈشىنىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. شائىرنىڭ باشتىن كەچۈرگەن ئىلاھىي سۆيگۈ سەرگۈزەشتلىرىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۇرۈپ بېرىدۇ.

        مەۋلانا جەلالىددىننىڭ قارىشىچە، سالاھىددىن بىلەن ھۇسامىددىن  ھەممە نەرسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان نۇرنىڭ، يەنى شەمسنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چېقىشى ئىدى. شۇڭا ئۇ ھۇسامىددىنغا «ھەقىقەتنىڭ نۇرى» دەپ نام قويغان ئىدى.

        مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى مەسنىۋىنى يېزىپ پۈتكەزگەندىن كېيىن ئۇزۇن ياشىيالمىدى. ئۇ 1273 ـ يىلى 12 ـ دېكابىردا كونيادا ئالەمدىن ئۆتتى. ھازىرمۇ مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى كونيادىكى ئىلغار زاتلارنىڭ ئارىسدا مەڭگۈلۈك يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت رەھبەرلىرىدىن تارتىپ، خىرىستىيانلارغىچە بولغان ھەممىلا كىشىلەر ئۇنى دوست تۇتۇش بىلەن ماختىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇسامىددىن ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدى. ھۇسامىددىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بولسا، مەۋلانىنىڭ ئوغلى سۇلتان ۋەلىد ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەۋلىۋىلىك ئەقىدىسىنى بىرلىككە كەلتۈردى. مەۋلانىنىڭ ھاياتى ھەققىدە سۇلتان ۋەلىدنىڭ يازغان شېئىرلىرى ئۇنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنى يوروتۇپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم مەلۇمات مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. 

    مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.