ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 04

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-12 10:07:25

ئىبنى سىنا مىلادىنىڭ 980 ـ يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا غەربىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان بۇخارانىڭ «قورمىسىن» يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى بەلەخ تۈركلىرىدىن سىنا...

    ئىبنى سىنا مىلادىنىڭ 980 ـ يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا غەربىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان بۇخارانىڭ «قورمىسىن» يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى بەلەخ تۈركلىرىدىن سىنا ئوغلۇ ئابدۇللاھ ئىدى؟ ئۇ سامانئوغۇللىرى دۆلىتى دەۋرىدە بۇخاراغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، سامانئوغۇللىرى ھۆكۈمدارى ئەينى چاغدا ئۇنى دۆلەتنىڭ مەلىيە خادىمى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. سىنا ئوغلۇ ئابدۇللاھ ئافشىن ناھىيەسىدە تۈركمەن ئائىلىسىدىن بولغان يىلدىز ئىسىملىك بىر قىز بىلەن توي قىلدى. ئىبن سىنا بولسا ئەنە شۇ تويدىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەبۇل ئەلى ھۇسەين بولۇپ، كېيىنچە چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى بولغان «سنا» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئىدى.

    «سىنا» قەدىمقى تۈركچە سۆز بولۇپ، ئۇنى قەدىمقى تۈركلەر ئىسىم قىلىپ ئىشلىتەتتى. ئىبنى سىنانىڭ بوۋىسىنىڭ «سىنا» دېگەن ئىسمىنىڭ تۈركلەر مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى ئىشلىتىپ كەلگەن قەدىمى ئىسىم بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئىبنى سىنانىڭ ئەجداتلىرىنىڭ ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ بىرەر قەبىلسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. «سىنا» دېگەن سۆز قەدىمقى تۈرك تىلىدا «تەجرىبە قىلماق، سىنىماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

    ھەممىگە مەلۇمكى، ياۋروپانىڭ قەدىمقى ئالىملىرى ئۆز ئەسەرلىرىنى ئەينى چاغدىكى ياۋروپانىڭ ئەدەبىيات تىلى بولغان لاتىنچىدە يازغىنىغا ئوخشاش، ئىبنى سىنامۇ ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئەرەبچە، بىر قىسمىنى پارىسچە يەنە بىر قىسمىنى بولسا، باشقا تىللاردا يازغان ئىدى. ئەمما بۇ ئىش كېيىنچە ئىبنى سىنانىڭ مىللىتى ھەققىدە بەزى خاتا تونۇشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈركچىدە «سېن» دېگەن سۆز "تەجرىبە" دېگەن مەنىدىن باشقا يەنە، "رىئاللىق"، "شەكىل" ۋە "ھەيكەل" دېگەندەك مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. «سىن» دېگەن سۆز بولسا، "مازار" دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بىراق ئەرەپچە بىلەن پارىسچىدە، نە «سېن»، نە «سىن» دېگەن سۆزلەر مەۋجۇت ئەمەس. ئىبنى سىنا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇخارا ۋە بەلەخ شەھەرلىرى بولسا، شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ باياشات مەركىزى شەھىرى ئىدى. يىپەك يولى ئەشۇ شەھەردىن ئۆتىدىغان بولغاچقا تىجارەت مەركىزى بولۇپمۇ ھېسابلىناتتى. سودا ـ تىجارەت بىلەن باي بولغان تۈركىي خەلقلەر، غەربىي تۈركىستاندا ئۇلۇغ مەدەنىيەتلەرنى بەرپا قىلغان ئىدى. بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتە نۇرغۇنلىغان قەغەز زاۋۇتلىرى قۇرۇلغان ئىدى. بۇ جايدا ياشايدىغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆزىگە خاس تىل، يېزىقى بولغان ۋە تەرەققى قىلغانغا ئوخشاش، ماتېماتىكا، تەبىئىي پەن، ئاستىرنومىيە ۋە پەلسەپە ئىلمىدىمۇ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە، مۇزىكا، ناخشا ـ ئۇسۇل، ھەيكەلتاراشلىق، بىناكارلىق، گىلەم توقۇش ۋە ئويمىچىلىق ھۇنەر سنائىتىمۇ پەۋقۇلئاددە تەرەققىي قىلغان ئىدى.

    رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە 733 ـ يىلى بىر تۈرك خاقانى تاڭ سۇلالىسىغا ئايال سەنئەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ئۇسۇل ئۆمىكىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار جۇڭگودا ئويۇن قويغان، جۇڭگو خەلقى ئۇلارنىڭ ئوينىغان ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ ئاجايىپ ھەيران قىلىشقان.

    فارابىي بىلەن ئىبنى سىنانىڭ مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشىمۇ بەلكىم ئەنە شۇنداق سەنئەت ماكانىدا ئۆسۈپ، چوڭ بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

    تۈركلەرنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يالغۇز بۇلاردىنلا ئىبارەت ئەمەس ئىدى. تۈرك خاقانلىرىدىن يەنە بىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى جۇڭگو پادىشاھلىرىدىن بىرىگە 200 تۈرلۈك دورا ـ دەرمەك ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم. كېيىنچە ئەرەبلەر بۇ مەدەنىيەتلىك تۈرك يۈرتىنى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىنمۇ تۈركلەر، ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن ئىدى. ئەمەۋىيلەرنىڭ خوراسان ۋالىيسى ئابدۇللاھ ئىبنى زىياد تۈركلەردىن 2 مىڭغا يېقىن ئوقۇمۇشلۇق زاتنى ئەرەب بالىلىرىغا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشى ئۈچۈن ئىراققا ئەۋەتكەن ئىدى. ئەرەب دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم پەلسەپە ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشىغا ئەنە شۇ تۈرك ئالىملىرى سەۋەب بولدى.

    بۇ دەۋر نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق ئالىم ۋە پەيلاسوپلارغا تولغان دەۋر بولغان ئىدى. ئالىملار بۇ يەردە يۈكسەك مەدەنىي مۇھىت ياراتقان بولۇپ، ئىبنى سىنا دەل ئەنە شۇ بىلىم بۇلىقىدا يېتىشىپ چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى مۇنداق ھىكايە قىلىپ بېرىدۇ.

    *************************************************

    مەن بىر ئاز چوڭ بولغاندىن كېيىن دادام بىزنى ئېلىپ يەنە بۇخاراغا قايتىپ كەلدى. بۇخارادىكى بىر ئۇستازدىن تۇنجى قېتىم دەرس ئالدىم. 10 ياشقا كىرگەن چېغىمدا خېلى نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ قالغاندەك ئىدىم. يېشىم يەنە بىر ئاز چوڭ بولغاندا دادام مىنى ئابدۇللاھ نارىلى ئىسىملىك بىر ئالىمغا ئاپىرىپ بەردى. مەن ئۇنىڭدىن مەنتىق ۋە پەلسەپە دەرسى ئالدىم. شۇ چاغدا يەنە تىبابەتنىمۇ بىرلىكتە ئۆگەنمەكتە ئىدىم. 18 ياشقا كىرگەن چېغىمدا توختىماي ئوقۇيدىغان ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇلىنىدىغان بولدۇم. ھىرىپ قالسام بىرەر نەرسە ئېچىپ، قايتىدىن ئوقۇشنى باشلايتتىم. ئوخلاۋاتقان چېغىمدىمۇ مىڭەم ئۆقۇغان نەرسىلىرىم بىلەن مەشغۇل بولاتتى. بەزى مەسىلىلەرنى ئۇخلاۋېتىپ ھەل قىلاتتىم. كېيىنچە مېتافېزىكا ئىلمىگە قىزىقىپ قالدىم. ئارىستوتېلنىڭ مېتافىزىكىغا ئائىت كىتابلىرىنى تەخمىنەن 40 قېتىم ئوقۇغان بولساممۇ بىر نەرسە چۈشنەلمىگەن ئىدىم. بىر كۈنى كىتاب دۇككىنىدا كىتابچى ماڭا قولىدىكى بىر كىتابنى تەۋسىيە قىلدى. كىتابنى تەكشۈرۈپ كۆردۇم. ئۇ شۇ چاققىچە مەن چۈشىنەلمەي كېلىۋاتقان مېتافىزىكا مەسىلىرىگە ئائىت فارابىينىڭ ئەسىرى ئىدى. كىتابنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن ئىددىيەمدە ھېچ قانداق قىلىپ ئەقلىمگە سىغدۇرالمىغان مېتافىزىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بولغان ئىدىم. شۇ چاققا قەدەر چۈشۈنەلمەي كېلىۋاتقان ئارىستوتېلنىڭ كىتابىدىكى چۈشەنچىلىرىنىمۇ ئاسانلا چۈشۈنۈپ يېتەلىدىم. بۇ ئىش مېنى ئاجايىپ سۆيۈندۈرىۋەتكەن ئىدى. خۇشاللىقتىن مەن دەرھال ئاللاھقا دۇئا قىلدىم ۋە كەمبىغەللەرگە پۇل تارقاتتىم.

    مانا بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىبنى سىنانى پەلسەپىدە يېتىشتۈرگەن تۇنجى بۈيۈك تۈرك ئالىمى دەل فارابىي بولغان ئىدى.

    ****************************************

    بىر قېتىم تۈرك ھۆكۈمدارى سامانئوغلۇ نۇھ كېسەل بولۇپ قىلىپ، ئىبنى سىنانى چاقىرتتى. بۈيۈك ئالىم بىر تۈركۈم دورىلارنى ئىشلىتىپ ھۆكۈمدارنىڭ كېسىلىنى ساقايتتى. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمدار ئۇنى ساراي ئىچىگە ئالدى. ئىبنى سىنا سارايدا نۇرغۇن كىتابلار بىلەن تولغان چوڭ بىر كۈتۈبخانىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. ئىبنى سىنا بۇ كۈتۈپخانىدا فارابىينىڭ پەلسەپە ئىنسېكلوپىدىيەسىنى ئوقۇپ پەلسەپە بىلىمىنى تەرەققىي قىلدۈردى. 22 ياشقا كىرگەندە دەسلەپتە دادىسىدىن ئاندىن ھامايىچىسى بولغان ھۆكۈمدارىدىن ئايرىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇخارانى تاشلاپ خارزىمغا كەتتى. بۈيۈك ئالىم ئىنتايىن جاپالىق ئەمگەك قىلدى. چۈشەنچىلىرى تۈپەيلىدىن نەزەربەنتكە دۈچ كەلدى. بىلىمىنىڭ چۇڭقۇرلىقىدىن قىزغانچۇقلۇق ۋە كۆرەلمەسلىكنىڭ نىشانىغا ئايلاندى. شەھەردىن شەھەرگە كۆچۈشكە مەجبۇ بولدى. ئەنە شۇنداق جاپالىق ھايات ئىچىدە تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭ شۇنچە نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى قانداق يېزىپ پۈتكۈزگەنلىكىگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەقىل ـ ئىدراكى چاقماقتەك ھەرىكەت قىلىپ، ئۆتكۈر پىكىرلىرىدىن ھەر كاتتا پەلسەپە ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئۇ ئاخىرى مەڭگۈ ئۆلمەس ئالەمشۇمۇل پەيلاسوپقا ئايلاندى. ئۇ سىستېما ياراتقان پەيلاسوپ، تەڭداشسىز ئالىم، ئەڭ ئۇلۇغ تىبابەت ئۈستازى، ماتېماتىكا ئالىمى ۋە ئاستېرنوم بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختىن ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ قالدۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ سانى 221 گە يەتكەن ئىدى. مۇزىكا خۇددى كىتابلىرىغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ دائىملىق دوستى ئىدى. ئەينى چاغدا ياۋروپا مۇتەئەسسىپ پەلسەپىلەر گىردابىغا مەھكۇم غەپلەتتە ئوخلاۋاتقان بولسا، بۈيۈك تۈرك پەيلاسوپى ئىبنى سىنا دۇنيا مەدەنىيىتىگە شاھ ئەسەرلىرى ئارقىلىق تۆھپە قوشماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى غەرب ۋە شەرق ئەللىرىدىن ئىبارەت پۈتۈن دۇنيا ئاجايىپ قايىللىق بىلەن ئوقۇدى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى.

    ئىبنى سىنا ئەسەرلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئەرەبچە پەقەت بىر ـ ئىككىسىنىلا پارىسچە يازغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئانسېكلوپىدىيە ئەسىرى «ئەششىفا» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تىبابەتكە ئائىت ئەسەرلىرى تىبابەت دۇنياسىدا تاكى 16 ـ ۋە 17 ـ ئەسىرگە قەدەر ھۆكۈمرانلىقىنى داۋملاشتۇردى. ئىبنى سىنانىڭ ئەسەرلىرى 600 يىلغا قەدەر غەرب ۋە شەرقنىڭ تىبابەت ساھەسىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ پۈتۈن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇنىڭ كىتابى تەڭتوشى بولمىغان بىر شەكىلدە ئوقۇتۇلۇپ كەلدى. ئىبنى سىنا بۇ ئەسەرلىرىدە يازغۇچى، تەڭداشسىز كۆزەتكۈچى، بۈيۈك ئىجادكار، سۈپىتىدە كۆرىنىدۇ. كېسەللىكلەرگە قارىتا ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان مىڭلارچە رىتسىپى ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادىمۇ ئاساس قىلىنىپ كەلمەكتە.

    ئىبنى سىنا پەلەسەپىدە فارابىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بەك ئەسلىيەتچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يۇنان پەلسىپىسىنى ئىسلامغا ماسلاشتۇرۇش تىرىشقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇنى فارابىي بىلەن غەززالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل، دېيىشكە بولىدۇ. تىبابەتتىكى 600 يىللىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدىن باشقا يەنە پەلسەپىدىمۇ تاكى 17 ـ ئەسىرگە قەدەر ياۋروپالىق پەيلاسۇپلارغا چۇڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. ياۋروپادا (Avisen) دەپ تونۇلغان ئىبنى سىنا 1037 ـ يىلى 21 ـ ئېيۇندا دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان چېغىدا، دۇنيادا مەڭگۈ ئۇنتۇلماس نامىنى قالدۈرۇپ كەتتى. تۈرك خەلقى ئۇنىڭ بىلەن ئىپتىخارلىنىدۇ. بىز ئۇنى چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۈرك ئىبنى سىنا ئالىم