ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟ـــ جەريان ۋە پاكىتل

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-01 02:05:08

ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟ـــ جەريان ۋە پاكىتلار چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن ئازراق ئۆتكەندە، ترۇمېن ۋاشىڭتونغا يېتىپ كەلدى-دە، ئۇدۇل بلايېر سارىيىغا باردى. يىغىنغا قا...

    ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟ـــ جەريان ۋە پاكىتلار

     

          چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن ئازراق ئۆتكەندە، ترۇمېن ۋاشىڭتونغا يېتىپ كەلدى-دە، ئۇدۇل بلايېر سارىيىغا باردى. يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىدىن ئەچېسۇن، ۋېبېر، راسك،خىكسۇن، جېسۇپلار، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئەمەلدارلىرىدىن يوھانسون، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى پېرس، دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى فرانسىس مەتىۋز، ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى توماس فىنلېتېر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتاب باشلىقى لاۋتون كوللىنىس، ھاۋا ئارمىيە شتاب باشلىقى خويت ۋېندېنبېرگ، دېڭىز ئارمىيە شتاب باشلىقى فوررىستال شېرمەن ھەمدە برەدلېي قاتارلىق 13 ئادەم بار ئىدى. يىغىن رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن، خۇددى ھازىر مۇزاكىرىلىشىدىغان مەسىلە چاۋشيەن ۋەزىيىتى بولماستىن، بەلكى تەيۋەننىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدەك، يوھانسون برەدلېينى ئۇ مەك ئارسۇردىن ئېلىپ كەلگەن تەيۋەن ستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى ئەسلەتمىنى ئوقۇتتى. ئەچېسۇن بۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، ھەربىي تەرەپنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىگە ئىزچىل قىزىقمايۋاتقانلىقىنى، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بولسا جياڭ جيېشىدىن ۋاز كېچىش سىياسىتىدىن غەم قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ترۇمېن گەپنىڭ بېلىدىن ئۈزىۋەتكەنلىكتىن، بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنمىدى.
    كەچ سائەت يەتتىن 45 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، كەچلىك تاماقتىن كېيىن يىغىن رەسمىي باشلاندى. ترۇمېن ئەچېسۇننى ئاۋال سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئەچېسۇن دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ئاخبارات مەھكىمىسى تەمىنلىگەن چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدىكى تەھلىل دوكلاتىغا ئاساسەن، جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ ۋەزىيىتىنى بايان قىلدى. بۇ دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، شىمالىي چاۋشيەن ئارمىيىسى يەتتە كۈن ئىچىدە سېئۇلنى ئىشغال قىلىۋالاتتى ھەمدە 72 سائەتتىن كېيىن جەنۇبىي چاۋشيەنگە «تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تەكلىپى»نى بېرىپ، ئى سۇڭمەننىڭ تەسلىم بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئەگەر ئامېرىكا ئوتتۇرىغا چىقمىسا، جەنۇبىي چاۋشيەن بىتچىت بولاتتى. ئارقىدىن، ئەچېسۇن تەييارلاپ قويۇلغان تەكلىپىنى ئوقۇدى. ئەچېسۇننىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ ئىشخانىسىدا يالغۇر ئولتۇرۇپ، ھەرىكەت لايىھىسىنى ئويلانغان ئىدى. شۇڭا، ئوقۇغان تەكلىپ بىلەن چۈشتىن بۇرۇن كېڭەشكەن مەزمۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولغان ئىدى. ئۇ بۇنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى: (1) مەك ئارسۇر ھەربىيلەر ئاھالە تاۋاباتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى چاۋشيەندىن چېكىندۈرۈشى، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ، كىمپۇ، ئىنچون قاتارلىق جايلاردىكى ئايروپورت ۋە پورتلاردىكى ھۇجۇمنى چېكىندۈرۈشى لازىم. بىراق ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى قىسىملىرى پەقەت 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىلا ھەرىكەتلىنىشى كېرەك. (2) مەك ئارسۇرغا ھاۋادىن تاشلاش ۋە باشقا ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ كورىيە قىسىملىرىغا قورال-ياراغ ۋە تەمىناتلارنى تەمىنلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈش لازىم. (3) 7-فلوتقا دەرھال فىلىپپىندىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىن چىقىپ، شىمالغا مېڭىپ، ئۇرۇشنىڭ بۇ رايونغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەيۋەن بوغۇزىغا كىرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر تۈرلۈك باياناتنى ئېلان قىلدى: 7-فلوت تەيۋەنگە قارىتىلغان ھەرقانداق ھۇجۇمنى توسۇشى، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىشىنىمۇ توسۇشى لازىم. ترۇمېن سۆز قىستۇرۇپ، 7-فلوتقا دەرھال شىمالغا يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرسە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ فلوت بەلگىلەنگەن رايونغا بېرىشتىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    شۇنىڭدىن كېيىنكى مۇزاكىرىلەردە، ھەر بىرەيلەن ئوخشىمىغان كونكرېت تەپسىلاتلارنى سۆزلەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ تۈرلۈك تەكلىپنى قوللايدىغانلىقلىرىنى، يۇقىرىقىدەك ھەرىكەت قوللىنىشقا قوشۇلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. شېرمەن ۋە ۋېندېنبېرگ دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرى ئىشقا سېلىنسا، ھازىرقى ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ھاۋادىن زەربىسى ۋە دېڭىزدىكى كۈچلۈك بومباردىمانى بولسا جەڭ بەلكىم ئاياقلىشىشى مۇمكىن، دېيىشتى. كوللىنىس بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما زور كۆپ قىسىم ئادەملەر ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئىشلىتىشكە قارشى تۇردى. ترۇمېن يەنە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئەچېسۇننىڭ ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپىنى قوبۇل كۆرۈشنى قارار قىلدى. ترۇمېن ئۈچ خىل ئارمىيىنىڭ شتاب باشلىقلىرىغا زۆرۈر تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىپ، ب د ت شىمالىي چاۋشيەنگە ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىشى بىلەنلا دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكا قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىش ھەققىدە يوليورۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوللىنىسنىڭمۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، مەك ئارسۇرغا جەنۇبىي چاۋشيەنگە بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ياردەم بېرىش شەكلى ۋە يىراق شەرقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى كۈچىنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە بىرىنچى قول مۆلچەر قىلىش ھوقۇقىنى بەردى. ترۇمېن يەنە 7-فلوتنى مەك ئارسۇرنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى، ئۇنىڭ بازىسىنى ياپونىيىنىڭ ساسىبودا قۇرۇشنى قارار قىلدى. يىغىن سائەت 23 ئەتراپىدا ئاياقلاشتى.
    25-ئىيۇندىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئانچە ئاكتىپ ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئەكسىچە، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى بىرقەدەر ئاكتىپ ئىدى. دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىدە تەيۋەن مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقتىن، چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدىكى بۇ تەكلىپلەر ھەربىي تەرەپنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىمىدى. گەرچە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنى جەڭگە قاتناشتۇرۇش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى مەقسەد يەنىلا چاۋشيەندىن چېكىنىشتىن ئىبارەت ئەسلىدىكى لايىھىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش-توسۇماسلىق، جەنۇبىي چاۋشيەن ھاكىمىيىتىنى قۇتقۇزۇش-قۇتقۇزماسلىق قاتارلىقلاردا، روشەنكى، يەنىلا ئىككىلىنىپ قارار قىلىنمىغان ياكى ھېچبولمىغاندا مەسىلە ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغان ئىدى. ئۇنىڭدىكى سەۋەپ، ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بولمىغانلىقىدا ئىدى.
    26-ئىيۇن، دۈشەنبە.
    چاۋشيەندىن كەلگەن ئۇچۇر ئاقساراينى غەمگە چۆكتۈردى: جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى، شىمالىي چاۋشيەن قىسىملىرى بولسا قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار مەسىلھەتچىلەر ئۆمىكى ئى سۇڭمەننىڭ قىسىملىرىنىڭ خان گاڭدىن ئىبارەت بۇ 38-پاراللېل بىلەن سېئۇل ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر تەبىئي توسۇقنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىدىن گۇمانلاندى. باش ئەلچى مۇچىئو مەك ئارسۇرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، ـــ بۇ گېنېرال ئالاقزادە بولۇش ۋە ئالدىراقسانلىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايتتى ـــ سەھەر سائەت ئىككىدە، گەرچە ئۆزى يەنىلا سېئۇلدا قالسىمۇ، ئەلچىخانىنى سېئۇلدىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. ئى سۇڭمەننىڭ ھۆكۈمىتى بولسا سېئۇلنىڭ جەنۇبىدىن 240 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تېگۇغا يۆتكىلىشنى قارار قىلىپ بولغان ئىدى. مەك ئارسۇرنىڭ كېيىنرەك ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى ترۇمېننى ھەيران قالدۇردى:
    جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ 3- ۋە 5- دىۋىزىيىلىرىنىڭ سېئۇل يېنىدىكى جەڭگە پارچە-پۇرات قاتنىشىشى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىنى توسۇپ قالالمىدى، بۇ خىل تاجاۋۇزچىلىق ئۆتكەن ئىككى كۈندىكى دۈشمەن ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق تىرىشچانلىقى دەپ قارالدى، ئۇنىڭ مەقسىدى بولسا پايتەخت سېئۇلنى ئىشغال قىلىش ئىدى. دۈشمەن تانكىلىرى سېئۇلنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونلىرىغا كىرىپ كېلىۋاتىدۇ... نۆۋەتتىكى بۇ خىل تېز سۈرئەتتە ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا، يىراق شەرق قوماندانلىق شتابى چاۋشيەنگە ئەۋەتكەن ھەربىي ئىشلار تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى قايتىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرى شىمالىي چاۋشيەننىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىنى توسۇيالمىدى. دۈشمەنگە پايدىلىق ئامىل تامامەن ئۇلارنىڭ تانكا ۋە جەڭ ئۇچقۇلىرىغا ئىگە بولغانلىقىدا ئىدى. جەڭ ئەھۋالى كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار سانى يېتەرلىك قارشىلىق كۈچى ۋە جەڭ قىلىش ئىرادىسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ مۆلچەرىمىزچە، ناھايىتى تېزلا پۈتۈنلەت تارمار بولىدۇ.[5]
    چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن 15 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، جەنۇبىي چاۋشيەن باش ئەلچىسى چاڭ ميون ترۇمېنغا ئى سۇڭمەننىڭ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان خېتىنى تاپشۇردى. ترۇمېن ئەسلەپ مۇنداق دېدى:« چاڭ ميون ئىنتايىن مەيۇس كۆرۈنەتتى، يىغلىۋەتكىلى ئازلا قالغان ئىدى.» روشەنكى، ۋەزىيەت ئادەتتىن تاشقىرى جىددىي ئىدى.
    كەچ سائەت توققۇز بولغان چاغ، ترۇمېن يەنە بىر قېتىم بلايېر سارىيىدا جىددىي يىغىن ئاچتى، تۆنۈگۈنكى يىغىنغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كەيپىياتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. ئالدى بىلەن برەدلېي چاۋشيەننىڭ جەڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن لېنىيە بويىچە چېكىنىۋاتقانلىقىنى، «ئۈنۈملۈك قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە جەڭگىۋارلىقى»نى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقاتقانلىقىنى، سېئۇلنىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى خەۋپلىك» ئىكەنلىكىنى، شىمالىي چاۋشيەننىڭ تانكىلىرى «شەھەرگە قىستاپ كېلىپ بولغان»لىقىنى، ئى سۇڭمەننىڭ قىسىملىرىنىڭ «پۈتۈنلەي يىمىرىلەي دەپ قالغان»لىقىنى جاكارلىدى. ۋېندېنبېرگ دوكلاتىدا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سۆۋېت ئىتتىپاقى پاسونىدىكى ياك تىپلىق بىر ئۇچقۇنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ترۇمېننىڭ تەكلىپ بېرىش تەلىپىگە بىنائەن، ئەچېسۇن مۇنداق تەكلىپ بەردى:
    ـــ ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسى چاۋشيەن ئارمىيىسىگە ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىشى كېرەك. نۆۋەتتە ھەرىكىتى 38-پاراللېنىڭ جەنۇبىدىلا چەكلەنسە بولىدۇ.
    ـــ 7-فلوتقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ فورموساغا بولغان ھۇجۇمنى توسۇش، گومىنداڭچىلارغا چوڭ قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلماسلىقنى ئېيتىش، 7-فلوتقا ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى توسۇشىنى ئېيتىش كېرەك.
    ـــ ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى ئارمىيىسىنى كۈچەيتىش ھەمدە فىلىپپىن ئارمىيىسىگە بېرىدىغان ياردەمنى تېزلەشتۈرۈش كېرەك.
    ـــ ھىندىچىنىغا بولغان بولغان ياردەمنى كۆپەيتىش ھەمدە فرانسىيىلىكلەرگە بىزنىڭ كۈچلۈك بىر ھەربىي ئىشلار ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىش كېرەك.
    ـــ ئەگەر رەئىس جۇمھۇر يۇقىرىقى نۇقتىلارغا قوشۇلسا، رەئىس جۇمھۇرنىڭ قوللىنىلىدىغان ھەرىكەت تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆزىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەييارلانغان باياناتنى ئېلان قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن!
    ـــ ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدىغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، بىز يېڭى بىر قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى چاۋشيەنگە ياردەم بېرىپ، قوراللىق ھۇجۇمغا قايتۇرما زەربە بېرىش ۋە بۇ رايوندا تېنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىشىمىز كېرەك.[6]
    بۇ تەكلىپلەر بىردەك قوللاشقا ۋە رەئىس جۇمھۇر ترۇمېننىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى. بىراق، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرىغا ياردەم بېرىپ ئۇرۇش قىلىشى نەتىجىلىك بولامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىدە يەنىلا پىكىر ئىختىلاپى پەيدا بولدى. دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ كۆز قارىشى بىرقەدەر ئۈمىدۋار بولدى، بىراق قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتاب باشلىقى بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن ترۇمېن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى، كوللىنىس ۋە برەدلېينىڭ قايتا-قايتا تەخمىنىي ھېسابلىشى ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى كۆرۈنەرلىك يېتىشمەيدۇ، ئەگەر قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئىشقا سېلىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ خەلق ساقچىلىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش ۋە دۆلەت مەجلىسى (پارلامېنت)دىن مەبلەغ ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارالدى. ترۇمېن بۇنىڭغا قارىتا دەرھال تەتقىق قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.
    يىغىن پەقەت بىر سائەتلا داۋام قىلدى، ترۇمېن ھەم دېڭىز ئارمىيىسى ھەم ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيىسىگە ياردەم بېرىشنى، ئەمما پەقەت 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىلا ھەرىكەتلىنىشنى ئۇقتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. يىغىندىن كېيىن، پېرس دەرھال مەك ئارسۇرغا ئۇرۇش قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى: 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىكى «بارلىق ھەربىي نىشانلارنىڭ ھەممىسىگە ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىشقا بولىدۇ»، «دېڭىز ئارمىيىسى بارلىق دېڭىز قىرغىقى سۇ دائىرىسى ۋە پورتلاردا ئەركىن ھەرىكەت قىلسابولىدۇ.»
    مانا مۇشۇنداق قىلىپ، چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلاپ ئىككىنچى كۈنى، ئامېرىكا ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قېلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق كۈرىشىگە تۇنجى ئۇل تېشىنى قويدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشقا مەيلى بولسىمۇ، ئەمما كۈچى يېتىشمىگەنلىكى ۋە دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىشقا ئۈمىد باغلىغانلىقتىن دەرھال ھەرىكەت قوللانمىغانلا يېرى بار ئىدى. يەنە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئامېرىكا رەئىس جۇمھۇرى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرىنىڭ بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەندە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن ئېچىپ ئاتالمىش جەنۇبىي چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش قارار لايىھىسىنى تېخى ماقۇللىمىغان ئىدى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ بۇ مەسىلە توغرىلىق تېخى مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىغان ئىدى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللانغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ھەتتا ھېچقانداق تاشقىي جەھەتتىن قانۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئاقساراي بۇنى كۆڭلىگە ئالماي قالمىغان ئىدى. مەك ئارسۇر بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، «ياردەم چارىسى»نى دەرھال جەنۇبىي چاۋشيەنگە جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ «جەڭگىۋارلىقىنى رىغبەتلەندۈرۈش»كە ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، بىراق دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى قوشۇلمىدى، ۋېبېر جاۋاپ بېرىپ، رەئىس جۇمھۇر بىلەن دۆلەت مەجلىسى ئالاقىلىشىشتىن بۇرۇن، بۇ خەۋەرنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، «دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان قوللىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بىراق مەك ئارسۇر جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرىغا ئازراق روھلاندۇرۇش ئۇكۇلى ئۇرۇپ قويۇلمىسا، نەچچە سائەتكە قالمايلا ئۇرۇش ئاياقلىشىدۇ، دەپ قارىدى. شۇنداق قىلىپ، مەك ئارسۇرنىڭ قايتا-قايتا چىڭ تۇرۇۋېلىشى ئاستىدا، ۋېبېر بىلەن پېرس ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى، شەرتى بولسا ترۇمېننىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، بۇ قارارنى ئېنگلىز تىلىدا رادىئودا ئاڭلاتماسلىق ئىدى.
    27-ئىيۇن، سەيشەنبە.
    چۈشتىن بۇرۇن، ترۇمېن دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنى باشلاپ دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باردى. ئەچېسۇن ئەھۋالنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ترۇمېن دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسى ئۇنىڭغا تەييارلاپ بەرگەن باياناتنى ئوقۇپ، دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ باياناتقا قارىتا پىكىرىنى ئالدى. دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرى ترۇمېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىگە بىردەك قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولدى. كېڭەش ئەزاسى (پارلامېنت ئەزاسى) ۋىللىي ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىش دەرىجىسىنى سورىدى. يوھانسون ئېنىق جاۋاپ بېرىپ، مەك ئارسۇرنىڭ بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىش بىلەنلا دەرھال ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېڭەش ئەزاسى پەقەت ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەندە ھەربىي كۈچىنىڭ بارلىقىنى بىلۋالسىلا بولىدىغانلىقىنى ھەمدە رەئىس جۇمھۇر بۇ كۈچلەرنى يېتىشىدۇ دەپ قارىسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېڭەش ئەزاسى تايدىڭس دوكلات قىلىپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ھەربىي مەجبۇرىيەت كومىتېتى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەسكەر ئېلىش قانۇنىدىكى ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ھەمدە رەئىس جۇمھۇرغا خەلق ساقچىلىرى كۈچىنى يىغىش ھوقۇقىنى بېرىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. مەسىلە سىياسىي دائىرىگە بۇرالغاندىن كېيىن، ترۇمېن چۈشەندۈرۈپ، نۆۋەتتە قوللانغان ھەرىكەتنىڭ ب د ت نىڭ چاۋشيەن رايونىدىكى تېنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، تەيۋەن توغرىلىق بولسا، ئۇنىڭ بۇيرۇقىنىڭ قوشۇمچە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىكى مەقسەدنىڭ ھەرقانداق يېڭى بىر ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىدىن ساقلىنىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سۆھبەتتە يەنە ئامېرىكىنىڭ ب د ت غا سۇنىدىغان قارار لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىندى، بىر قىسىم سۆزنى تاللاپ ئىشلىتىش مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا، بۇ قارار لايىھىسىمۇ بۇ كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوشۇلۇشىغا ئېرىشتى. شۇ كۈنى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى رەھبىرى توماس دېۋېيمۇ تېلېفوندا ئەچېسۇنغا ئۆزىنىڭ باياناتىنى جاكارلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ چاۋشيەندىكى ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.