پەخەس! 40 تۈمەن يالغان يىگىرمە يۈەنلىك پۇل تارقىلىپ كەتتى

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-25 16:56:00

تۈنۆگۈن، مۇخبىر ،تۆمۈر يۇلى ساقچى تەرەپتىن ئىگە بولغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ، ساقچىلار 3-ئايدىكى يانچۇقىغا 4 تۈمەن يالغان پۇلۇپ سېلىپ تۇتۇلغان ئەردىن پايدىلىنىپ، ئىز بىسىپ زەربە بېرىپ، ئالا...

    تۈنۆگۈن، مۇخبىر ،تۆمۈر يۇلى ساقچى تەرەپتىن ئىگە بولغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ، ساقچىلار 3-ئايدىكى يانچۇقىغا 4 تۈمەن يالغان پۇلۇپ سېلىپ تۇتۇلغان ئەردىن پايدىلىنىپ، ئىز بىسىپ زەربە بېرىپ، ئالاھىدە خادىمنى يالغان پۇل سېتىۋىلىش خوجايىن سىياقىدا ياساندۇرۇپ، يالغان پۇل سودىسى قىلدىغان گۇرۇھنى قىزىقتۇرۇپ، بىر قېتىمدىلا تۇرالغۇ جايى تىيەنخې يېزىسىنىڭ مەلۇم بىر رايونىدىكى 4 يالغان پۇل سودىگىرىنى قۇلغا چۈشۈرگەن. 30 مىڭ دانە يالغان20 يۈەن قىممىتىدىكى خەلق پۇلى تۇرالغۇ جايىدىن تېپىلغان. پۇل قىممىتى جەمئي 600 مىڭ يۈەن. بۇ پۇل ئىنتايىن ئىنچىكلىك بىلەن ياسالغان بۇلۇپ، كۆز بىلەن پەرىق ئېتىش تەس، خەۋەر قىلىشقا ئاساسلانغاندا،6-ئاينىڭ 11 -كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بولغان 3كۈن ئىچىدە بۇ يالغان پۇل سېتىش گۇرۇھى گۇاڭجۇنىڭ ھەر-قايسى جايلىرىغا ئالدى كەينى بۇلۇپ 40 تۈمەن خەلق پۇلى قىممىتىدە يالغان 20 يۈەنلىك خەلق پۇلى تارقىتىۋىتىپ بوپتۇ.. پەخەس بۇلۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. مەنبە:سۇخۇ خەۋەر تورى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق