دەرستىن كېيىنكى خۇلاسىنى قانداق يېزىش كېرەك

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-13 16:39:00

دەرستىن كېيىنكى خۇلاسە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش جەريانى بولۇپ ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى خاتىرە يېزىش جەريانى ئەمەس . بولۇپمۇ دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ ، دەرسلى...

    دەرستىن كېيىنكى خۇلاسە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش جەريانى بولۇپ ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى خاتىرە يېزىش جەريانى ئەمەس . بولۇپمۇ دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ ، دەرسلىك يېڭىلانغاندىن كېيىن دەرستىن كېيىنكى خۇلاسە يېزىشنىڭ رولى ناھايتى مۇھىم بولۇپ قالدى . ئەمما ، بۇ ھەقتە ئوخشاشمىغان قاراش ۋە ئۇسۇللار مەۋجۈت . مەن بۇ ھەقتىكى كۆز قارشىمنى مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىن شەرھلەپ ئۆتىمەن :

    1. دەرستىن كېيىنكى خۇلاسىدە دەرس ئۆتۈش جەريانى ئەمەس، بەلكى دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان چاقناش خاراكېتردىكى مەسلىلەر ، گۇمانىي نۇقتىلار يېزىلىشى كېرەك .

    لېكىن ، ھازىر يېزىلىۋاتقان دەرستىن كېيىنكى خۇلاسىلەردە ئاساسەن دەرسنىڭ جەريانى يېزىلىۋاتىدۇ . دەرستىن كېيىنكى خۇلاسە بۇنداق يېزىلسا ، ئۇ پەقەت ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسخانىدىكى ئىش - پائالىيەتلىرىنىڭ قايتا ئەكىس ئېتىشى بولۇپ ، بۇ خىل تەكرارلىق ئارتۇقچە ۋاقىت ئىسراپچىلقىدىن ئىبارەت ، خالاس . تۆۋەندىكى ئىككى پارچە خۇلاسىگە قاراپ باقايلى :

    1) « مېنىڭ ئەقىدەم » ناملىق تېكىستىنى ئۆتكەندىن كېيىنكى خۇلاسە :

    (1) تېكىستىنى ئۆزۈم ئۈلگە ئاساسىدا ئوقۇپ بەردىم .

    (2) ئوقۇغۇچىلار تەلەپ بويىچە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى .

    (3) چۈشىنىكسىز سۆزلەرگە ئىزاھات بېرىلدى.

    (4) نوبېل مۇكاپاتى ھەققىدە توختالدۇق .

    (5) بەزى مەسلىلەر ھەققىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتۇق .

    (6) تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇلدى .

    2) « مېنىڭ ئەقىدەم » تېكىستىنى ئۆتكەندىن كېيىنكى خۇلاسە :

    (1) ئوقۇغۇچىلار « نوبېل ۋە نوبېل مۇكاپاتى » ھەققىدە ناھايتى ياخشى ئىزىدىنىپ كەلگەن .

    (2) « ئۇلۇغلۇق » بىلەن « ئاددىيلىق » ھەققىدىكى بەس - مۇنازىرە قىزىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى خېلى چوڭقۇرلاشتى .

    (3) « غايىپەرەسلىك » نىڭ تېكىستتىكى مەنىسى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ « خىيالپەرەسلىك » بىلەن بولغان پەرقىنى بىلىۋالدى .

    (4) ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى :

    <1> « مەن ئەللىك يىلدىن بېرى بارلىق زېھنى كۈچۈمنى ئىلمىي تەتقىقاتىغا سەرپ قىلىپ كېلىۋاتىمەن » دېگەن جۈملىدىكى « ئەللىك » سۆز سانلارنىڭ يېزىلىش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا خەتچىلەپ يېزىلغان . ئوندىن يۇقىرى سانلار ئادەتتە رەقەم بىلەن يېزىلىشى كېرەك .

    < 2> « كېيىن ئېرىم بىلەن ئىككىمىز بارلىقىمىزنى ئىلىم - پەنگە بېغىشلاپ ، ئاددىي قىرائەتخانا ئىچىدە جاپالىق تەتىقىقاتلارنى قىدۇق . ئاخىر مۇشۇ يەردە رادىينى بايقىدۇق » دېگەن مەسلە ئۈستىدە تالاش - تارتىش قىلدۇق .

    _ بۇ يەردە «قىرائەتخانا » دەپ خاتا ئىشلىتىلگەن . چۈنكى ،« قىرائەتخانا » كىتاپ ئوقۇيدىغان جاي ، ھەرگىزمۇ تەجىرىبە قىلدىغان جاي ئەمەس .

    _ بەلكى تەجىرىبخانىسى بولمىسا ، ئۆزىنىڭ ئاددىي قىرائەتخانىسىنى تەجىرىبخانا ئورنىدا ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن .

    _ تەجىرىبە جەريانىدا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . بەلكى نەزەرىيە تەتقىقاتىدا قىرائەتخانىدىن كۆپرەك پايدىلانغان بولۇشى مۇمكىن .

    _ « قىرائەتخانا » دا تەجىرىبە ئېلىپ بارسا ، ناۋادا تاسادىپى ھالدا خەتەر چىقسا ، قىممەتلىك كىتابلىرى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتمەمدۇ ؟

    ئوقۇغۇچىلار بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، دەرسخانا كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۋەتتى . مەن بۇ مەسلىدە تېخىمۇ چوڭقۇرراق ئىزدىنىش ئۈچۈن خەنزۇچە دەرسلىك كىتابنى كۆرۈپ چقتىم ھەمدە بۇ نۇقتىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم .

    دېمەك ، دەرستىن كېيىن يېزىلغان بۇ ئىككى خىل خۇلاسىدىن بىز تەبئىي ھالدىلا دەرستىن كېيىنكى خۇلاسىدە دەرس ئۆتۈش جەريانىدىكى يېڭى كۆز قاراش ، يېڭى مەسلىلەر يېزىلسا ، ئۈنۈمنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

    2. دەرستىن كېينكى خۇلاسىنى دەرسنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن يېزىش كېرەك .

    ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈشتىن ئاۋۋال دەرسلىكنى تەتقىق قىلىپ ، ئوقۇتۇش نىشانىنى بەلگىلەپ ، شۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ ، ئوقۇتۇش جەريانىنى لايىھىلەيدۇ . ئوقۇغۇچى پائالىيتىنىمۇ ئالدىن بەلگىلەپ چىقىدۇ. لېكىن ، بۇلارنى ئالدىن بەلگىلەپ چىققان بىلەن دەرسخانىدا قانداق مەسىلىلەر يۈز بېرىشنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ . گاھىدا ئوقۇتقۇچى ئالدىن پىلانلىغان مەزمۇنلار تۈگىمەي قېلىشىمۇ ياكى ئېشىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . گاھىدا ئالدىن تاللىۋالغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى سىنىپتىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ماس كەلمەي قېلىشىمۇ مۇمكىن . بۇلار بىزگە دەرستىن كېيىنكى خۇلاسىنىڭ دەرسنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن يېزىلدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . ئەمما، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا دەرسنى ئۆتمەي تۇرۇپلا ، ھەممە دەرسكە بىر خىل شەكلىدىلا خۇلاسە يېزىش ئەھۋاللىرى مەۋجۈت . بۇنىڭدىكى سەۋەبنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ :

    1) دەرستىن كېيىنكى خۇلاسىنىڭ رولى ، ئەھمىيتى ، يېزىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا بولغان تونۇشىنىڭ توغرا بولماسلىقى .

    2) بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشقا مەسئۇل رەھبەرلىرى دەرستىن كېيىنكى خۇلاسىنى ئالدىن يازمىسا ، سائەتلىك پىلانغا ئىمزا قويمايدىغان ئەھۋاللار بولغاچقا ، ئوقۇتقۇچىلار ئامالسىز ئالدىن يېزىۋاتىدۇ . بۇ ئاخىر بېرىپ ئوچۇقتىن ئوچۇق شەكىلۋازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ .

    3. دەرستىن كېيىنكى خۇلاسىنى ئادەتتىكى خۇلاسە دەپلا تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ .

    دەرستىن كېيىنكى خۇلاسە كېيىنكى ئوقۇتۇش ئەمەلىيتى ئۈچۈن « تەجىرىبە توپلام » ى بولالايدۇ . چۈنكى ، ئۇنىڭدا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك دەرس ئۆتۈش جەريانىدىكى يولۇققان مەسلىلەر ، گۇمانىي نۇقتىلار ، ئويلىنىشقا تېگىشلىك تەرەپلەر يېزىلىدىغان بولغاچقا ، ئۇ ، بىز ئۈچۈن ياخشى پايدىلىنىش ماتېريالى بولالايدۇ .

     

    شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق