ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 02

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-10 11:37:45

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇلۇغ مۇتەپەككۈرلەرنىڭ قىممىتى، ئۇلار ياشىغان دەۋردىكى يۈكسەك مەدەنىيىتىنى ۋە ماددى، مەنىۋى ئىستېتىكىسىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرەلىگەنلىكىدىنمۇ بەكرەك




    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 02
     
    فارابىي ۋە ئۇنىڭ ھاياتى
     
    يوللاندى 18.01.2011 08:18:37 UTC
    يېڭىلاندى 18.01.2011 08:18:37 UTC
    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر

    ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇلۇغ مۇتەپەككۈرلەرنىڭ قىممىتى، ئۇلار ياشىغان دەۋردىكى يۈكسەك مەدەنىيىتىنى ۋە ماددى، مەنىۋى ئىستېتىكىسىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرەلىگەنلىكىدىنمۇ بەكرەك، ئۇلارنىڭ ئەتراپقا چاچقان نۇرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە نەقەدەر بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. چۇنكى ئۇلار يالغۇز ئىلىم ـ پەن تەرەققىياتى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان يېڭى قەدەملەرنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى قانچىلىغان ئەسىرلەرگىچە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ساغلام ۋە توغرا چۈشەنچىنىڭ بايراقدارى بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن مىللەتلەرنى تارىخ سەھىپىسىدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە قىلىدىغان ئامىل دەل ئۇلارنىڭ پەيلاسۇپلىرى ۋە ئالىملىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ.

    *****************************

    10 ـ ئەسىردە چاقنىغان، ئارىدىن قانچە ئۇزۇن زامان ئۆتكەنسىرى شۇنچە كۈچلۈك پارلاپ، قىممىتى ئېشىپ ماڭغان فارابىيمۇ ئەڭ كاتتا مۇتەپپەكۈرلىرىمىزدىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە قىلغان خىزمەتلىرى يالغۇز تىرىشچانلىقى ۋە يۈكسەك ئەخلاقىي جەھەتتىنلا ئۆرنەك بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، مۇتەئەسسىپلىك ۋە گۇمانزىم ئاپەتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۆزگىچە تەپەككۈر ھەرىكىتى ئۈچۈن بەخش ئەتكەن سۈرئەت ۋە ئاچقان يىڭى يوللىرى بىلەنمۇ مۇھىم ئۆرنەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ ئۇلۇغ ئالىم، قەلبلەرنى ۋە ئەقىللارنى چىرماپ ياتقان جاھالەت بۇلۇتلىرىنى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەنقىدلەرگە يول ئاچماستىن، تىنچ، ساداسىز ھالدا تارقىتىۋېتىشكە تىرىشقان بولۇپ، ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدا كەڭ دائىرىلىك ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە يېڭى تەپەككۈر يولى ئاچقان ئىدى. بۇ ئارقىلىق يېڭى پىكىر، يېڭى نەزرىيەلەرگە ناقابىل تۇرالايدىغان بىر پەلسەپە سىستېمىسى بىلەن كائىناتنى چۈشەندۈرىدىغان بىر پىكىر سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىققان ئىدى.

    ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قەدىمقىي يۇنانلىقلار سۇقرات، ئەفلاتون ۋە ئارىستوتىلنى يېتىشتۇرۇپ چىققانغا ئوخشاش، تۈرك خەلقىمۇ فارابىي، ئىبىن سىناغا ئوخشاش مۇتەپەككۈرلارنى يېتىشتۇرۇپ چىققان ئىدى. شۇڭا دۇنيا ئىنسانلىرى ئارىستوتىلنى ”مۇئەللىمى ئەۋۋەل“ (يەنى تۇنجى ئۇستاز) دېسە، فارابىنى ”مۇئەللىم سانى“ (يەنى، ئىككىنچى ئۇستاز) دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ فارابىغا بېرىلگەن ئەڭ توغرا ئۇنۋان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    *********************************

    فارابىي 9 ـ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا غەربىي تۇركىستاننىڭ سەيھۇن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى فاراب شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ”ئورتار“ دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ شەھەر 6 ـ ئەسىردە زور سىياسىي تەسىرگە ئىگە بولغان بولۇپ، ئىران ۋە ۋېزانتىيە بىلەن جۇڭگونى تۇتاشتۇرىدىغان يېپەك يولى ئۈستىدىكى مۇھىم تۇرالغۇ جاي بولغانلىقى سەۋەبىدىن سودا مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ شەھەرگە ئەڭ دەسلەپ ئىسلام دۆلىتى بولۇپ قۇرۇلغان سامانىيلار ئاندىن قارىخانىيلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى. فارابىينىڭ دادىسى ئۇزلۇغ جەمەتىدىن ”تۇرخانئوغلى مەھمەد“ ئىسىملىك بىر ئەسكەر بولۇپ، شۇڭا فارابىيمۇ كېچىكىدە ”مەھمەد“ دەپ ئاتىلاتتى.

    ئۇ ھەممىگە تونۇلغان بىر ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىراق ۋە سۈرىيەدە تۇرغان چاغلاردا، ئۆز يۈرتىغا نىسبەت بېرىلگەن ھالدا ”فارابىي“ دېگەن تەخوللۇسنى ئېلىپ، ”ئەبۇ نەسىر“ (يەنى نەسىرنىڭ ئاتىسى) دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئىدى.

    ئوتتۇرا ھال بىر ئائىلىدە يېتىلگەن كېچىك مەھمەد فارابىي مىۋېلىك دەرەخلەرنىڭ يېقىملىق سايىسىدا، تەبىئەتنىڭ جەلپكار گۈزەللىكلىرى ئارىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدى. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىلىم تەھسىلىنى ئۆز يۈرتىدا تاماملىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇن سۈرگەن ھاياتى بويىچە كىشىلەرنىڭ ساختىپەز، ئىككى يۈزلىمچى مەنمەنلىكىدىن ئۇزاق، تەبىئەتنىڭ ساددا، ساپ گۈزەللىكلىرىگە مەپتۇن بولغان ئىنتايىن سەزگۈر سەنئەتكارانە كىملىكىنىڭ بىخلىرى، شەك ـ شۈبھىسىزكى، فاراب شەھرىنىڭ گۈزەل باغلىرىدىكى بالىلىق دەۋرىدە پورەكلەپ ئاچقان ئىدى. ئۇنىڭ ئىلىم تەھسىلى قانچە ئىلگىرىلىگەنسىرى، تاڭ سەھەردە ئويغىنىپ ھەممە نەرسىنى چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنۇش ۋە ئىددىيىسىدىكى شەك ـ شۈبھىلەرنى يوق قىلىش تىرىشچانلىقى شۇنچە ئېشىپ ماڭدى. ئۇ دەل شۇ خىل ئىشتىياقنىڭ ئۇتىدا پۇچىلىنىپ، ئەينى چاغدا كاتتا ئالىملىرى بىلەن نام چىقارغان ئىرانغا باردى. بۇ تارىخىي شەھەردە ئۆزى ئىزدەۋاتقان ئىلىم مەنبەسىنى تاپتى. پارىسچە ئۆگەندى. ئىلاھىياتچىلار، مەزھەپچىلەر ۋە تەرىقەتچىلەر ئۆزئارا توقۇنۇشقا چۈشكەن بۇ مۇھىت، ھەقنى ئىزدەش يولىدا ئانا يۈرتىدىن ئايرىلغان ھەۋەسكار ياشقا نىسبەتەن ئەڭ جەلپكار شارائىت يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان فەرابىي ئىزچىل تۈردە نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ دەرسىگە قاتنىشىشنى داۋاملاشتۇردى. نەشىر قىلىنغان خېلى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىپ، مۇھىم نۇقتىلارنى خاتىرىلەشكە باشلىدى.

    فارابىنىڭ ئىراندىكى ھاياتى ھەققىدە بىلىدىغىنىمىز ئاران مۇشىنچىلىكلا. ئۇنىڭ ئىرانغا قاچان بارغانلىقى، قايسى شەھەردە قانچىلىك تۇرغانلىقى ۋە قايىسى ئۇستازلاردىن قانداق دەرسلەرنى ئالغانلىقى ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇماتىمىز يوق. ۋەھالەنكى ئەگەر بۇلارنى بىلسەك ئىدۇق، ئۇنىڭ ئەسلى پىكرىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىزگە مەشئەل بولۇش رولىنى ئوينىغان بولاتتى.

    *****************************

    فەرابىينىڭ ياشلىق چېغىدا ئىراندىن ئىراققا كەتكەنلىكى مەلۇم، ئەمما ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. فەرابىينىڭ بىر قانچىلىغان تىللارنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىبنۇ خەللىقاننىڭ قارىشىچە، فەرابىي باغداتتا ئەڭ دەسلەپ ئەرەب ئەدەبىياتىغا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇنىڭ سەۋەبىي ئەرەب تىلىدىكى ئەڭ مۇقەددەس شاھ ئەسەر بولغان قۇرئانى كېرىمنى تولۇق ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشۈنۈپ يېتىشىنى ئارزۇ قىلغانلىقى بولىشى مۇمكىن. تارىخىي مەنبەلەر ئۇنىڭ باغداتتا ماددىي قىيىنچىلىقتا ھايات كەچەرگەنلىكىنى يازىدۇ. مەلۇم بولىشىچە، ماددىي قېيىنچىلىقىغا مەنىۋىي بايلىقى بىلەن مەلھەم سۈرمەكچى بولغان ياش ئوقۇغۇچى، تېخىمۇ ئىشتىياق بىلەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان. فەرابىي باغداتتا ئۆز غايىسىنى ۋە غايىسىگە يېتىشنىڭ يولىنى ئېنىق بەلگىلىۋالغان. مەشھۇر تۈرك ئالىمى ئەبۇ يەھيانىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ”مەتا“ ئىسىملىك بىر سۇريانى ئالىم بىلەن تونۇشۇپ دوست بولغان ۋە ئۇنىڭدىن پەلسەپە دەرسى ئۆگەنگەن.

    يەنى ئىبنۇ خەللىقاننىڭ بىلدۈرىشىچە، ياش فارابىي تازا ۋايىغا يەتكەن مەزگىلدە، باغداتتا ئۆزىنى قانائەتلەندۈرەلىگۈدەك ئىقتىدارلىق ئالىمنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، پەلسەپەدە نام چىقارغان سۇريانىي ئالىم يۇھەننانىڭ دەرسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھەررانغا كەتكەن. ئاتاقلىق تۈرك ئالىمى ”مەرۋېزى“نىڭ ئوقۇغۇچىلىردىن بىرى بولغان يۇھەننا، يۇنان ۋە ئىسكەندىرىيە پەلسەپەلىرىنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلغان بىر ئالىم بولۇپ، ھەرراندا يەنە سۈمەر، ئاقات، بابىل ۋە ئاسۇرغا تەۋە پەلسەپىۋى قاراشلارنى تەتقىق قىلىماقتا ئىدى. فارابىي ھەرراندا پەلسەپىدىن باشقا يەنە ئىلاھىيات ئىلمىي ھەققىدىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدى.

    بۇ نۇقتىمۇ ئۇنىڭ ئىراندىكى مەزگىلدە دىنىي مەزھەپلەردىن خەۋەرسىز قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. فارابىي باغداتقا قايتقىنىدا پوختا ئىلىمگە ئىگە بولغان بىر ئۇستازغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇ شەرق تىللىرى بىلەن بىرلىكتە غەرب تىللىرىنىمۇ ئۆگەنگەن ۋە ھەر ئىككى مەدەنىيەتكە ئالاقىدار پۈتۈن كىتاپلارنى دېگۈدەك ئوقۇپ بولغان ئىدى. بولۇپمۇ ئارىستوتىلنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى يۈزلىگەن قېتىم ئوقۇپ چىققان بولۇپ، ئۇنى ھەممەيلەندىن ياخشى چۈشۈنەتتى.

    ئۇ ئەمدىلىكتە پەلسەپىنىڭ چۇڭقۇرلۇقلىرىغا ۋە سىرلىق دۇنياسىغا شۇڭغۇپ كەتكەن ئىدى. ئەقلىنىڭ كۈچىگە ئىشەنگەن ھالدا كائىناتنىڭ سىرلىرىنى يېشىشكە تىرىشاتتى. ئەمما ئۇ ياشاۋاتقان مۇھىت قاراڭغۇ مۇتەئەسسىپلىككە تولغان بولغاچقا خىلۋەتكە ئۆتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. خىلۋەتتە ئولتۇرۇپ، پىكىر سىستېمىسىنى تەييارلاشقا ۋە ئەسەرلىرىنى يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى. فارابىنىڭ ھارران زىيارتىنىمۇ قوشقاندا باغداتتا زادى قانچە ئۇزۇن قالغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمىز. ئۇنىڭ باغداتتىن ئايرىلغان ئېنىق ۋاقتى 941 ـ يىلى بولۇپ، ناۋادا ئۇنى باغداتقا ئەڭ دەسلەپ 20 ياش ئەتراپىدا كەلگەن، دەپ قارىساق، ئۇچاغدا باغداتتا 40 يىل تۇرغان بولىدۇ. بۇ 40 يىل ھەم سىياسىي، ھەم مەزھىبىي توقۇنۇشلار نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇرەككەپ ئۆتكەن يىللار ئىدى. فەرابىي بۇ جەرياندا مەزكۇر توقۇنۇشلارنىڭ قورقۇنچلۇق ترادىگىيەلىرىگە شاھىت بولدى.

    پىكرى ئەركىنلىككە، مۇسبەت ئىلىم ۋە پەلسەپىگە ئاشىق سەنئەتكارانە روھقا ئىگە فارابىي، قاڭغۇ جاھالەت ئوتتۇرىغا چىقارغان قورقۇنچلۇق مەسىلىلەردىن قاتتىق ئازابلانغان ۋە قاتتىق ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى.

    ***********************************

    باغداتتا ئەۋج ئالغان بۇنداق جاھالەت مۇھىتىدا ئۇنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قالالىغانلىقىدىكى بىردىن ـ بىر سەۋەب، خىلۋەتكە ئۆتىۋالغانلىقى، ئاددى ـ ساددا ھايات كەچۈرگەنلىكى، كىتابلىرىنى يالغۇز ئۆزىلا تاللاپ، زىيالىيلارغا تونۇشتۇرغانلىقى، ئۆز پىكرىنى پەقەت شۇلار بىلەنلا ئورتاقلاشقانلىقى ئىدى.

    ئۇ دائىم پىكرى ئەركىنلىككە ۋە ئىلىمنىڭ ئازاتلىقىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان بىر مۇھىتنى سىغىناتتى. شۇڭا مىسىرنىڭ تۈرك سۇلتانى ئاقشىد يېڭىلا ھۆكۈمرانلىقنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئالغان شامدا، ئۆزى ئىزدەۋاتقان مەزكۇر ئەركىن مۇھىتقا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلدى. فەرابىي 941 يىلى شامغا باردى. سۇلتان ئاقشىد ئۇنى كاتتا ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالدى. شامدا شۇنچە ئۇزۇندىن بۇيان سىغىنغان ئەركىن مۇھىتقا سازاۋەر بولدى. باغداتتىكى چېغىدا باشلاپ قويۇپ، تامالىيالمىغان ئەسرلىرىنى شامدا، ياپ ـ يىشىللىق ئارىسىدا، ئۈرۈك دەرەخلىرىنىڭ سايىسى ئاستىدا پۈتتۈرۈشكە تىرىشتى. ئەسەرلىرىگە يېڭىلىقلارنى قوشتى. ئاندىن 946 ـ يىلى مىسىرغا بېرىپ، 948 ـ يىلىغا قەدەر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى. شۇ يىلى ھەلەپنىڭ ھۆكۈمرانى سەيفۇد دەۋلەنىڭ دەۋىتىگە بىنائەن سۈرىيەگە قايتىپ كەلدى. سەيفۇد دەۋلە ئاتاقلىق قەھرىمان شۇنداقلا بىلىمگە بولغان مۇھەببىتى ۋە چۇڭقۇر بىلىمى بىلەنمۇ ھەممىگە تونۇلغان كىشى بولۇپ، ئۇ فارابىيغا ئىنتايىن كاتتا ھۆرمەت كۆرسەتتى. ئۇنى يېنىدىن ھېچ ئايرىمايدىغان بولدى. فەرابىينىڭ سەنئەتكار روھى تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرىگە ئوخشاشلا مۇزىكىدىمۇ بىر ئىلھام مەنبەسىنى بايقىغان ئىدى. شۇڭا فەرابىي يالغۇز مۇزىكا ھەۋەسكارىلا ئەمەسن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، كاتتا سەنئەتچى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.

    «قانۇن ناملىق سازنىڭ ئىجادكارى» دەپمۇ نام چىقارغان ئۇستازنىڭ مۇزىكىدىكى ئىقتىدارىمۇ پەلقۇئاددە تەسىرلىك ئىدى. 950 ـ يىلى شامدا ۋاپات بولغان بۇ مەشھۇر پەيلاسوپىمىز، ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرى ئارىسىدا بىلىم ۋە ئۇتۇق جەھەتتە تەڭدىشىنى ئاز ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئالىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.