ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 03

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-11 12:24:16

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 03فارابىينىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ پىكىرلىرى ھەققىدەئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەرئۇ نەرزىيەنى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە پىكىر سىستېمىسىنىڭ ئاساسىنى ياراتتى. ئۇنىڭ پەلسەپەسى "...

    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 03

     فارابىينىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ پىكىرلىرى ھەققىدە 
    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر
     

     

    ئۇ نەرزىيەنى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە پىكىر سىستېمىسىنىڭ ئاساسىنى ياراتتى. ئۇنىڭ پەلسەپەسى "spiritualism" (يەنى رۇھانىيلاشتۇرۇش) پەلسەپىسى بولۇپ، مېتودى ئەقىل ئىدى. فارابىي پىكىر ۋە ئىرادە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. سۇقرات پەلسەپىنى كۆكتىن يەرگە چۈشۈرگەن بولسا، فارابىي ئۇنى يەر يۈزىگە يايغان ئىدى. ئۇ ئاران بىر بۈردە نان ۋە بىر قۇر كېيىم بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزگەن ئىدى، ھېچقاچان دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىگە قاراپ باقمىدى. ئۇ ئەمەل ـ مەنسەپلەرگە قەتئىي قىززىقمايتتى. پەقەت تەپەككۈر قىلىش ۋە يېزىش بىلەنلا شۇغۇللىناتتى. ئىنسانلارغا ئادىمىيلىكنى ئۆگىتىشكە تىرىشاتتى.

    فارابىي ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ئەخلاق پەيلاسوپى ئىدى. روھىي دۇنياسىنىڭ سىرلىرىغا جان پىدا قىلىش ئۈچۈن مۇزىكا بىلەنمۇ مەشغۇل بولدى. "قانۇن" دەپ ئاتىلىدىغان چالغۇ ئەسۋابىنىمۇ ئۇ ئىجاد قىلغان ئىدى. يۇنان مۇزىكىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، كلاسسىك تۈرك مۇزىكىلىرىنى ئىشلەپ چىقتى ۋە نوتىغا ئالدى. ھەتتا بۇ ھەقتە مەخسۇس ئەسەر يېزىپ، مۇزىكىنىڭ فېزىكا بىلەن، تىبابەت بىلەن ۋە ئاستېرنومىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مۇزىكا بىلەن كېسەل داۋالاشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تېرىشقان، مۇزىكىدىكى 12 مۇقامنى يۇلتۇزلارغا كۆرە مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى.

    فارابىي ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر سىستېمىسىنىڭ ئۆز نامى ئاستىدا تارقالغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدى. چۈنكى ئەينى چاغدا دەنالىقتا تەڭداشسىز بۇ تۈرك ئالىمىنىڭ ھاياتىنى تونۇتىدىغان، تارقاپ ئەسەرلىرىنى جەملەپ، پىكىرلىرىنى كەڭ يايىدىغان شارائىت يوق ئىدى. شۇڭا پەلسەپە بىلىمىنىڭ ئاساسىنى فارابىنىڭ پىكىرلىرىدىن ھاسىل قىلىپ، نام چىقارغان ئىبن سىنامۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە فارابىنىڭ نامىنى ئاران بىر قانچە يەردە تىلغا ئالغان ئىدى. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن ئىسلام دۇنياسىدا پەلسەپىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان كىشى فارابىي تۇرۇغلۇق، بۇ شەرەپ ئوتتۇرا ئەسىردە شەرقتە ئىبىن سىناغا ۋە ئەندۇلۇستا ئىبنى رۇشدىگە بېرىلگەن ئىدى. غەرب دۇنياسىدا «ئىسلام پويلاۇسۇپلىرى» دەپ تونۇلغان كىشىلەرمۇ شۇلار بولغان ئىدى. تاكى 20 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا قەدەر ياۋروپا ئىلىم دۇنياسىدا فارابىينىڭ نە نامى، نە ئەسەرلىرى تونۇلمىغان ئىدى. 19 ـ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدە فارابىي ھەققىدە تۇنجى قېتىم ياۋروپادىن يۇقىرى باھا بەرگەن سادالار يۈكسىلىشكە باشلىدى. گېرمانىيە ئالىملىرىدىن ستېنسچىنېدېر، 1896 ـ يىلى پېتېرسبورگ بىلىم ئاكادىمىيەسىگە فارابىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان كەڭ دائىرىلىك بىر تەتقىقاتنى سۇندى. شۇنىڭ بىلەن تا شۇ چاققىچە ياۋروپادا نامى تونۇلمىغان فارابىي قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ، پەلسەپە تارىخىدىكى ھەقىقىي ئورنىغا ئىگە بولدى.

    **********************************

    ھەممىگە مەلۇمكى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ پىكىر ھەرىكىتى قۇرئان كەرىم بىلەن باشلىنىپ، پەن ـ تېخنىكا تېمىلىرى ئەتراپىدا تەرەققىي قىلدى. دىنىي پىرىنسىپلار ھەققىدىكى ئوخشاش بولمىغان قاراشلار خېلىي نۇرغۇن مەزھەپلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. بەزىدە بۇلار ئارىسىدا مۇھىم توقۇنۇشلارمۇ يۈز بەردى. مۇتەئەسسىپ قاراشلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەزھەپلەرنى كۈلكىلىك ھېس قىلىدىغان زىيالىلار بىلەن ئىلمىي پىرىنسىپقا ئىگە مەزھەپلەرنىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشى ۋە بىر ـ بىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان داۋالىرىنى ئاساسسىز قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ، بىر ـ بىرىنى «توغرا يولدىن ئازغان» دەپ ئەيىبلەشلىرى نەتىجىسىدە، كەڭ ـ كۆلەملىك گۇمانىزىم دەۋرى باشلاندى. بۇ ئەھۋال زىيالىيلارنى خاتىرجەمسىزلىك ۋە ئۈمىدسىزلىككە سۆرىگەن بولسا، جاھىل مۇتەئەسسىپلەرنى، دىن نامىدىن خۇراپاتلىقلارنى يېيىش ۋە خەلققە زورلۇق ـ زومبۇلۇق قىلىش پاتقىقىغا سۆرەپ كىردى.

    دېمەك، خۇددى ئىسكەندەر ئاسىيانى فەتھى قىلىشنى باشلىغان دەۋرلەردە يۇنان دۇنياسى قانداقسىگە راھىپلار تۈپەيلى گۇمانىزىمچىلىققا پاتقان بولسا ۋە ئارىستوتېلنىڭ ئەرتاپقا چاچقان نۇرى بىلەن ھەقىقىي ئىلىم ـ مەرىپەتكە ئىگە بولغان بولسا، ئىسلام دۇنياسىمۇ ئەينى چاغدا بۇ بۇرۇقتۇملۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دەل شۇنداق بىر نۇرلاندۇرغۇچىغا مۇھتاج ئىدى. تۈرك پەيلاپوسى فارابىي دەل ئونە شۇنداق ئېھتىياجلىق بىر دەۋردە ئۇزۇن سۈرگەن ئۆگۈنۈش يىللىرىنىڭ تەجرىبىسى بىلەن مەيدانغا چىقتى. يېڭى مېتودلارنى ئاساس قىلغان پەلسىپىۋى سىستېمىسىنىڭ ھۇلىنى سالدى. شۇنىڭ بىلەن ھەقلىق شەكىلدە فارابىي «ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئۇستازى» دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشتى.

    شۇڭا فارابىي ئىسلام دۇنياسىدا يۈكسەلگەن پەلەسەپە مەكتىپىنىڭ قۇرۇغۇچىسى ۋە ئىسلام پەلەسەپىسىنىڭ تۇنجى مېمارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ باغلىنىشچان پىرىنسىپلارنى ئاساس قىلغان پەلسەپە سىسىتېمىسى نەزرىيە، تەلىماتلىرىغا ئوخشاشلا نادىر ئىدى. فارابىينىڭ مەقسىتى ئالدى بىلەن ئىنساننى توغرىغا ۋە ھەقىقەتكە باشلايدىغان ئامىللارنى ۋە مېتودلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاندىن شۇ مېتودلارغا ئاساسەن فېزىكا بىلەن مېتافېزىكا ئوتتۇرىسدىكى باغلىنىشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىسلام دىنى قائىدە ـ قانۇنلىرى بىلەن ئىلىم ۋە پەلسەپە نەتىجىلىرىنى ئۆزئارا ماشلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداق قىلغاندىلا مۇسۇلمانلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن يېراقلاشتۇرماستىن، ئىلىم ـ پەن ساھەسىدە ئالغا ئىلگىرلەش چۈشەنچىسىگە ئىگە قىلغىلى بولاتتى. نەتىجىدە چاھالەتپەرەسلەرگە قارشى ئىلمىي كۈرەش ئېلىپ بارالايدىغان بىر كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلانغان بولاتتى. فارابىينىڭ ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى ئاساسلار بىلەن ئىسلام قانۇنى ئوتتۇرىسىدا ماسلىشىشچانلىقنى پەيدا قىلىش يولىدىكى ئىجادىيەتلىرى، ئۆتكۈز ئەقىل ۋە چۇڭقۇر بىلىم مەنبەسىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇنىڭ بۇ ئىجادىيەتلىرى، پەلسەپە سىېتمېسىنى تۈپ مەنبەگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە پەلسەپە تارىخىدا يۈكسەك بىر مەقامغا ئېرىشتۇردى.

    ئۇستاز فارابىينىڭ بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن ئەخلاقىغا ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق چۇشەنچىسى ئارقىلىق ماشلاشتۇرۇش جەھەتتىكى تەڭداشسىز ماھارىتىگە قايىل بولماي تۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ پەلسەپەسىنىڭ مېتافىزىكىلىق تەرىپى بولسا، كائىناتنىڭ يارىتىلىشى جەريانىدا يالغۇز بىرلا باشلانغۇچتىن كۆپ خىللىق ئالىمىگە ئۆتكەنلىكىنى، يەنى، (كائىناتنىڭ يارىتىلىش جەريانىنى) چۈشەندۈرەتتى. خۇددى دىكارتنىڭ «پەلسەپەنى بىر دەرختكە ئوخشاتساق، ئۇنىڭ يىلتىزى مېتافىزىكا، شاخلىرى فىزىكا بولىشى لازىم» دېگەن قارىشىغا ماس شەكىلدە بىرلىكتىن كۆپلۈككە ئىلگىرلەش شەكلى بىلەن مېتافىزىكا ئالىمىدىن فىزىكا دۇنياسىغا قەدەم قوياتتى.

    *******************************

    فارابىينىڭ ئىجتىمائىي سىياسەتتىكى قارىشىنى مۇنداق خۇلاسىلاشقا بولىدۇ؛

    ئىنسان ئىجتىمائىي بىر مەخلۇقتۇر، يارىتىلىشى ۋە بىر ـ بىرىگە بولغان ئېھتىياجى سەۋەبىدىن بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇر. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى، خىزمەت ساھەسى، ئەخلاقى شۇنداقلا ئىجتىمائىي ساھەلىرىدە ئۆزئارا سۆيگۈ ۋە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىش ئارقىلىقلا تەرەققىي قىلالايدۇ.

    فارابىي ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ماسلىشىچانلىقنى مۇشۇ ئىككى ئاساسقا باغلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ ھاكىمىيەت شەكلى جۇمھۇرىيەت ئىدى. قارىبىينىڭ ئىلگىرى سۈرگىنى، سىياسىي تەشكىل ھەمكارلىقى ۋە تۇنجى بىرلىكى ئىدى. بۇنىڭدىن تېخىمۇ كەڭ تېخىمۇ يۈكسەك تەشكىللەر مەيدانغا كېلەتتى. ئەڭ ئالىي سىياسىي غايە بولسا، ئازات بىرلەشمە دۆلەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە پۈتۈن دۇنيانى ئۆز ئىچىدە ئالىدىغان دۇنيا دۆلەتلىرى بىرلىكىگە يۈزلىنىش ئىدى. فارابىي ئائىلىدىن باشلىغانچە، جەمەت، قەبىلە، ئىرىق ۋە بىر پۈتۈن مىللەت بولۇش باسقۇچلىرىنى تاماملىغان شۇنداقلا خەلق بولۇش سالاھىيتىگە ئىگە بولغان ئىنسانلار توپى ئۈچۈن دەسلەپكى «سىياسىي بىرلىك» دەپ قوبۇل قىلغان غايىۋىي بىرلەشمە دۆلەتنى گويا بىر ئىنساننىڭ بەدىنىگە ئوخشىتاتتى. ھەر بىر دۆلەت پۇقرالىرى شۇ بەدەننىڭ پارچىلىرى بولۇپ، ھەر بىرى باشقىلار بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئۆز دائىرىسىگە كۆرە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك ئىدى. خىزمەت دائىرىسى پۇقرالار ئارا ھەمكارلىقنىمۇ مەيدانغا كەلتۈرەتتى. بۇنداق بىر دۆلەتتە پۇقرالار خاپىلىق بىلەن خوشاللىقىنى تەڭ ھېس قىلىدىغان بولالايتتى. پۇقرالارنىڭ بىر قىسمىغا كەلگەن خاپىلىق، ھەممەيلەننى تەڭ ئازاپلايدىغان بولاتتى. ۋەزىپە جەھەتتە ئەڭ ئالىي ۋە ئەڭ ئېغىر يۈك جۇمھۇر رەئىسنىڭ ئۈستىگە ئارتىلاتتى. جۇمھۇر رەئىسنىڭ رولى خۇددى بەدەندىكى قەلبنىڭ رولىغا ئوخشايتتى. ئۇ يالغۇز سىياسىيلا ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۈستىگە ئالغان بولاتتى. سىياسىي جەھەتتە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا بىرىنجى دەرىجىلىك مەسئۇلىيەت ئىگىسى ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى. ۋەكىللەر ۋە دۆلەت خادىملىرى ئۇنىڭدىن ئالغان بۇيرۇق بويىچە تېز سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت قىلاتتى. ئەخلاقى جەھەتتىن جۇمھۇر رەئىس پۈتۈن خەلققە نىسبەتەن ئەخلاق ـ پەزىلەتنىڭ ئىلغار ئۈلگىسى بولىشى لازىم ئىدى. چۈنكى دۆلەت ئىچىدىكى خاتىرجەملىك ۋە شات ـ خوراملىق ئۇنىڭ تالانت ـ ئىقتىدارىغا ۋە ئالاھىلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولاتتى. دۆلەت مەسئۇلى ئەقىللىق، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى كۈچلۈك، گەپ ـ سۆزى ياخشى، قەلبىي پاك كىشى بولىشى لازىم ئىدى. يالغاندىن ۋە يالغانچىلاردىن ئۇزاق تۇرۇپ، ئادالەتنى ۋە ئادىل كىشىلەرنى قوغدىشى كېرەك ئىدى. جۇمھۇر رەئىس پەزىلەتلىك كىشى بولۇشى، باشقىلارنىڭ ھېس قىلالمىغانلىرىنى ھېس قىلالايدىغان، چۈشىنەلمىگەنلىرىنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيدىغان، ئىلىمگە باي، يىراق كۆرەرلىكنى ئاساس قىلىدىغان مەنتىقىسى بولغان، ئۆزىنىڭ دۇرۇستلۇقى بىلەن ۋەتەنداشلارنى خاتىرجەم، بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە قىلىدىغان بولشى لازىم ئىدى. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ بارلىق شەرتلەرنىڭ بىرلا كىشىدە تېپىشلىشى ئىنتايىن تەس بولۇپ، شۇڭا ئۇنىڭدا تېپىلمىغان ئالاھىدىلەرگە ئىگە ياردەمچىلەر ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىنغاندا پۈتۈن يېتەرسىزلىكلەر تولۇقلانغان بولاتتى.

    *******************************

    ھاكىمىيەت دادىدىن ئوغۇلغا مىراس قالىدىغان ئىمپېراتورلۇقنىڭ مەركىزىدە ياشىغان، ئەتراپىدا ئۇرۇش ۋە ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش ئارقىلىقلا ھۆكۈمەتنى ئالقىنغا كىرگۈزكەنلەردىن باشقا ھاكىمىيەت ئۆرنىكى بولمىغان بىر مۇھىتتا ياشاپ ئۆتكەن تۈرك پىشىۋاسى فارابىينىڭ، ئىنسانىيەتنى بەختىيار قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ سىياسىي غايىسى، ھەقىقەتەنمۇ ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان كاتتا ئېتوپىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئىنسانىيەت 20 ـ ئەسىردە ۋە ئىككى چوڭ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئويلاپ يېتەلىگەن دۇنيا دۆلەتلىرى بىرلىكى (يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) تەسەۋۋۇرىنى، فارابىينىڭ شۇنىڭدىن ساق 1000 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغانلىقى بىزنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ. ھەممىمىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئورتاق بەخت ـ سائادەتكە ئىگە قىلىش يولىدا ھارماي تالماي ـ ئەمگەك قىلغان بۇ ئۇلۇغ ئالىمغا چۇڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.