ئەرلەر بىر يىلدا 24 كۈن خوتۇنىنى كۆرۈشنى خالىمايدىكەن

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-23 16:39:25

ئەنگلىيەدىكى مەلۇم بىر تەتقىقات ئورنى ئونمىڭغا يېقىن ئەر ئۈستىدە ئۇزۇن يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، توي قىلغان ئەرلەرنىڭ بىر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە سائەت ئوتتۇز ئالتە مىنۇت يالغۇز يۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بايقىغان.


    ئەرلەر بىر يىلدا 24 كۈن خوتۇنىنى كۆرۈشنى خالىمايدىكەن
     
    ئەنگلىيەدىكى مەلۇم بىر تەتقىقات ئورنى ئونمىڭغا يېقىن ئەر ئۈستىدە ئۇزۇن يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، توي قىلغان ئەرلەرنىڭ بىر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە سائەت ئوتتۇز ئالتە مىنۇت يالغۇز يۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بايقىغان.
    ئەرلەرنىڭ بىر كۈندىكى سەگەك ۋاقتىنى، يەنى كېچىلىك ئۇيقۇنى ھېسابقا ئالمىغان ۋاقتىنى ئون ئالتە سائەت دەپ ھېسابلىساق، ئۇنداقتا بۇ ئۇلارنىڭ بىر يىلدا يىگىرمە تۆت كۈن ئون بىر سائەت خوتۇنىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
    تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن يەنە شۇ نەرسە بايقالدىكى، ئەرلەرنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاياللىرىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش ۋاقتى يەنىمۇ ئېشىپ بارىدىكەن. ئائىلىلەردىكى زاپاس ھۇجرا، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى باغچە، گۈللۈك، شۇنىڭدەك بويتاق ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى «پاناھ جاي» بولالايدىكەن.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-ساندىن ئېلىندى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەرلەر خوتۇن ئائىلە