تۇرمۇشتىكى ئاددى ساۋاتلار

يوللىغۇچى : yultuzay يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-05 11:44:12

باش يۇغان چاغدا سۇغا ئازراق تۈز سېلىۋەتكەندە، چاچ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاچچىقسۇ بىلەن چاچ يۇيۇپ بەرسە چاچ پاقىراپ سىلىقلىشىپ، كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، بولۇپ...

          باش يۇغان چاغدا سۇغا ئازراق تۈز سېلىۋەتكەندە، چاچ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
          ئاچچىقسۇ بىلەن چاچ يۇيۇپ بەرسە چاچ پاقىراپ سىلىقلىشىپ، كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، بولۇپمۇ بۇدۇر قىلدۇرغان  چاچلارنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئاسرىغاندا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى.
          چىش چوتكىلاشتىن بورۇن چىش پاستىسىغا ئازراق سودا ئارىلاشتۇرۇپ چوتكىلىسا، بىر نەچچە كۈندىن كىيىن چىش پارقىراق ھەم ئاقىرىپ چىش تاشلىرى ئۆزلىگىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.
         ھەر كۈنى چاي ياپراقچىلىرىدىن بىر نەچچە تالنى چايناپ بەرگەندە ئېغىز پۇراشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
         ياڭاق مېغىزىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئاغرىق چىشقا بىرنەچچە قېتىم بېسىپ بەرگەندە چىش ئاغرىقى قايتا قوزغالمايدۇ.
         ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاپېلىسىن شۆپىكىنى 15مىنۇت ئەتراپىدا شۈمۈپ ئاندىن تۈكۈرۋەتسە، بۇ خىل ئۇسۇلنى 3-5 قېتىمچە داۋاملاشتۇرسا خورەك تارتىش بىلەن چىش غۇچچۇرلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
         ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە بىر تالدىن نەشپۈتى يەپ بەرگەندە(ئاستا ئاستا يۇتۇپ)بۇ ئۇسۇلنى 3-4 قېتىم داۋاملاشتۇرغاندا ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى يەنى ئېغىز يارىسىنى دەرھال ساقايتقىلى بولىدۇ.
          ئاق تۇرۇپنىڭ شۆپۈكىنى ئىككى تەرەپ چېكە قىسمىغا چاپلاپ 20 مىنۇت تۇرغۇزۇپ بىرنەچچە كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
          غول پىيازنىڭ ئاق تەرىپىنى ئۇششاق پارچىلاپ،  تەخسىگە ئېلىپ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويسا،  تىنىچ، راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرۇرۇپ بەرگەندە ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى ساقايتقىلى بولىدۇ.
           يىقىلىپ كېتىپ قايرىلىپ زەخمىلەنگەن ئورۇنغا كۈدە بىلەن ئوغۇل بوۋاقنىڭ كىچىك تەرىتىنى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ چاپلاپ، بىر نەچچە سائەت  تۇرغۇزغاندا ئىششىق يېنىپ، زەخمىلەنگەن ئورۇن 2-3 كۈندە تولۇق ساقىيىپ كېتىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.