ئەسكى تۈسكى سۇلياۋدىن يىقىلغۇ ئايرىش ماشنىسى

يوللىغۇچى : ablimitt يوللىغان ۋاقىت : 2013-12-23 15:05:17

ماشىنا كامارلېرى ئادەتتە يىغىۋىلىنمايدۇ، بۇ ماشىنا بولسا ئەرزان يىغىۋىلىپ ، ئىچىدە تۈمۈر سىمى بار بىلەيزۈكىنى ئايرىۋىلىپ ، قالغىنىنى دېزىلغا ئايلاندۇرۇپ ئىشلەتسە ئنۈم ياراتقىلى بۇلىدىكەن، يەنە تارقىتىۋىتىلىدىغان ئىسسىقلىقىدا توك چىقىرىۋالسىمۇ بۇلىدۇ.

     ھازىر قارايدىغان بولساق ئەسكى-تۈسكى سولياۋنىڭ بىر قىسىملېرىنى قايتا پايدىلىنىشتا ئىشلەرمىگەچ ، يىغىۋالمايدۇ، ئەمما يىقىلغۇغا ئايلاندۇرۇش ماشنىلېرى رايونىمىزغا كىرىدىغان بولسا شۇ نەرسىلەرمۇ قىممەتلىك بۇيۇمغا ئايلىنىدۇ. 
    رەسىم
     بۇ خىل تاۋلاش قۇرۇلمىسىنىڭ قىزىتىش قىسمى يانتۇ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۈۋەن تەرەپتىن قىزىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر سائىتىگە 4.8 قىتىم ئايلىنىپ چىقىدىكەن. بۇ خىل قۇرۇلمىنىڭ باھاسىمۇ 100000دىن ئىشىپمۇ كەتمەيدىكەن.
    كۈپىنچە ئىشلىتىلىدىغان ماشنىلارنىڭ تاۋلاش قىسمىنىڭ سىغىمى 20 كۇۋادىرات بۇلۇپ،300 گىرادوس يۇقىرى تىمپىراتورىدا تاۋلايدىكەن ھەم تىمپىراتورا ئاپتۇماتىك كونتۇرول قىلىنىدىكەن. 15 توننا ماتىريال قاچىلىنىدىكەن، بىر قىتىم قاچىلانغان ماتىريال 7-8 كۈندە تاۋلىنىپ بۇلىدىكەن. تاۋلاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن 24 سائەت ئىشتىن تۇختىتىپ، تىمپىراتورىسى نورماللاشقاندىن كىيىن ئېغىزى ئىچىلىپ، قالدۇقلار تازلىنىپ، قايتا ماتىريال قاچىلىنىدىكەن.
      مايغا ئايلاندۇرۇش ئۈنىمى 45-%85 بۇلۇپ، #90 بېنزىن ۋە #0 دېزىل مىيى دۆلەت سۈپەت ئۆلچىمىگە يىتىدىكەن.
    ھەر توننا ئەسكى-تۈسكى سۇلياۋدىن 500-700 كىلو دېزىل مىيى ئايرىلىدىكەن، بىر ۋاقىتتا 50 كىلو ئەتراپىدا تەبئى گاز ئايرىلىدىغان بۇلۇپ، بۇ گاز قايتىلىنىپ، شۇ ماشنىنىڭ ئۆزىنى قىزىتىشتا يىقىلغۇ بۇلۇپ كۈيىدىكەن. بۇ ئارقىلىق تاۋلاشتا ئىشلىتىدىغان يىقىلغۇنى تىجەيدىكەن.
    ئادەتتە ئىشلەتمەيدىغان ئچ- تىشى كامارلارمۇ ماتىريال بۇلىدىكەن.
    مەن بۇرۇن قۇمۇل كۈمۈر كاندا كۈمۈرنى ماتىريال قىلىپ، ماي ئايرىغاننى، قالدۇق كۈمۈرنىڭ ئىسسىز كۈمۈر بۇلۇپ، يۇقىرى باھادا سىتىلدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
    دۆلىتىمىزدە ھەر كۈنى كىرەكسىز سولياۋدىن  30000000(30 مىليون) توننا بىر تەرەپ قىلىنىپ بۇلىنىدىكەن.
    رەسىم
    مەن زاۋۇت تەرەپ بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ باقتىم، ئۇلار بىخەتەرلىك مەسلىسىدىمۇ چاتاق يوق، بۇرۇنقىلارنىڭ ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدىغانلىقى، ئىشلىتىش ئۈمرىنىڭ قىسقا بۇپ قىلىشى سەۋەپلىك، بىز بۇنى بۇلتۇر يىڭىدىن تەتقىق قىپ چىقىپ سىتىۋاتىمىز دەيدۇ. 
    ھەممىمىزگە مەلوم، تەرەققىياتنى بەلگىلەيدىغىنى ئىنىرگىيە بولغاچ، تىرانسىپوت شىركەتلېرىدىن نەچچە خىرىدار تىپىۋالسىڭىزلا بۇ نەرسە بىر ئائىلىنى بىيىتىۋىتەلىگۈدەكدەپ ئويلىدىم. بۇلۇپمۇ مۇشۇ ئەسكى كامارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تەرپى ماڭا ياراپ كەتكەچ بۇنى يوللاپ قويدۇم. 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىنىرگىيە يىقىلغۇ