تارازا يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 18:25:19

تارازا يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەرۋاقىت تەۋەلىكى: 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچەتارازا يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى تارازا يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىز...

     

    تارازا يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

    ۋاقىت تەۋەلىكى: 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە

    تارازا يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى تارازا يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: بۇلار ئىنتايىن شۆھرەتپەرەس كېلىدۇ. ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇشنى ۋە باشقىلارنىڭ مەدھىيىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. پەقەت ماختاش، مەدھىيلەش سۆزلىرى بولسىلا راست-يالغانلىقىنى ئايرىماي، ھەممىسىنى قۇبۇل قىلىۋېرىدۇ-دە، ئوبدان كېلىدىغان تەلىيىنى بۇزۇپ قويىدۇ. يۇقىرى ئۆرلەش ئارزۇيىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، شۆھرەتپەرەسلىكتىن ئۆزىنى تارتسا، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يالغانچىلىقنىڭ بۇلارنى يامان قىسمەتكە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ب تىپلىق ياكى ئې تىپلىق بولغانلار: بۇلا رئىشنى چاپسان بېجىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئېزىلەڭگۈلۈكنى ياقتۇرمايدۇ. بۇ خىل تېز تۇتۇش قىلىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىش ئىستىكى بۇلارنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرسىمۇ، بەزىدە بۇلارنى ئۆز بېشىمچى قىلىپمۇ قويىدۇ. مۇھىم ئىشلارنى مۇستەقىل ئويلىنىپ قارار قىلىش بۇلارغا پايدىلىق. ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغاندىن  كېيىنكى ئىشلىرى تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ.

     ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى س تىپلىق ياكى ئېف تىپلىق بولغانلار: بۇلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى تولىمۇ بالدۇر باشلىنىدۇ. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا نەتىجە يارىتالايدۇ. شۇڭا قايسى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىش توغۇرلۇق بالدۇرراق نىشان تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئاشۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىسە، ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. بىراق ئۆزىگە زىيادە تەمەننا قويۇپ، يېنىدىكىلەرنى كۆڭۈلسىزلەندۈرمەسلىكى كېرەك. بولمىسا تېخىمۇ ياخشى بولغان تەرەققىيات ئىستىقبالىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ج تىپلق بولغانلار: بۇلار داڭلىق ماركا ۋە ھوزۇر-ھالاۋەت قوغلىشىدۇ. مول ماددىي بويۇملارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىنماي يۇقىرىغا يامىشىدۇ. ياش ۋاقتىدا كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ، بىراق ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغاندىن باشلاپ تەلىيى كېلىدۇ. شۇڭا، مۇھىمى كېيىنكى كۈنلىرىنى پۇختا پىلانلاپ، يىراقنى كۆزلەپ ئىش قىلسا، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ تولۇقلىيالايدۇ.  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.