ئەل قائىدىنىڭ يېڭى كاتتىۋېشى ئېنىق بولدى

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-19 09:47:29

ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئېلىپ بارغان بىر ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن مىسىرلىق سەيىف ئادىلنىڭ ئەل قائىدىنىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.ئەل جەزىرە تېلېۋ...



     

    ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئېلىپ بارغان بىر ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن مىسىرلىق سەيىف ئادىلنىڭ ئەل قائىدىنىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

    ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەيىف ئادىل ۋاقىتلىق رەھبەر بولغان، ھازىرچە مىللىتى ئاشكارىلانمىغان مۇستاپا يەمەنى بولسا ھەرىكەتلەرگە مەسئۇل كىشى قىلىپ بېكىتىلگەن.

    سەيىف ئادىل، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 1998-يىلى نايروبى ۋە دارۇسسالامدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانلىرىغا قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان شەخسلەردىن بىرى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

    ئىگىلىنىشچە، ئادىل 1990-يىللاردا سۇدان ۋە ئافغانىستاندا كۆپ ساندا ھەربىي تەلىم مەركىزى قۇرغان.

    ئەل قائىدە رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىن، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ پاكىستاندا بىر ئۆيگە قىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر - _