بالىلارنىڭ بادام بېزى ياللۇغلىنىپ قالسا...

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-26 16:54:47

مۇتەخەسسىس گاۋ يۈنخەي مۇنداق دېدى: «بەزى بالىلار زۇكام بولسىلا بادام بېزى ئىشىيدۇ، ھەتتا ئۈچ ھەسسە ئىشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا سوزۇلما خاراكتېرلىك بادەم بەز ياللۇغى، دەپ دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ،


    بالىلارنىڭ بادام بېزى ياللۇغلىنىپ قالسا...

    مۇتەخەسسىس گاۋ يۈنخەي مۇنداق دېدى: «بەزى بالىلار زۇكام بولسىلا بادام بېزى ئىشىيدۇ، ھەتتا ئۈچ ھەسسە ئىشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا سوزۇلما خاراكتېرلىك بادەم بەز ياللۇغى، دەپ دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ، ئۈچ ھەسسە يوغىناش ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. ئەمما قايتا-قايتا قوزغىلىدىغان سوزۇلما بادام بەز ياللۇغى بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. سوغۇق ئۆتۈش، بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەش، تۇرمۇش شارائىتى ئۆزگىرىش قاتارلىقلار بۇ خىل كېسەلنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ».
    گاۋ يۈنخەي يەنە مۇنداق دېدى: «سوزۇلما بادام بەز ياللۇغى ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىنمىسا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، بۆرەك كېسىلى، بوغۇم ياللۇغى ۋە ۋىرۇس مەنبەلىك قالقانسىمان بەز ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا بالىلاردا سوزۇلما بادام بەز ياللۇغى كۆپ قوزغالسا، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇخىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى بالدۇرراق ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئاقىلانىلىك».
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.