ۋاكۇئوملۇق تەييار يىمەكلىك تەييارلاش

يوللىغۇچى : ablimitt يوللىغان ۋاقىت : 2013-12-19 12:13:32

ھازىرقىتۇرمۇشرىتىمىغانىسبەتەن،ئەر-ئايالئىككىلىسىخىزمەتكەچىقىدىغانلارغائۆيدەتاماقيىيىشسەلقۇلايسىزبۇلۇپ،ئاياليىغىنياكىمەلومسەۋەپبىلەنۋاختىدائىشتىنچۈشەلمىسەتاماقنىسىرىتتايىيىشكەتۇغراكىلىدۇ،كۆپرەكداۋاملا...


     ۋاكوئوملۇق تەييار يىمەكلىك تەييارلاش 

       ھازىرقى تۇرمۇش رىتىمىغا نىسبەتەن، ئەرئايال ئىككىلىسى خىزمەتكە چىقىدىغانلارغا ئۆيدە تاماق يىيىش سەل قۇلايسىز بۇلۇپ، ئايال يىغىن ياكى مەلۇم سەۋەب بىلەن ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشەلمىسە تاماقنى سىرىتتا يىيىشكە تۇغرا كىلىدۇ،كۆپرەك داۋاملاشسا بىر تەرەپتىن ئۆيدە تاماق يىيىش ھۇزورىدىن قۇرۇق قالسا(مايلىق) يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادى زىيان، ئىقتىساتنىڭ زىيىنىمۇ بۇپتۇ، ئەڭ يامىنى ئەرئايالنىڭ گەرچە بىر يەردە تاماق يىسىمۇ، بىربىرىگە بولغان ئارلىقى يەنىلا يىراقلاپ قالىدۇ. ھەممە تاماق ياكى سەيلەرنى تەييارلاپ توڭلاتقۇدا قاتتىق توڭلىتىپ ساقلاپ يىگىلى بولمايدۇ.ھەممىمىز بىلىمىز، سۇيۇق تاماقمۇ ھىچقانداق ھاۋا بولمىغان مۇھىتتا ئۆزگىرىپ بۇزۇلۇپ قالمايدۇ. ۋاكۇئوملۇق قاپلاش ماشنىلىرى ھازىر باشقا ئۆلكىلەردە خېلىلا ئومۇملىشىپ قالدى، شۇڭا باھاسىمۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئەرزان بۇپ كىتىپتۇ(ئەلۋەتتە بەك ئەرزانلېرىنى پۇلىغا چۇشلۇق ئىشلەتكىلى بولماسلىقى مومكىن).بۇنىڭ نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنلىكلىرىگىچە بارئىكەن،رەسىمدىكى سائىتىگە 200-500 قىتىمغىچە دىگىنى سائىتىگە شۇنچىلىك خالتىلىق يىمەكلىكنى ۋاكۇئوملۇق مۇھىتتا يەملەيدۇ دىگىنى، شارائىتى بارلار ئۆزى تەييارلاپ، ساتسىمۇ ھەم بىر ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ تەييارلىغان يىمەكلىكىنى قاپلاپ بېرىشنىمۇ يولغا قويسا بەلگىلىك ئىقتىسادى كىرىمگە ئىگە بۇلالايدۇ.
    خىزمەتچىلەرمۇ دەم ئىلىش كۈنلىرى ھەپتىلىك يىمەكلىكنى تەييارلىۋىلىپ، تۇڭلاتقۇنىڭ توڭلىمايدىغان بۆلىكىدە ساقلاپ ئىستىمال قىلسىمۇ ئالى دەرىجىلىك تەييار يىمەكلىكلەردىن قېلىشمايدۇ ھەم چاشقان گۆشلۈك نەرسە يەۋالغاندىمەنمۇ دەيدىغان ئەندىشىمۇ بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.