10 نىڭ 27-دەرىجىسى

يوللىغۇچى : Arifbeg يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-13 08:40:04

10 نىڭ 3-دەرىجىسىگە «كىلو» ، 24-دەرىجىسىگە «يوتتا» دەپ ئات قويۇلغانلىقىنى بىلەتتۇق. 2010-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگىراف» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، خەلقئارا ئۆلچەم تۈزۈمىدىكى...

    10 نىڭ 3-دەرىجىسىگە «كىلو» ، 24-دەرىجىسىگە «يوتتا» دەپ ئات قويۇلغانلىقىنى بىلەتتۇق. 2010-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگىراف» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، خەلقئارا ئۆلچەم تۈزۈمىدىكى سانلارنىڭ دەرىجىسى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغاچقا ، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئائۇگۇستىن سوندەرك توردا 10 نىڭ 27-دەرىجىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تارىختىن بۇيان ئالىملار گرېك ياكى لاتىن تىللىرىدىن ئاتالغۇ ئىشلىتىش ئىزىدىن ماڭماي ئەكسىچە كالفورنىيەنىڭ شىمالىدىكى لى مىللىتىنىڭ ( ئىندىئان قەبىلىسى بولسا كېرەك ) تىلىدىكى بۇ « hella » دېگەن سۆزنى تاللاش تەكلىپىنى بەرگەن ھەم بۇ تەكلىپ بىردەك قوللاشقا ئېرىشكەن. بۇ سۆز لى تىلىدا «ناھايىتى كۆپ» دېگەن مەنادا ئىكەن! بۇ ئاتالغۇ بىلەن ئىپادە قىلىنىدىغان 10 نىڭ 27-دەرىجىسى قۇياشنىڭ ۋات سانى ، يۇلتۇزلار تۈركۈمى ئارا ئارىلىق قاتارلىقلارنى ئىپادە قىلىشتا ئىشلىتىلىدىكەن. (2010-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن )
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.