نورمال ئۇيقۇ زادى قانچە سائەت بولسا مۇۋاپىىق

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-04 17:07:00

3-سۇئال: نورمال ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى زادى قانچە سائەت بولغاندا ياخشى بولىدۇ ؟ ياكى ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە قاراپ ۋاقىتمۇ ئوخشىمامدۇ؟ جاۋاپ: ئادەم كۈنىگە زادى قانچە سائەت ئۇخلىسا ئاندىن مۇۋاپىق ئۇخلىغا...

    3-سۇئال: نورمال ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى زادى قانچە سائەت بولغاندا ياخشى بولىدۇ ؟ ياكى ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە قاراپ ۋاقىتمۇ ئوخشىمامدۇ؟

        جاۋاپ: ئادەم كۈنىگە زادى قانچە سائەت ئۇخلىسا ئاندىن مۇۋاپىق ئۇخلىغان ياكى فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجنى قاندۇرغان بولىدۇ؟ ئادەمنىڭ ئۇخلاشقا بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى ئوخشىمىغان ياشتىكى كىشىلەردە ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە بالاغەتكە يەتمىگەنلەرنىڭ ئۇخلاشقا بولغان ئېھتىياجى سەل كوپ بولىدۇ، يېشى قانچە كىچىك بولسا كۈندە ئۇخلاشقا بولغان ئېھتىياجى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ. يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئادەتتە كەم دېگەندە 18 سائەتتىن 20 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ. مەكتەپ يېشىدىن كىچىك بالىلار كۈنىگە كەم دېگەندە 12 سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىسا ئاندىن مۇۋاپىق ئۇخلىغان بولىدۇ. مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار كەم دېگەندە 10 سائەت ئۇخلىشى كېرەك. بالاغەتكە يەتكەنلەر ئادەتتە 7 سائەتتىن 9 سائەت ئارىلىقىدا ئۇخلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
        ئەلۋەتتە ئۇخلاشتا ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە يالغۇز ئۇخلاشقا سەرپ قىلغان ۋاقىتلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇخلاشنىڭ سۈپىتىمۇ ناھايىتى مۇھىم. بەزى كىشىلەر كۈنىگە 8، 9 سائەت ئۇخلاپمۇ ئۇيقۇسىغا قانماسلىقى مۇمكىن، يەنە بەزى كىشىلەر بولسا كۈنىگە 5، 6 سائەت ئۇخلاپلا ئۇيقۇسىغا قېنىشى مۇمكىن. ئادەتتە داۋاملىق ئاكتىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغان، تۇرمۇشقا ئۈمىدۋار قارايدىغان، بىرەر ئىشلارغا ئوڭاي ئاچچىقلىنىپ ياكى ئوڭاي خۇشال بولۇپ كەتمەيدىغان، كەيپىياتى خۇشخۇي، مىجەزى ئوچۇق كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ سۇپىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئاسان ئۇخلىيالايدۇ ۋە ئاسان ئۇيقۇسىغا قانىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق